ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى گۈل چىراي خانىم قىزلار، خۇش چىراي كىلىشكەن بەردەم يىگىتلەر سىزلەرگە مەندىن جىددى سالام! بۇرۇن كىرگەن بولساممۇ سالام يوللىيالمىغانتىم، ئەتىگەن مىڭ جاپادا يازغان تىمام يوق بوپ كەتتى ئۆزىچە يەنە قايتا يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مەن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقماقچى، يەنە سالام يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە سىرداش، پىكىرداش، ئەڭ يىقىن ئوماق دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ بىر ئىككى كىبارە سۆزلىۋالاي دەپ كىرىۋىدىم، ئىجازەت بەرگەن بولسىڭىزلەر ھە ئەمىسە!
مۇنبىرىمىز ئەزاسى شــــــــــــــــــــاتــــــئــــــــــــاي!
تـــۇغــۇلــغـــان كـــۈنـــۈڭـــگـــە مـــۇبــــــارەك بـــــولـــــســـــۇن!
بۈگۈن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
دىدى ھەممە بولسۇن مۇبارەك.
ئەۋەتىشتى تىلەك ھەم سوۋغات،
قەلبىڭدە گۈل ئىچىلدى پورەك.
كۈنلەر قوغلاپ ئايلارنى شۇنداق،
قوشتى ساڭا بۈگۈن يىڭى ياش.
پاسىبانىڭ ، قېرىنداشلىرىڭ،
يۆلەك ساڭا ھەر قاچان سىرداش.
ئاناڭ مىھرى شۇنچىلىك چوڭقۇر،
داداڭ ئەجرى كەتمەس ئىسىڭدىن.
ئۈمىدلەرنى ئاقلا سەن چوقۇم،
نەسىھەتنى چىقارماي دىلدىن.
<تۇغۇلغان كۈن> تۇغۇلغۇچىغا قارىتىلغان سۆز، ئەمما بۇ كۈننىڭ قەھرىمانىنى، تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى يەنىلا شۇ كۆيۈمچان ھەم مىھرىبان ئانا، چۈنكى ئۇ بۇ كۈندە مىڭ تولغاق يەپ (ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتىدە) ئۆزىنىڭ مىھرىدىن ئاپىرىدە بولغان يۈرەك پارىسىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۈندە ئانىنى ئۇنتۇيدۇ، ئانىغا يىڭىچە سىلىقلارنى سالىدۇ دەپ كۆرىۋىدىم بىر يەردە.
قۇت بولسۇن تۇغۇلغان كۈنۈڭگە جېنىم،
كۈلۈپ ئۆت ھاياتقا ئۈمىدۋار بىقىپ.
بەخىت ھەم ئىسەنلىك تىلەي ئاللاھتىن،
چىھرىڭدىن تەبەسسۇم كەتمىسۇن يۈتۈپ.
مەھكەم قىپ تۇتىۋال دوسىتلۇق قولۇمنى،
ساداقەت گۈللىرى كەتمىسۇن توزۇپ.
دۈشمەننىڭ قەسىتلىرى يەتمىسۇن بىزگە،
مىھرىمىز يىمىرلىپ، يۈرمىسۇن سۇلۇپ.
چىھرىڭدىن كەتمىسۇن تاتلىق جىلۋىلەر،
خۇشاللىق نۇرلىرى چىچىلسۇن ساڭا!
تىلەيمەن چىن دىلدىن سەمىمىي تىلەك،
بۇ دوسىتلۇق گۈللىرى ئىچىلسۇن يەنا.
مۇبارەك تىنىڭ ھەم بولسۇن سالامەت،
بەخىتنىڭ جىلۋىسى قوشۇلسۇن دىلغا.
كائىنات قوشۇلسۇن كۈلۈشلىرىڭگە،
تىلىكىم ئۈلگۈرسۇن بىرىپ يىنىڭغا!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bishem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 03:37 PM