رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
دىنى زات تىجەن مەدرىس مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۆلما بۇلبۇل قارى ھاجىمغا مەرسىيە.
ئاتۇشۇمغا يەنە كەلدى مۇسىبەت،
كۆز يېشىمنى يۇشرالمىدىم مىڭ قىلىپ.
ئاتۇشۇمدىن چىققان دېنى زات ئىدى،
بۇلبۇل قارىم كەتتى بىزنى يىغلىتىپ.
تىجەن مەدرىس ھەمىمىزگە تۇنۇشلۇق،
شۇ مەدرىسكە ئىمام ئىدى بۇلبۇلۇم.
ئاتۇشۇمغا ياغدىمىكىن بىر شۇملۇق،
مەرسىيەگە يىتشەلمىدى بۇ قولۇم.
ئارقا-ئارقا،كەتتى بىزدىن ئۈچ ئۆلما،
بۇندىن ئارتۇق بولماس بەلكىم يۇقۇتۇش.
كۆز ياش تۆگەپ قان يىرىڭلار ئاقماقتا،
ئاتۇشۇمنىڭ بىشىدىمۇ ،يا، ھۇقۇش.
تەغدىر دىمەي بىز بەندىدە نە ئىلاج،
قاقشاپ قالدۇق بولدى مانا ئۈچ مەرتە.
كۆمۈپ قۇيۇش ئۇدۇم ئىكەن بىزلەرگە،
نامىزىغا داغىل بولۇپ شۇ سەپتە.
كەتتى بۈگۈن ئاتۇشلۇقنىڭ بۇلبۇلى،
باغلىرىمىز خۇش ئاۋازدىن ئايرىلدى.
كەتتى يەنە ئاتۇشلۇقنىڭ دۇلدۇلى،
قاناتىمىز ئەجەب چاغدا قايرىلدى.
رۇستەم قاراسۇ. ....ئاتۇش
كېچىڭىز
2013.4.1.كۈنى يېزىلدى كەچ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى 8.30
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي ئامىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 12:05 AM