مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3803|ئىنكاس: 58

تور موللىسى دېگەن مۇنداق گەپ ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8258
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 12:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بېرى مېنىڭ ۋاقتىم چىقىپ مىسرانىم تورىغا كىرىپ ئانچە- مۇنچە بەس مۇنازىرلەرگە قاتنىشىپ قالدىغان بولدۇم . بەزى ئىلغار ئىدىيىىلىك ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى كۆرۈپ دىلىم شۇنداق سۈيۈنۈپ كېتىدۇ ،بەزى ئەزالارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ بىر خىل يىگىنىپ كېتىمەن  خۇددى مۇشۇ ئىنكاس يېزىشنى بىر خىل كەسىپ قىلۋالغاندەك ھە دېسىلا ئۇنى بۇنى سۆكۈپ يا بولمىسا پاكىتسىز گەپلەر بىلەن ئادەمنىڭ مىڭىسىنى كېسەل قىلىپ ئەمدى بىر يورىغان دىللارنى  خۇنۇكلەشتۈرۈپ ئىدىيە بىرلىكىنى يوققا چىقىردىغان ئىككى قېرىندىشىمىزنى زىدىيەتكە سېلىپ بىر چەتتە ئۇيۇن كۆردىغانلارنى يىراقلارغا پالىۋەتسەم دەيمەن....ئەسلى مەقسىتىمگە كەلسەم بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر قېرىنشىمىزنىڭ تور موللىسى دېگەن قانداق گەپ توغرىسدا يېزىلغان شېئىرنى كۆرۈپ قالدىم ،بۇ قېرىندىشىمىز تور موللىىسى دېگەن  گەپنى چىقارغانلارنى ئەيىپلەپ ،ئۇلارنى ھەرخىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلارغا ئوخشىتىپ ئۆزىنىڭ ئاشۇ پاسائەتلىك شېئىرنىڭ خاسىيىتىگە بىر پارچە يەرگە بەرسىمۇ ھېچنىمە ئۈندىرەلمەيدىغان ئوغۇت چېچىپتۇ. تور موللىسى دېگەن مېنىڭچە بىر يېڭى ئاتالغۇ  بۇ سۆزنىڭ كىم تاپقانلىقى مۇھىم ئەمەس نېمە ئۈچۈن تېپىلغانلىقى مۇھىم، بۇ سۆز ھەقىقەتەن مۇشۇ تور دۇنياسىغا ماس كېلەمدۇ شۇنى مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ،يېڭى بىر ئاتالغۇ تاپىمەن دېسىڭىز چوقۇم شۇنىڭ خارالتىرى  ئىشلىتىلىشى ھەم ئومۇملىشىغا ئاسان ئاتالغۇ ياسالسا بولىدۇ.مەسلەن بىز سودىگەرلەرنى ياڭاق سودىگىرى ئۈزۈم سودىگىرى دېگەن ئايرىمىز .بەزىلەر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ بەزىلەر ئائىلەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ يەنە بەزى تەرىققى قىلغانلار توردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ بىزمۇ شۇلارنى ئايرىپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدىغا ئائىلە ،توردا دەپ ئايرىدۇق. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى قېرىنداشلىرىمىز توردا ھەقنى بىزگە يەتكۈزىدۇ بەزىلەر ھەقنى بۇرمۇلاپ ئۆزى بىلگەنچە  بىرجىلايدۇ،شۇ ۋەجىدىن تور دۇنياسدا يېڭى ئاتالغۇ تور موللسىى دېگەپ چىقان دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئاشۇ تور موللىىسى دېگەن ئەسەرنى يازغان قېرىندىشىمىزنىڭ توردا پاكىتسىز ئەمىلەتكەن ئۇيغۇن بولمىغان پەتىۋالارنى چىقىرىپ بىزنىڭ ئىدىيە ئېتولوگىيىمىزگە قاتتىم دۈشمەن بۇلۇپ قالغانلىقىنى سەزگەنمىدۇ؟ ئاشۇ پەتىۋاچىلارنىڭ ياكى ئاشۇ سوپى ئىنشان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە يەتكۈزگىنى توغرىمىدۇ؟ توغرا بولسا بىزگە ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىت بىلەن تەمىللەپ  بىزنى قايىل قىلسىلا بولىدۇ ، بىزنىمۇ ئۇلاردىن بىلمىگەننى ئۆگەنسەك بولىدۇ،چۈنكى ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر .لېكىن بەزى دىنى تونغا ئورۇنۋالغان مۇناپىقلار بۇلۇپ بىلىمنىڭ ئانچە تايىنى يوق بىرىسىدىن ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ ئارىمىزغا ئىختىلاپ سېلىۋاتىدۇ. بېسىلغان يېرى ئېنىق ئەمەس بىر قانچە دىنى كىتابنى كۆرۈپلا مەن دىندا كامالەتكە يەتتىم دەپ بىلجىرلاپ دىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۋاتىدۇ،سىز مۇشۇنداق ئەزالارنى يوق دېيەلەمسىز؟ بىز ھەقنى يەتكۈزگەن قېرىنداشلىمىزنى تىللاپ باقمىدۇق`بىزدىمۇ شۇنى بىلگىدەك ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ئىچىپ باقمىسۇن سەگەت كالا بار.` بىز مۇشۇنداق  ئارىمىزدىن چىققان ھارام شاخلارنى تور موللىسى دەپ ئاتاپ ئۇلاغا بولغان نارازلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق.لېكىن بىز ئۇلارنى چەتكە قاقمىدۇق  ،يەنە كىتاب كۆرۈپ كەل ئاندىن سۆزلىسەڭمۇ  كېچىكمەيمسەن دەپ نەسىھەت قىلدۇق ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش سەن دوزاققا كىرىسەم كاپىر دەپ يىنىكلىك بىلەن قارار چىقىرىپ باقمىدۇق.
  تورداشلار بىلىدۇ،بىزگە يالغان مۆجىزىلەرنى  تورىمىزغا قانداق ئادەملەر ئەكىرۋاتىدۇ، ھەم قانداق ئادەملەر تۈپەيلىدىن بىز قانداق خىجالەتلەرگە قېلىۋاتىمىز. ئەمدى بىر مۆجىزە چىقىپ ھەمىمىز ھەيران قالغان شۇ پەيىتتە ئۇنىڭ يالغان بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان چاغدا قانچىلىكىمىز تۆۋە  قىلدۇق،قانچىمىز يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈردۇق،سىزنىڭچە ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى ياراتقانلىقى بارچە جانلىقلارنى ياراتقىنى سىزنى مېنى  ئۇنى بۇ دۇنياغا ياراتقاننىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، بىز نېمىشقا مۇشۇ جېنىمىزنى قەدىرلىمەيمىز ،سىزنى بۇ دۇنيادا يالغۇز قالمىسۇن بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن مېنى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىزنى ياراتقاننىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. سىز نېمىشىقا مۇشۇ مۆجىزىلەرگە ئىشنىپ ئەتراپىڭىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىزنى ھۆرمەتلىمەيسىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يەتمەيسىز؟ بىز   مۇشۇنداق يالغان مۆجىزە ئىچىدە تىڭرىقاپ كېچىسى چىراغمۇ يوق ئاشۇ قاراڭغۇ  كوچىدا كېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدا ئارىمىزدىن بىر قانچە مۇناپىق يەنە بىرنى قاراڭغۇلۇققا باشلىسا بىز شۇلارغا  ئاچچىقىمىز كېلىپ شۇلارنى تور موللىسى دېدۇق.

يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئسىلام ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن بۇنداق قىلىمەن ئۇنداق قىلىمەن دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلاپ بىرنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، سىز ئاشۇ گەپلەرنى قىلۋاتقان چاغدا ئۆيىڭىزدە بۇزۇلۇپ قالغان بىر ئېلىكتىر سايمىنى بىر دىنسىز  ئىنساننىڭ يېنىغا بېرىپ ياساتقاندا ،ھەي مەنمۇ بىر ئادەم بالىسى  ئاللاھنىڭ ياراتقان بىر پەندىسى مەن نېمىشقا مۇشۇنى ياسىيالمايمەن نېمىشقا مېنىڭ كالام ئۆتمەيدۇ دېگەنلەرنى  كۈندە ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېردىكى نۇرغۇن دىتاللارنىڭ ئانا تىلىمىزدا يوق مەن نېمىشقا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى كەشىپ قىلالمەن دەپ ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ ؟ ئەڭ ئاددىسى بەزى قېرىنداشلىرمىز  بانكىغا كىرىپ ئادەتىكى بىر كارتىنىمۇ بىجىرەلمەيدۇ؟ نېمىشقا؟ بەزىلەر بىلىم ئېلىشقا شۇنچە ھېرىسمەن لېكىن كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب سېتىۋالالمايدۇ سىز ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىپ بىر كىتاب سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟   بۇ دېگەن تور دۇنياسى بىز پەقەت ئەزالارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا قاراپلا يىنىكلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ توغرا خاتانى ئىنىق ئايرىيالمايمىز ،كىم بىلىدۇ بىزگە بىلىم بېرىدىغان تېمىلارنى يولىغانلار قولىدا بىر تال تاماكا كۈلىنى كونوپكا تاختىسىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ يېزىۋاتامدۇ ياكى بولمىسا بىزگە ھاراقتىن بىر رومكا ئىچىۋېلىپ بىزگە قۇرئان كېرىمدىن ھەدىسلەردىن ئېغىز ئېچىۋاتامدۇ بىز پەقەت بىلەلمەيمىز بۇنى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىدۇ، شۇلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ كالسىدا ئېنىق ئايرىيالمىسىڭىز قايمىقىپ قېلىپ نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي يۈرگەن ۋاقىتتا ئاشۇ كىچىكىنە تور موللىسى دېگەن بىر ئاتالغۇغا ۋاقتىمىزنى ئسىراپ قىلىپ ئەمىلى ھەركەت يوق قۇرۇق شۇئارلار بىلەن تولغان تېمىنى كۆرۈپ  بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ،ناماز ئۆتەش ۋاقىتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۋاتىمىز.
خۇلاسە قىلسام بۇنىڭىدن كېيىن مۇشۇنداق بىر قەۋىمنى ئىككىگە ئايرىدىغان دىنداش قېرىنداشلارنى ھاقارەتلەيدىغان تېمىلارنى يولىمىساق، بىر ئىنكاس يېزىۋاتقان چاغدا توختا مەن بۇنى يېزىپ قويغان بىلەن ئىگە بولۇشۇم كېرەك دەپ تۇرۇپ يازساق ،يىنىكلىك بىلەن بىرسىگە بۆتنەم چاپلىمىساق، گەپ سۆز دېگەننى كالىنى بىر سىلىكىۋېتىپ پاكىت ئسىپاتى بىلەن سۆزلىسەك قايسى كىتاب قايسى مەنبە ئېنىق ئەسكەرتىپ ماڭساق  بىزدىكى ھەرخىل ئىختىلاپلا تۈگەيدۇ،ئانچىكى بىر بىلىمىزگە ئىشىنىپ بىر ئوبدان تېمىنى بولغىمىساق بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ بىر بىرىمىزگە ھەقنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى توغرا چۈشەندۈرسەك تور موللىسى دېگەن ئاتالغۇ مېنىڭچە  يامان يېرىدىن ياخشى مەنىگە قاراپ ئۆزگىرەيدۇ. بولسا ھەممە ئەزالار قېرىنداشلار بىرلىكتە كۈچەپ مۇنبەرنىڭ ئادىل سەمىمى ھەم سۈپەتلىك بولشىىغا تىرىشساق دەپ ئويلايمەن.
.   بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم .  تورداشلارنىڭ ئويلىشىپ ئىنكاسلارنى يولىشنى مېنىڭ بۇ تېمام ئارقىلىق ياخشى ئىشلارنىڭ باشلىنىش ئۈلگىسى بولسا دەپ ئويلايمەن،

