مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10595|ئىنكاس: 121

گوش باھاسى نىمە ئۇچۇن ئۆرلەپ كېتىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 05:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۆش باھاسى نىمە ئۇچۇن ئۆرلەپ كېتىدۇ

(ئاپتۇرى:تىلماچ13)

ھەممىزگە مەلۇمكى،گۆش يېمەكلىكى تەركىۋېدە ئاقسىل ماددىسى مولغان قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ،ئادەم بەنىگە زۆرۇر بولغان ئېنىرگىيە ۋە ھاياتلىق مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.گۆشنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا بەدەن ئۆرگانىزىمىنى كۈچلەدۇرۇپ ۋە ساغلاشتۇرۇپ،ئۆمۇرنى ئۇزارتىدۇ. گۆش تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ،ئادەم بەدىنىگە بولغان قۇۋۋىتى ۋە شىپالىق رولىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئىنسانلار جەمىيتى پەيدا بولغاندىن تارتىپ،ئوخشىمىغان دەۋېرلەردە ئاساسى يېمەكلىك ياكى قوشۇمچە يېمەكلىك بۇلۇشتەك رولىمۇ ئوخشاش بولمىدى.ھازىرقى دەۋېردە رايۇنلارنىڭ شوغۇللىنىدىغان كەسىپنىڭ ئوخشماسلىقىغا ئاساسەن گۆش يېمەكلىكىنىڭ ئاساسى يېمەكلىك بولۇش ياكى قوشۇمچە يېمەلىك بۇلۇشمۇ ئوخىشاش ئەمەس.كەسەپلەشكەن چارۋېچىلىق رايۇنلىرىدا ئاساسى يېمەكلىك بولسىمۇ،ئەمما يېزائېگىلىك رايۇنلىرىدا يەنىلا قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.شىنجاڭ رايونىغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا شىمالى شىنجاڭنىڭ ھارۋېچىلىق رايۇنلىرى گۆش يېمەكلىكىنى ئاساسىي يېمەلىك قىلسىمۇ،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ.ئومۇمەن گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىلى قىلىشقا بولىدۇ:

1.كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىستىمال سەۋېيسى ۋە ئىستىمال قارىشى يۇقۇرى كۆتىرىلدى.دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت سەۋېيسى ۋە  ئىستىمال قارشىشىنىڭ ئۈزلۇكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ،گوش ئىستىمال قىلىشنىڭ ئومۇملىششى ۋە دائىملىشىش سالمىقى زورايدى؛شۇنداقلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاش تەمىناتى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئېگىلىك ۋە باشقا چارۋېچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ماس قەدەمدە گۆش باھاسىنىڭ  ئۆسۇشى بارلىققا كەلدى.

2.جەنۇبى شىنجاڭدا بۇرۇنقى چارۋىچىلىق ئۇچۇن ئىشلىتىلىدىغان يايلاقارغا كۆپلەپ بوز يەر ئېچىلىپ،چارۋا ماللارنىڭ تەبئى كۆپىيىشىگە يېتەرلىك بولغان يايلىتىپ باقىدىغان يايلاقلار ئازلاپ كەتتى.گەرچە تولۇقلىما مەبلەغ چۇشۇرۇپ،چارۋېچىلىقنى كۆلەملەشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش يولىغا يېتەكلەپ،دىھقانچلىق رايۇنلىرىدا باقمىچىلىق ئارقىلىق ئالدىن بېيىشقا يېتەكلىگەن بولسىمۇ،پاختا باھاسىنىڭ ئۆسۇشىگە ئەگىشىپ،چارۋىلارنى يايلىتىپ باقىدىغان كۆپ قېسىم يايلاقلاردا بوز يەر ئېچىلىپ،يايلاق كۆلىمى ئازىيىپ،ئېغىل-قوتانغا سولاپ باقىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ،بوداپ بازارغا سالىدىغان مال-چارۋىنىڭ تەننەرقى ئېشىپ كەتتى.مال-چارۋىلارنىڭ تەبئىلىك خارەكتىرى ئاجىزلاپ تۆللەش قېتىم سانى ئازلاپ كەتتى.

3.گۆش سېتىۋالىدىغان قولنىڭ سانى كۆپەيدى.دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى چەكلەپ تۇرۇلسىمۇ،ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش قەدىمنىڭ چۇڭقۇرلىششى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ،رايۇنىمىزدا گوش ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئاشتى.

4.گۆش بازىرى قۇيىۋېتىلدى.گۆش باھاسىنىڭ قويىۋېتىلىشى گوش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ مەلۇم كۆلەمدە ئوز ئالدىغا باھا بېېكىتىپ سېتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.

5.گۆش ئىشلىتىلىدىغان ئاشخانىلارنىڭ ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ ئىنچىكە ھالدا كونكىرىتلاشتۇرۇلدى.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمنىڭ تىزلىششىغا ئەگىشىپ،ئاشخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىش تەخسىماتى تېخمۇ كونكىرىت ۋە ئىنچىكىلىشىپ،بۇرۇنقى بىر ئادەم قىلىدىغان مۇلازىمەتنى بىر قانچە ئادەم قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىشى ۋە پىششق تاماق تەننەرقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ،گۆش باھاسىنىڭ تەتۇر ئىنكاسلىق ئۆسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.

6.گۆش ئارلاشتۇرىدىغان مىللىچە تائاملارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارتىتا داڭلىق بولىشىمۇ يەنە بىر مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى.رايۇنىمىزنىڭ مىللىچە تائاملىرى قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق بولۇپ كەلگەن؛ھازىرقى خەلىقئارالىق بېرىش-كېلىشنىڭ قويۇقلىششىغا ئەگىشىپ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھاتچىلەر رايۇنىمىزنىڭ مىللىچە تائاملىرىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئىسىمال قىلىدۇ.

7.ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلۇپ،ئوزۇقلۇق زەنجىرى تەسىرگە ئۇچرىدى.تەبئى ئورمانلىقلار ۋە يايلاقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ،يېپىنچا ئۆكسۇملۇكلەر ئازلاپ تەبئى كۆللەر قۇرۇپ كەتتى،شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانلار تەبئى كۆپىيىش پۇرسۇتىدىن مەھرۇم بولۇپ،ئوۋچىلىقتىن كېلىدىغان گۆشنىڭ مىقدارى ئازلاپ كەتتى.دۆلەتمۇ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ،جانلىق ئىجرا قىلدى.

مەنبە:ئۆز قەلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-1 05:05 PM  


تىرىشتىڭ &

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34318
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4623
تۆھپە نۇمۇرى: 195
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 06:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ  توختىماي  ئۈسىۋاتىدۇ    بىزنىڭ  بۇ  يەردىمۇ  70  يۈەنگە  چىقتى

ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 06:50:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆش يەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، قوينىڭ سانىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ.لېكىن تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-1 06:52 PM  


بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21944
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7063
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 7478 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 06:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3.گۆش سېتىۋالىدىغان قولنىڭ سانى كۆپەيدى.دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى چەكلەپ تۇرۇلسىمۇ،ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش قەدىمنىڭ چۇڭقۇرلىششى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ،رايۇنىمىزدا گوش ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئاشتى.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19948
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10613 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 06:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭنىڭ گۆشىنى باشقا رايونلارغا كۆپلەپ يۆتكەش .
بۇ سەۋەپنى ئۇنتۇپ قاپسىز .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 06:57:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوشقا گۆشىدىن قوي گۆشى ياخشى بولغاچقا ئۆسۈۋاتقان گەپ بۇ.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 07:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆش باھاسى نىمە ئۇچۇن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟ زادى قانداق قىلىمىز؟

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 07:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپ كەلسەك سەۋەبى جىق،بارا-بارا ئاش چامغۇرىنى بۇلۇق توغراپ سۇيۇق ئاش ئىچىپ ئولتۇردىغان دەۋېرگە قايتىدىغاندەك قىلىمىز.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 07:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇلازىنى ئۆتكەندە قاسساپ ئىسىملىك بىر تورداش يوللىغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى تىمىدا خىلى بىر تەپسىلى مۇلازىە قىلغان ئىدىم .
بىزنىڭ بۇ يەردە خام گۆش سەل ئەرزان ، پىششىق گۆش سەل پەل قىممەت .
سۆڭەكلىك گۆش سەل ئەرزان ، تىيلە قىلغان گۆش سەل قىممەت ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 07:11:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا بىرە ئامال قىلساق بولاتتى...........كالا گۆشىمۇ شۇنداق تىز ئۆسۈپ كەتتى !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش