مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 9

شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا يول قەيەردە؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90800
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:27:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىز ئۇيغۇرلار پۇتبۇل سۆيەر مىللەت ، پۇتبۇلنىڭ شىنجاڭدا ناھايتتى كەم ئاممىۋى ئاساسي بار .ئۆتكەن يىلى جۇڭگۇ ب دەرجىلىك ئادەتتىكى بىر مۇسابىقىگە شىنجاڭدا ئاتمىش نەچچە مىڭ تاماششىبىن كىلىپ مۇسابىقە كۆردى ، بۇ سان جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىللىردىمۇ ناھايتتى كەم ئۇچرايدۇ ، بۇنىڭدىن پۇتبۇلنىڭ شىنجاڭدا قانچىلىق تەسىرى بار ئىكەنلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.
   ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دىيارىمىزدا بىر كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇپ ، كىشلىرمىزنىڭ پۇتبۇلغا بولغان مەنۋى تەلۋىنى قاندۇرشىنى ئۆمۈت قىلدۇ. مەنمۇ ھەم شۇنداق ،بولسا ھەر ھەپتە ئاخىرى بىر مەيدان ئەزمەتلىرمىزنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرسەم دەيمەن . لىكىن ھازىرقى شارائىتتا دىيارىمىزدا بىر كەسپى كوماندىنىڭ بارلىققا كىلىشى ئانچە ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
1. ھازىر بىزدە توپ ئوينايدىغان توپچىللىرىمىز بار ، ناھايتتى كۆپ پۇتبۇل مەستانلىرمىز بار. پەقەت شۇ كوماندا قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە چۇشلۇق مەبلەغ كام . دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ بىر كوماندا قۇرۇپ بەرمەيدۇ ، چوقۇم بىرەر شىركەت ياكى كارخانا مەبلەغ بىلەت قوللىشى كىرەك . ھازىرقى ئەھۋالغا قارغاندا مىللى كارخانلىرمىزنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىللەپ كوماندا قۇرۇلۇشى مومكىن ئەمەستەك تۇردۇ. باشقا كارخانلارنىڭ تېخىمۇ مومكىن بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ ،ئۇلار پايدا چىقسا قىلىدۇ،زىيان تارتسا ياكى پايدا ئاز چىقسا قىلمايدۇ، خەق ھەرگىزمۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبۇلغا بولغان قىزغىنلىقىدىن تەسىرلىنىپ كوماندا قۇرۇپ بەرمەيدۇ دە!!!
2.بىزنىڭ ئىشتىن سىرىتقى پۇتبۇلچىلىقىمىز مەملىكەتتە ئالدىنقى سەۋيەدە. ياش-ئۆسمۈرلىرمىزنىڭ پۇتبۇل تالانتى ھەقىقەتەن ئۈستۈن، مەملىكەتلىك مۇسابىقىللەردە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەكتە. لىكىن پۇتبۇلدا تالانىت بولسىلا بولدىغان ئىش ئەمەس ، بەزى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە تەجرىبىسى ناھايتتى موھېيم. ئالدىنقى يلدىكى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسنىڭ ئويناش ئۇسۇلدىن قارغاندا بىزدە تەجىربە ناھايتى كام ، ماسلىشىش ناھايتى كام.شۇڭا كەسپى پۇتبۇل جەھەتتە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بولغان پەرقى يەنىلا ناھايتتى زور.بۇنى ئىچكىردە توپ ئويناۋاتقان توپچىللرىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بەزبىر تورداشلىرمىزىڭ شنجاڭدا كوماندا قۇرۇلسا بىرنجى يىللا ئا دەرجىلىك مۇسابىقگە ئۆرلەيدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە دەرجىدن تاشقىرى  مۇسابىقىگە ئۆرلەيدۇ دېگنى ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
3.بەزى كىشلەر شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئىستىقبالىنى دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشگە باغلاۋاتدۇ. مىنىڭچە بولسا بۇمۇ ئانچە مومكىن بولمايدىغان ئىش . جوڭگۇ پۇتبۇل جەميتىدە ناھايتتى چوڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بار . ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ پۇتبۇلغا ئشتىياقى بار ، توپنى ياخشى ئوينايدىغان باللارغا ئوينايدىغان توپ يوق ، شارائىت يوق . شۇڭا كۆڭۈل بۆلۈشلەرنىڭ ، ئىلغار سىياسەتلەرنىڭ ۋەتەنىمىزنىڭ ئەڭ يىراق سانىلدىغان يۇرتىمىزغا يتىپ كىلەلىشگە تېخى بالدۇر.
    يۇقىرقى سەۋەپلەر ۋە باشقا بىز بىلىپ-بىلمەيدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدن ھازىر شىنجاڭدا بىر كەسپى كوماندا قۇرۇش شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى. كەسپى كوماندا قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئىزچىل دەۋاملىشىپ كتىشى ناتايىن.شۇڭا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا يول قەيەردە؟؟؟
  مەنچە بولسا بىز يەنە ئۆزمىزگە تايىنىشىمىز كىرەك . باشقىلار ھەرگىزمۇ بىزگە كوماندا قۇرۇپ بەرمەيدۇ. بىز ھازىر ئىشتىن سىرىتقى كوماندىلارنى كۆپەيتىكەن ئاساستا مەبلەغ توپلىشىمىز، مىللي كارخانلىرمىزنى مەبلەغ چىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلشىمىز كېرەك . بولسا ياخشى توپچىلىلرمىزنى دەۋاملىق ئچكردىكى كوماندىلارغا چىقىرىپ تەجرىبە ئۈگۈنۈشىمىز كىرەك .ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتى بىلەن بولىدۇ .ئاللاھ خالىسا يەنە بەش يىل ئىچىدە كەسپى كوماندا قۇرۇلسا ، ب دەرجىلىك مۇسابىقىدە ئۇچ يىل ئويناپ چېنىقسا ، يەنە بەش يىل ئچىدە دەرجىدن تاشقىرى كوماندىغا چىقالسا مىنىڭچە ناھايتتى ياخشى بولىدۇ .  شۇڭا دەرجدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە شنجاڭ كوماندىسىنى كۆرۈش ئۇچۈن يەنە ئون يىلدىن ئون بەش يىلغىچە ۋاقىت كەتسىمۇ ناھايتتى ياخشى ئىش دەپ قارايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11095
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5019 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىش ئۆملۈكتە.كۈچ بىرلىكتە»دىگەندەك ھەممىمىز بىر نىيەتتە مەبلەغ توپلىساق،كارخانا ،شىركەت ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئاتىغىنى بەرسە،بىريىل ،ئىككى يىل،ھەتتا ئۈچ يىل مەبلەغ يىغساقمۇ ،تاما-تام كۆل تولار دىگەندەك ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولاتتى،يىغىلغان مەبلەغنى قانۇنلۇق بىر شىركەت باشقۇرۇپ پۇتبۇل تىجارىتى قىلىپ مەبلەغنى ئايلاندۇرۇپ كۆپەيتىشكە تىرىشسا،ئىشتىن سىرىتقى كۈلۇپلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ،كۆلەم دەئىرىسىنى كىڭەيتسە،ھەرقايسى يۇرىتلار كاماندىسىنى مۇسابىقىغە تەشكىللەپ  ھەپتىدە ياكى ئايدا مۇسابىقە ئويۇشتۇرسا ،بىلەتتىن ۋە ئىلاندىن كىرگەن كىرىمنى داۋاملىق مەبلەغ قىلسا،مىنىڭچە مۇنتىزىم كۇلۇپ ئاساسىنى سالغىلى بولارمىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى شۇ ئېقتىسادقا بىرىپ تاقىشىدىكەن،يىتەرلىك ئىقتىساد ۋە قوللاش بولسا مۇناۋۋەر توپچى،تېخنىكا ھەممىسى بولىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1928 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ھۈكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ بەرمىسىمۇ يەنە بولمايدۇ ، پۇل بىلەن ئادەمنى نەخ قىلغان بىلەن ھۈكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ بەرمىسە بىكار .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85161
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 12:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق..... ئېقتساد،تېرنىر،تېخنىكىلىق مەشىقلەندۈرۈش بولغاندىلا ئاندىن ياخشى پۇتبولچى يىتىشىپ چىقىدۇ،

خەپ شۇنداق بىر ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20096
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6523
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4589 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئەڭ چوڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دەل ھازېرقى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەميىتى40يېلدىن بىرى شىنجاڭ پۇتبول ئېشلىرىنىڭ بىر ئېزدا توختاپ قىلشىدا شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەميىتىدىكى سامان قوساق غالچىلارنىڭ مەئسۇلىيتى بار  ھازېر شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيتى تورپانلىق يولداشلارنىڭ ئەمەل مەنسەپ سۇيرىغانلىق سەھنىسى بولۇپ قالدى ئاتىسىدىن بالسىغا ئاچىسىدىن سىڭلىسىغا تاغسىدىن جىيەنىگە مىراس قالدىغان بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۇر...بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۇر يوقۇتۇلمايدىكەن شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئېشلىرىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ...ھازېرقى باشلىق ئابلەت ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئېلھام نەسېردىن يەنە ئالدىدىكى ئەزمەت..قاتارلىق كىشلارنىڭ ھىچبىرقايسى پۇتبولنىڭ نىمە ئېكەنلىگىنى زادى چۇشەنمەيدۇ  ھازىرقى دەلتە قۇماندەن ئابلەتنى ئېتساق سىپى ئۆزدىن ئاق نانچى پۇتبولنى قانچە ئادەم تىپىدۇ دەپ سورساق جاۋاپ بىرەلمەيدۇ....ئەھۋال شۇ تۇرسا يەنە نىمە بوتبول بىزگە  .....

خەپ شۇنداق بىر كۇنلەر كىلدۇكى .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5312
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:42:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
2012-يىلى 60000ئۇيغۇرنى بىريەر گە توپلىدى .سىزنىڭچە بۇنۇ قوللايدىغانلار چىقامۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73433
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3058
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا نىمە جىق پۇل جىق،نىمە كەم پۇل كەم ..........كىم دىگەن بولغىيتى بۇ گەپنى؟؟؟؟؟؟

ۋاقتى كەلسە سەنمۇ بىر پاي......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91805
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىقتساد مەسىلىسى يەنە ھۇكۇمەتنىڭ قولىشى كەمچىل شىنجاڭدا پۇتبول مۇسابىقىسى بولسا 40-50مىڭ ئادەم بېرىپ كۇرىۋاتسا بۇمۇ مۇقۇملۇققا نىسپەتەن بېسىم بۇلۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن، پۇتبولغا جىق پۇل كىتىدۇ BدىنAغا ئۆرلەپ قالسا چىقىم يەنە نەچچە ھەسسە كۆپ بۇلىدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەر بار . ئەگەر چوڭ گوروھلار نىڭ قولىشىغا ئىرىشسە ئۇنىڭدا ئاسان بۇلاتتى خۇلىڭ، گۇۋاڭخۇي دىگەندەك. لىكىن خلىقىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى يۇقۇرى چۇقۇم يېقىن كەلگۇسىدە بىر كىەسپى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بارلىققا كىلدىغان لىقىنغا ئشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماھىرلىرىمىزنى ساتىدىغان ئادەم سودىگەرلىرىمۇ يوق ئەمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش