مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 5

پىفاگور ئۆگۈتلىرىدىن پارچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16998
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1893 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 11:38:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
__ ئەي ئەزىز،سەن دائىم پازىل كېشىلەر بىلەن دوسلاشقىن ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئىزدە، ئۆز نەپسىڭنى كۆپ يېيېشتىن ئاسرا! ، غەزەپلىنىشتىن ، كۆپ ئۇخلاشتىن ، قەبىھ ئىشلاردىن قاچ !  ئۆلۇمنى دائىم يادىڭدا تۇت ۋە شۇنىڭغا بېقىپ ئىش قىل ، كەسىپ ۋە مەھىشەتتە ئوتتۇرچە يول تۇت!
    __ ھەر كىم دوست تۇتۇشقا قادىر بولمىسا ، دۇشمەنگە قارشى ئىش تۇتۇشقا ھەم ئاجىز كىلىدۇ . كىشىنى سۆزىگە قاراپ ئەمەس ، ئىشىغا قاراپ بىلىشكە بولىدۇ .
                                      پىفاگور.  «ئەدەپنامە» دىن ئىلىندى__



پىفاگور
(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى572-497)



         قەدىمكى يۇنان ماتېماتىـكى، پەيلاسوپ پىفاگور(Pythagoras) پۈتكۈل شەرق ئېلىدە پىساغۇرۇس نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ،  مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى572 -يىلى ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلـى (بـۈگۈنكـى گرېتسىيىنىڭ شەرىقى قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللـىـق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىـيـە، تـەبـىئىـي پـەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ - دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسـىـرغـا كـېـلـىـپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىـدىـكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگـىـرىـكـى530 - يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان. كېيىن زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قـىـسـمـىـدىـكـى شۇ چاغدا گىرىتسىيەگە قاراشلىق كروتونغا  ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلىپ، بىر ياقتـىـن مائارىپ بىلەن، بىر ياقتىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. يۇكسەك نۇتۇق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيىلىك كىشىلەردىن 600 شاگىرت توپلاپ  ئەر-ئايال باراۋەر بولغان، مال-مۈلۈك تەڭ تەقسىم قىلىنغان، تەشكىلى ئىنتىزامى ئىنتايىن قاتتىق بولغان، روھنى تازىلاش مەقسىدىدىكى بىر كىچىك تەشكىلى ئاپاراتنى بەرپا قىلغان. بۇ تەشكىلات بارا-بارا بىر ئۆزگىچە خۇراپى ، يەر ئاستى دىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلى تۈزۈم ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىغا ئىگە بولغان.
   
         شۇنداق بولسىمۇ پـىـفـاگـور ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئېقىمى ماتېماتىكىدا نۇرغـۇن ئىـجـادىـيـەتـلـەرنـى يـاراتـقـان، بولۇپمۇ، پۈتۈن ساننىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيـىـتـىـگـە قـىـزىـقـىـپ قـالـغـان. مەسىلەن، (ئۆزىدىن باشقا) بارلىق كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىـسـى ئۆزىـگـە تەڭ بولغان سانلارنى مۇكەمـمـەل سـان (مـەسـىلـەن،6 ،28 ،496 قـاتـارلـىـقلار) دەپ ئاتىغان، ئۆزى كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىـنـدىـسـىـدىـن چوڭ بولغان سانلارنى ئاشىدىغان سان دەپ ئاتىغان؛ كۆپەيتكۈچىلـىـرىـنـىـڭ يىغىندىسىدىن كىچىك بولغان سانلارنى كېمىيىدىغان سـان دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تىك تەرەپ كـۋادىراتـلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كۋادراتىغا تەڭ» ئىكەنلىكىنى بايـقىغان. غەربلىكلەر بۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەپ ئاتىدى، ئېلـىمـىـزدە گـۇگـۇ تېئورېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
        ھازىر ماتېماتىـكـىـدا يـەنـە «پـىـفـاگـور ئۈچ نامەلۇملۇق سانلار گۇرۇپپـىـسـى» ئۇقۇمى بـار، بـۇ تـىـك بـۇلۇڭلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ توپـلـىـمـىـنـى كۆرسىتىدۇ.
      پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر گېئومېتىرىيىدە «تىـك بـۇلـۇڭـلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ئىكـكـى تـىـك بـۇلـۇڭـغـا تـەڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئىسپاتلىدى؛ ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدى؛ مۇنتىزىم بەش تەرەپلىك ۋە ئوخشاش كۆپ تـەرەپلىكلەرنى سىزىش ئۇسۇلىنـى بايقىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا مۇنتىزىم كۆپ ياقلىقنىـڭ مـۇنـتـىـزىم4 يـاقـلـىـق، مۇنتىزىم6 ياقلىق، مۇنتىزىم8 ياقلىق، مۇنتىزىم12 ياقلىـق ۋە مـۇنـتىـزىم20 ياقلىقتىن ئىبارەت بەش خىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
       پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ساننى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ سىرلـىـق دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇنىڭدا پـۈتـۈن سـانـنـى كـۆزدە تـۇتـىـدۇ. «سـان مەۋجۇدات دېمەكتۇر» دېگەندىمۇ ئالەمدىكى ياراتقۇچىمۇ سان ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، جىمى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى سان،  تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى پـۈتـۈن سان ياكى پۈتۈن سان نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ دەپ قـارايـدۇ. بىراق، ھىپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچـى تـەرەپ ئۇزۇنـلـۇقـى1 بـولـغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالنى پۈتۈن سان نىسبىتـى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بـۇ مـۇشـۇ ئېـقـىـمـدىـكـىـلـەرنـىـڭ ئەقىدىـسـىـگـە دەخـلـى - تـەرۇز يـەتـكـۈزگـەنـلـىـكـى ئۈچـۈن، ھەرقـانـداق ئادەمنىڭ (يەنى، ئىرراتسـىئونـال سـان) نـىـڭ مـەۋجـۇتلۇقىنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن ئىنتىزام بەلگىلىنىـدۇ. سـاددا ھىپوس باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئېيتىپ قويىـدۇ، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، بىراق ناھايىتى تېزلا ماتېـمـاتـىـكـا ئىدىيىسىدىكى زور ئىنقىلابنى قوزغايدۇ. ئىلىم - پەن تارىخىدا بۇ ۋەقە تۇنجـى ماتېماتىكا كرىزىسى دەپ ئاتىلـىـدۇ. ھـىـپوسنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىدىن بىزگە قالغان ساۋاق شۇكى، ئىلىم - پەننىڭ چېكى بولمايدۇ، كىمىكى ئىلىم - پەنگە چەكلەنگەن رايون بېكىتسە، شۇ ئىلىم - پەننىڭ دۈشمىنىگـە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئىلىم - پەن تەرىپىدىن دەپنە قىلىنىدۇ.
        ئەپسۇسكى، ئەقىل - پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، دۇنيا تەبىئى پەنى ۋە پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ئاكتىپ رول ئوينىغان پـىـفـاگـور ئۆمـرىـنـىـڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا، ئىلىم جەھەتتە مۇتەئەسسىـپـلـىـشـىـپلا قـالـمـاي، سىياسىي جەھەتتە يېڭى شەيئىلەرگە دىموكراتىيەگە قارشى تۇرغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 497-يىلى 80يېشىدا ۋاپات بولغان.  پىفاگورنىڭ ئىدىيىسىنى شاگىرتلىرى يۇنانغا قايتقاندىن كېيىن تارقاتقان.
---------------------------