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 77 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kukhelal + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazigul8 + 100 بەرھەق!توغرا دەيسىز! س.
Eltekin + 99 توغرا پىكىر
پاسىبان + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
XERHAN + 111 توغرا بەزى تورداشلار .
YAZR + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 437   باھا خاتىرىسى

كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:17:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز.مەنمۇ يازاي دىگەن لىكىن سىزدەك,قايىل قىلارلىق يازالماسلىقىم مۇمكىنتى.رەھمەت سىزگە!

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يقندىن بۇيان مىسرانمنى سۈخەنچىلىك ، پىتىنورلۇق قالاپ كەتتى .
بۇ قېتىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى تۈرىگە  پىتنىخورلۇق ، سۈخەنچىلىك ۋە ئادەم تىللاش تۈسىنى ئالغان تىمىلارنىمۇ قاتناشتۇرسا تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدىغانلار چىقاتتى .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن بەزى تۇرداشلار تمىنى تۇلۇق ئۇقۇمايلا ئىنكاس يازىدىكەن ھەم يازغان ئىنكاسلىرى ساپلا پۈچەك ئىنكاسلا، تىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئازراق يېقىن كەلسە نىمە دەي ،تۇۋا .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-1 01:22 PM
يقندىن بۇيان مىسرانمنى سۈخەنچىلىك ، پىتىنورلۇق قالاپ  ...

ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا  مۇكاپات سىزگە ئېنىق ئاشمايتتى    بۇ خەقنىڭ يامانلىقىدا  .......

كەسپى پىتنىخۇر ، كەسپى سۇخەنچى ، كەسپى تىللامچىلار  با  ھازىر مۇنبەردە ، لىكىن ئۇلارنىڭ كۈنى ئۇزۇنغا بارمايدۇ ،  ھەقىقەت سۇ يۈزىگە ئۆرلەپ چىققاندا ئۆزلىكىدىن جىم بولىدۇ .

ئاللاھ خالىسا  ئۇيغۇرنى ئىككىگە بۆلىمەن دەيدىغان تېما ئىنكاسلار بارا بارا ئازلاپ يۇقاپ كەتكۈسى .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YAZR يوللىغان ۋاقتى  2013-4-1 01:40 PM
ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا  مۇكاپات سىزگە ئېنىق ئاشماي ...

ئۆتكۈن كۈنى بىر قانچە ئاشۇنداق ‹ ئەسكى › لەرنى چەكلەپ قويغان ئىدى ، بىراق ئەتىسىدىن باشلاپ باشقا ناملار بىلەن كىرىپتۇ .
قارايدىغان بولساق  چۈشۈرۈش ، قېرىشىش ۋە ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئىنكاسلارنىڭ كۆپىچىسى يىڭى ئەزا ، دىققەت قىلىپ قويساق بولىدۇ . چۈنكى ئۇلار چەكلەنگىگە ئاچچىقى كىلىپ تېخىمۇ سىزىمچان ، ئاكتىپ بولۇپ كىتىدىكەن .
ھە دىسە ئاق قارىنى پەرىق ئەتمەيلا تور موللىسى دەيدىغانلارمۇ ئاساسەن شۇلار ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 20 پىتنىڭ ئاچچىقىنى چاپا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ،   دىننى  بىلىم بىلەن  لىللا  سۆزلەيدىغان  ھەقنى  يازىدىغان  بىلىملىك تورداشلار  تور موللىسى دىگەن گەپنى ئۆزەڭلەرگە ئېلىۋالماڭلار .  

يېرىم چىلەك شالاقشىيدۇ . سىلەرنىڭ ئېنىقكى بۇنداقلار بىلەن پەرقىڭلەر بار .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەنني بىلىم بىلەن دىنني بىلىملەرنى تەڭ ئۈگەنسەك ھەممەيلەنگە پايدىسى بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-1 02:21 PM  


يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-1 01:47 PM
ئۆتكۈن كۈنى بىر قانچە ئاشۇنداق ‹ ئەسكى › لەرنى چەكلەپ  ...

توپ توغرا گەپ قىلىۋاتقانلارنىمۇ  تور موللىسىغا چىقىرىپ  تىللاپ كىتىپ بارغانلار كاللىسىنىڭ ئازراق سۈيى بارلارمىكى ، نەگىلار  بارسا  جىدەلنى سېتىۋېلىپ .....ئاشۇلار  ھەقنى سۆزلىگەنلەرنى تور موللىسى دەپ زاڭلىق قىلىپ قۇيۇپ  شۇنىڭ بىلەن  بەزى  بىھۇدە داڭقان پۇتى جەڭگە جىدەل  چىقىپ قالدى .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
sumbulahan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 01:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش