سەندىن ئارتۇق بەختىم يوق
يۈرەكنىڭ تەپتىدىن كۈلمەن ئۇشبۇ كۈنلەردە ئەقلىم يوق،
مالالدۇر بۇ غېرىپ كۆڭلۈم ھىجىرنامەڭگە مەيلىم يوق.
سېنى كۆرگەن كۆزۈم قاتتى يۈرەك ئىشقىڭدا ئوت ئالدى،
شۇ ئوتتىن ئۆزگە ھېچقانداق ئەلەم،قايغۇ،دەردىم يوق.
پىراقىڭ قىينىدى جاننى،بۇ دەرتنى تىڭشىماس ھېچكىم،
پەقەت سەن كۇپايە دىلغا،ئۆزگىدىن ھېچ تامايىم يوق.
ئويۇمدا بىر سېيمايىڭ بار،دىلىڭنى ياندۇراي تەكرار،
مېنىڭدەك كۆيسىغۇ قەلبىڭ بۇنىڭدىن ياخشى تەختىم يوق.
رازىمەن سەن ئۈچۈن يۈرسەم كېزىپ چۆللەردە سەرسانە،
ساڭا كۆيگەنچىلىك ھېچبىر ئۆزگىگە بۇنچە جەھلىم يوق.
يۈرەكنى باغلىغان ئىشقىڭ بەرسىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت،دەرمان،
ۋىسالنى تەرك ئېتىپ كۈن-تۈن ياشاشقا ئەسلا پەيلىم يوق.
كۈتۈشتە ئۆتتى بۇ كۈنلەر ۋىسالغا بەرمىدى پۇرسەت،
ئىشىقنىڭ ئوتىدا ھەر كۈن كۆيۈشكە ئەمدى سەۋرىم يوق.
ۋاپادىن سۇ قۇيۇپ ھەر يان ئۆستۈرەي سۆيگۈدىن دەستە،
مۇھەببەت بېغىمدا يۈرسەڭ،بۇنىڭدىن ئارتۇق بەختىم يوق.
ئاپتور:مەلىكە
2013-يىلى3-ئاينىڭ28-كۈنى يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 02:08 PM