جەنۇبىي ئىتالىيەنىڭ رېگىيە شەھرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى پىفاگور منېسەرخ ئىسىملىك كىشىنىڭ پەرزەندى ئىدى. ئاتىسى خىزمەت سەپىرىدە  دائىم ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن. نەتىجىدە پىفاگور قىزىقىشچان ۋە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىشچان بولۇپ ئۆسكەن.
ئۇ پەيلاسوپلاردىن ئاناكسىماندىر بىلەن فېرېكىدنىڭ شاگىرتى ئىدى.
پىفاگور ئۇزاق ۋاقىت مىسىردا ئوقۇغان، زەردۇشت دىنىغا بەك قىزىققان. ئۇ مىسىردا ئىلىم سىرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەتتا خەتنە قىلدۇرۇشقىمۇ رازى بولغان. لىكىن ئۇنى كىتابلارغا يېقىنلاشتۇرمىغان. ئۇ ھىچقاچان مەيۈسلەنمىگەن ۋە ئومۇمەن ھىسسىياتقا بېرىلمىگەن.
پىفاگورنىڭ تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى مەلۈم:
(1) «تەبىئەت ھەققىدە»
(2) «دەۋلەت ھەققىدە»
(3) «تەربىيە ھەققىدە»
(4) «جان ھەققىدە»
(5) «ئالەم ھەققىدە»
(6) «ئىلاھىي كالام»
پىفاگور مىلادىدىن ئاۋالقى 496-يىلى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
پىفاگور  ھاياتنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت قاراشلارغا-«پەلسەپە» دەپ نام بەرگەن تۇنجى دانىشمەن ئىدى.
پىفاگور ھىكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:
★ رىۋايەت قىلىنىشىچە، فلىئۇنت شەھرىگە سەپەر قىلىش ۋاقتىدا ھاكىم لېئون پىفاگوردىن سورىدى:
- سەن قايسى ئىلىمنىڭ بىلىمدانىسەن؟
- ھىچ قايسى،  دەپ جاۋاب بەردى پىفاگور،  مەن ئادەتتىكى بىر پەيلاسوپ.
- پەلسەپە دىگەن نىمە ئۆزى؟  تەئەججۈپلىنىپ سورىدى ھاكىم.
پىفاگور مۇنداق جاۋاب بەردى:
- ئىنساننىڭ ئۆمرىنى بازار ۋە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قىياسلاش مۈمكىن. بازاردىكى سېتىقچىلار ھەم، خېرىدارلار ھەم دائىم ئۆز پايدىسىنى كۆزلەيدۇ. ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتناشقۇچىلار بولسا شان-شۆھرەت ۋە مەشھۇرلۇق كويىدا بولىدۇ. مەيداندىكى تاماشابىنلار بولسا ئۇلارنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتتىمۇ ھەم شۇنداق. ئادەملەرنىڭ كاتتا بىر گورۇھى بايلىق ۋە شان شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پالاقلايدۇ. ئەنە شۇ ئالامان ئارىسىدا ئازچىلىقنى تەشكىل قىلغۇچى بىر گورۇھ باركى، ئۇلار بىر چەتتە تۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنى جىمجىتقىنە كۈزىتىپ. ۋەقە-ھادىسىلەرنى، ئىنسان تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھەقىقەتنى ئاڭلاش-ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشىدۇر. ئەنە شۇ تائىپەدىكى ئادەملەر  پەيلاسوپلار-دانالىقنى سۆيگۈچىلەر-دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار سوفىستلەر، يەنى دانىشمەنلەر ئەمەس. چۈنكى ھەقىقى مەنادىكى دانىشمەنلىك يالغۇز ئاللاھقا خاس سۈپەت. بەندەلەر بولسا دانىشمەنلىككە ئىنتىلىش بىلەن كۈپايىلىنىدۇ. خالاس.
★ دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش. ۋايساشنى تۈگىتىش.
★ ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدىكى: «مەن ئۇنى قانداق ئۆتكەزدىم؟ نىمەلەرنى قىلدىم؟ نىمىلەرنى قىلالمىدىم؟» - دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب تېپىلمىغۇچە كۆزلىرىڭ ئۇيقۇغا كەتمىسۇن.
★ ئەي ئادەملەر! ئەڭ ئاۋۋال ئىزگۈ ئەخلاققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. چۈنكى، ئەخلاق - قانۇننىڭ ئاساسىدۇر.
★ تەرتىپ-سېنىڭ مۇقەددەس مەقسىتىڭ بولسۇن. سەن بۇ مەقسەت يولىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىل. چۈنكى، تەرتىپ - ھەممە نەرسىنىڭ مەجمۇئەسىدۇر (يىغىندىسىۇر). تەبىئەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەم تەرتىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان.
★ ئەگەر سەندىن، «ئىزگۈلۈك نىمە؟» دەپ سورىسا، «ئەمەلدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان دانىشمەنلىكتۇر» دەپ جاۋاب بەر.
★ ئاڭلاش ۋە سۈكۈت قىلىش سېنى دانالىققا يىتەكلەيدۇ. سۈكۈت - دانالىقنىڭ باشلىنىشى.
★ بىلىملىك بولۇش بىلەن دانىشمەنلىكنى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ ھىسابلىماڭ.
★ خۇسۇسىي مۈلكى بولمىغان پۇخرا - ۋەتەنسىزدۇر.
★ ئەي، ئاددىي خەلق ئارىسىدا ياشاشقا مەھكۈم دانىشمەن! سەن مايغا(ياغقا) ئوخشىشىڭ لازىم. ماي سۇغا ئارىلىشىپ كەتمەي، ئۇنىڭ يۈزىدە پاقىراپ تۇرىدۇ.
★ سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە ھاكىم بول. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ شاھ بولساڭ، ئادالەتلىك باشقۇرۇش دەۋرىدە يۈكسەك ھۆكۈمرانلىققا ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەتكە ئېرىشىسەن.
★ ئايالى بىلەن مۇرەسسەگە كېلەلمىگەن ئادەمنى دوست تۇتما.
★ جانزاتلارنى (ھاياتلىقنى) ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ئادەم ئۆلتۈرۈش جانۋارلارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلانغان.

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/35233432.html

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 12:14:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayallar bilan murassaga kilal migan adamni dost tut ma quxnal midim quxan durup koyhay siz

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2641
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1607 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 12:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىگافۇر ھەققىدە بۈگۈن بىر مەلۇماتقا ئىگە بوپتىمەن ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19618
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1867 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 12:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-1 12:18 PM
پىگافۇر ھەققىدە بۈگۈن بىر مەلۇماتقا ئىگە بوپتىمەن ~

ئەمدى بۇ پىگافور دىگىنى كىم بوپ كەتتى ھوي ! پىفاگورنى چۈشەندۈرسە پىگافورنى بىلىپ كەتكەن بولسىڭىز .....  قايىل بولدۇم سىزگە ! ( چاخچاق جۇمۇ )*

بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتتى كۈنلىرىم ،
كېلەرمىكىن ‹‹پارلاق ئەتە ›› ئەتە دەپ.
ئۆتۈپ كەتتى ئەنە شۇنداق ئەتىلەر ،
ئەتە كەتتى ئەتىلەرنى پەتىلەپ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13246
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7807 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 03:14:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىفاگۇرنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسى ھېپۇسنى ئولتۇرۇش بۇيرىغى چىقارغانلىغى ۋە ئۇنى ئۇتتۇرا يەر دىڭىزىدىكى بىر ئارالغىچە قوغلاپ بېرىپ دىڭىزغا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىشى ئۇنىڭ ئادىمىلىگىنىڭ نەقەدەر ناچارلىغىنى كۆرسىتىدۇ .ئۇنى پەيلاسوپ دېگەندىن كۆرە ئەقىللىق زالىم كىشى ئىدى دەپ تەرىپلەش توغراراق .ئۇنىڭ قالدۇرغان يازمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كىيىن ئۇنىڭ ئېقىمىدىكىلەر رەتلەپ ئىلان قىلغان .ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئېراتسىئونال ساننى بىلىشىنى نەچچە يۈز يىل كەينىگە سۈرىۋەتكەن قاتىل ئالىم . ماتېماتىكا تارىخىداماتېماتىكىنىڭ تەرەقىياتىنى  بوغۇپ قويىدىغان بۇنداق قىلمىشلار ناھايىتى كۆپ يۈز بەرگەن .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85406
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 04:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقسىزدىكى گوگۇ تېئورمىسى(تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تىك تەرەپ كىۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپ كىۋادراتىغا تەڭ) خەلقئارادا پىفاگور تېئورمىسى دېيلىدۇ.بۇ تېئورمىنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانىمۇ قالتىس بولۇپ ھازرىمۇ شۇنداق ئېسىمدە.
ماتېماتىكا پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش