|
|
|
|
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن .<<قۇرئاندىكى ئەڭ ئەۋزەل سۈرە ،( فاتىخە سۈرىسى )دۇر .
جىمى ھەمدۇ سانا ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللاھقا خاستۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : اللاھتائالا بىر بەندىگە بىرەر نېمەتنى بەرگەن بولسا ، بەندە
< ئەلخەمدۇلىللاھ ><جىمى ھەمدۇ سانا اللاھقا خاستۇر >دىسە ، ئۇنىڭ شۇكرانىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ ،
ئىككىنچى قېتىم دىسە ،اللاھ ئۇنىڭ ساۋابىنى يېڭىلايدۇ ،ئۈچ قېتىم دىسە اللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : اللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ . ،( مەن نامازنى ئۆزەم بىلەن بەندەم ئارىسىدا ، ئىككى بۆلەككە بۆلدۈم ، بەندەم مەن ئۈچۈن سورىغان نەرسىسى تېگىشلەكتۇر ) ئەگەر بەندەم ، (جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللاھقا خاستۇر ) دىسە ، اللاھ : مېنىڭ بەندەم مېنى مەدھىلىدى دەيدۇ .
ئەگەر ( اللاھ ناھايىتى مېھرى شەپقەتلىكتۇر ) دىسە ،اللاھتائالا : مېنىڭ بەندەم مېنى تەرىپلىدى دەيدۇ .
ئەگەر . ( اللاھ قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسىدۇر ) دىسە . اللاھتائالا، مېنىڭ بەندەم مېنى ئۇلۇقلىدى دەيدۇ .
ئەگەر :( رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ،ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ) دىسە ،اللاتائالا : بۇ بولسا مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ، بەندەم ئۈچۈن ئۇنىڭ سورىغىنى تېگىشلىك .دەيدۇ .
ئەگەر :(بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ،غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ،ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن) دىسە .اللاھتائالا : ئۇ بەندەم ئۈچۈندۇر ، بەندەم ئۈچۈن ئۇنىڭ سورىغىنى قوبۇل بولىدۇ ، دەيدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : (فاتىخە سۈرىسى )ھەر بىر كېسەلگە شىپادۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :( فاتىخە سۈرىسى ) ئەرىشنىڭ ئاستىدىكى غەزىنىدىن نازىل قىلىنغان .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : (بىر بەندە ، بىر ئۆيدە ، فاتىخە سۈرىسىنى ،ۋە ئايەتۇلكۇرسىنى ، ئوقىمىسا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ، ئىنسان ياكى جىننىڭ كۆزى تېگىدۇ .
: ھەممىمىزگە اللاھنىڭ رەخمىتى بولسۇن :
مەنبە : << دۇئالارنىڭ ئەھمىيىتى ، ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار >> كىتابىدىن .
مۇئەللىپ : مۇھەممەد سالىھ ھاجىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 05:07 PM
|
|
|
|
|
|