|
|
|
|
‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت››نى يىتەكچى قىلىشنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ، خەلق ياخشى كۆرىدىغان ، تىياتىرچىلىقىمىزدىكى نادىر ئەسەرلەرنى خەلق بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئوپىرا ئۆمىكى بىرلىشىپ ، قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئوينالغان نادىر ئۇيغۇر تىياتىرى ‹‹غۇنچەم ›› نى سەھنىلەشتۈردى . بۇ قېتىم داڭلىق ئىجادىيەتچىلىرىمىزدىن قۇربانجان ھېيت ، شۆھرەت كېرەم قاتارلىقلار ، ئاتاقلىق ئاكتىيورلىرىمىزدىن گۈزەلنۇر قۇربان ، تۇرغۇن ئىمىر ، خەيرىگۈل ھەسەن ، ھوشۇر قارى ، گۈلجامال مەتنىياز ، خالمۇرات ئۆمەر ، خۇشتار ئابلىمىت ، ئامىنە ئۆمەر ، ئابدۇكېرەم ئابلىمىت ، ئابدۇرېھىم راھمان ، قوندۇزئاي تاش،نۇرمەمەت سەمەت قاترلىقلار ئۆز ماھارىتىنى تۇلۇق نامايان قىلىدۇ .بۇ تىياتىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ئىجادىيەتچىلەر ۋە ئوپىرا ئۆمەكتىكى ئارتىسلارنىڭ جاپالىق رەپىتىس قىلىشى ئارقىسىدا 4-ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى . كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ خەۋەردار بۇلۇپ قېلىشىنى سورايمىز !!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 02:01 PM
|
|
|
|
|
|