مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 855|ئىنكاس: 13

غۇلجا vsموڭغۇلكۇرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81012
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3462
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:07:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
005358igq84c43qickikqo.jpg

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇ مۇنبەر ئەھلى ۋە شىنجاڭدىكى پۇتبول سۆيەر خەلقىم.  2013-3-31-كۈنى ئىلى ۋادىسىنىڭ مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەمدى گەپنى بىر باشتىن باشلايلى.

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىشتىن سىرىتقى كوماندا ئىلى دىيار كوماندىسى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ھۇررا كوماندىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن گۈزەل مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە قاراپ يول ئالدۇق... گەرچە يول يىراق بولسىمۇ ئازراق زىرىكىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا يولنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن بىردەمدىلا مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىسىگە يىتىپ كىلىپتۇق. بارساق مۇڭغۇل كۈرە ھۇررا كوماندىسىنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئەزاسى ئوسكار ۋە بىرنەچچە كوماندىدىكى سەبدىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى...

كىلىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك تەنتەربىيە سارىيىغا قاراپ يول ئالدۇق، پۇتبول مەيدانى ئىنتايىن گۈزەل تەبئىي گۈزەل جايغا ئورۇنلاشقان بولۇپ ھاۋاسى ساپ پۇتبول ئويناشقا تامامەن ماس كىلەتتى، شۇنداق قىلىپ مەيدانغىمۇ كىرىپ ئالدىراشلا بەدەن قىززىتىپ بىر مەيدان بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكەزمەكچى بولۇپ تەييارلىق قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ شۇ تەييارلىق بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى، بىزنىڭ كوماندىدىن 14 بالا مۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇق. ھۇررا كوماندىسى ساھىپخان قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان شۇ مۇڭغۇلكۈرەدىكى خىلى يۈزى بار كوماندا بولۇپ كوماندىسدا 26پۇتبول ئەزاسى بار ئىدى... مەيدان 24 سائەت ئوچۇق بولغاچقا پۇتبول سۆيەر مۇڭغۇلكۈرە خەلقى بىزنىڭ مۇسابىقىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ۋە ئالقىشلار بىلەن باشلىنىپ كەتتى




سىنى سۈيىمەن پۇتبول

بۇ بەدەن قىززىتىش مەشىق مۇسابىقىسىدە بىز 3-1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، مۇسابىقىنى تۈگىتىپ بولۇپ شۇ ھۇررا كوماندىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدۇق. ئەتىسى بولسا رەسمىي تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلىناتتى. تەكلىپ مۇسابىقىنىڭ بۇقىتىملىق دائىرىسى ھۇررا كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجىنىڭ يۈزى بىلەن ناھايىتى كەڭ بولدى، يەنى مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسسى، رىپىرلار گۇرۇپپىسى بولسا مۇڭغۇل كۈرەدىكى ئەڭ داڭلىق ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك رىپىرلار قويۇلدى...(رىپىرلارنىڭ سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ بۇ قىتىم ناھايىتى ئادىل بولغان مۇسابىقىنى تۈگەتتى)

شۇنداق قىلىپ سائەت 9 يىرىم ئەتراپىدا مۇسابىقىنى باشلىدۇق، مۇسابىقە باشلىنىپ 10مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ھۇررا كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى بىلەن يىراقتىن تىپىلگەن توپ بىزنىڭ ۋارتارنىڭ كىچىك سەۋەنلىكى بىلەن ساڭگىلاپ چۈشۈپ كىتىپ قالدى، كىيىن بىز كۈچەپ ھۇجۇم تەشكىللەش ئارقىلىق22مىنۇتتا كوماندا كاپىتانى ھەم ھۇجۇمچىسى ئىرلان قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان نۇقتا توپنى تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-1گە ئۆزگەرتتۇق، ئىككى كوماندىنىڭ ناھايىتى كەسكىن ئەمما دوستانە ھەم پاكىز تىركىشىشى بىلەن ئالدىنقى مەيدان 1-1نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى...

كىيىنكى مەيدانمۇ رىپىرنىڭ پۇشتەك ئاۋازى بىلەن باشلاندى، كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 10مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بىزنىڭ كوماندىنىڭ99-نومۇرلۇق ماھىرى يۈسۈپنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن بىز 2-1ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۇق لىكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ھۇجۇمنى قاتتىق كۈچەيىتكەن ھۇررا كوماندىسى تىزلا بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى...مۇسابىقە 85-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا توپ ھۇررا كوماندىسى مۇداپىيەچىسىنىڭ چەكلەنگەن رايوندا قولىغا تىگىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسابىقىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان نۇقتا توپ قويۇپ بىرىلىدى ۋە كوماندىنىڭ يانا بىر ھۇجۇمچىسى دىلمۇرات بۇ توپنى سالماقلىق بىلەن تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى3-2قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئىلى دىيار كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەندىن كىيىن ئومۇمى يۈزلۈك مۇداپىيەگە ئۆتتى. ھۇررا كوماندىسىمۇ شۇنچە ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ تەلەي تازا كۈلۈپ باقمىدى، 2 توپى قاپقا سوقۇپ كىرمەي قالدى...شۇنداق قىلىپ بۇ ئەھمىيەتكە تولغا 93مىنۇتلۇق مۇسابىقە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى...

ئاخىرىدا بىزنى تەكلىپ قىلغان مۇڭغۇلكۈرە ھۇررا كوماندىسى ۋە بىزنى قوللىغان مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك مەدىنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى، مۇڭغۇلكۈرە تىلۋىزىيە ئىستانىسسى، ئەڭ ئاخىرىدا ھۇررا كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجىكام ۋە ئوسكارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز

بۇ سەپەردىن شۇلارنى ھىس قىلدىمكى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشقا باشلاپتۇ، مەيدانلىرى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن 24 سائەت ئىچىۋىتىلگەن ئىكەن. بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى بولسا مۇڭغۇلكۈرە ھۇررا كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ مىھماندوسلىقى بولدى، ئاخىرىدا قايسى  ناھيە ، شەھەر   ،يەنى شىنجاڭ  تەۋەسىدە  بولسا  مۇشۇنداق پۇتبول دەپ سوقىۋاتقان يۈرەكلەرنى قوللاپ  بىرىشنى  چىن  دىلىمدىن ئۈمۈت  قىلىمەن  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مۇشۇنداق كىچىكلىكتىن چوڭايغۇسى...





قوشۇمچە...تىكەس داۋانلىرى

باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى تەستىقلاپ قويىشىنى  ئۇمۇت  قىلىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 11:13 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تاڭنۇر + 100 ئەھمىيەتلىك پائالىيە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 458
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:33:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



غۇلجا  پۇتبولى   جۈملىدىن  ئانا   يۇرتىمىز  پۇتبولىغا   غەلىبە  ،   زەپەر  تىلەيمىز ! ! !

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ،چىۋىن كىرەر كۆزىگە !!! https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 458
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:36:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بولسا  غۇلجىنىڭ   ياكى  موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرىلىرىنى  پۇتبول خۇشاللىقىغا قوشۇپ  


يوللىۋەتكەن  بولساق ،  تېخىمۇ  ياخشى بولاركەن   .  . .  

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ،چىۋىن كىرەر كۆزىگە !!! https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيىل دىيارىمىزدا مۇسابىقىلەر خېلى ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ جۇمۇ....

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ما يۇرۇتلاردىمۇ ئۆتكۈزسە بولاتتى مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى.......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3453
تۆھپە نۇمۇرى: 97
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئوغلۇمنىڭ قاتناشقانلىقىدىن بەك مىننەتدار بولۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندىن بۇيان مۇشۇنداق ياخشى ئشلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 06:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ بىزنىڭ ئاداشلارمۇ باكەنغۇ! ئېسىل ئېسىل...غۇلجىدا بولغان  بولسامزە  چوقۇم  باراتتىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4040
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 08:46:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ خوش بولدۇم...مۇسابىقە بەك قىزىغان ئوخشايدۇ....نەق مەيداندا كۆرۈشۆكە پۇرسەت بولماي قاپتۇدە....

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 11:52:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،تۆھپىكارلارغا رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش