يۇقىرى قان بېسىمنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوزۇقلۇق بىلەن
داۋالاش
1.شاپتۇل قېقى بىلەن قارىئۆرۈكنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، مۇۋاپىق
مىقداردىكى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچپ بەرسە بولىدۇ.
2.يەرلىك كۆممۇقۇناقنىڭ
ساقلىنى قايناق سۇدا دەملەپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىچىپ
بەرسە بولىدۇ.
3. پالەكنى قايناق سۇغا ئۈچ مىنۇت بېسىپ، كۈنجۈت يېغى
ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە بولىدۇ.
4. يېڭى تۇرۇپنىڭ سىقىپ
چىقىرىلغان سۈيىدىن كۈندە ئىككى ئىستاكان ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
5. ئالمىنى پاكىز
يۇيۇپ سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن
ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
src="http://tibbiyjawhar.com/upload/rasim/20120731122137_80285.jpg">
6.كۈنىگە بىر دانە بانان يېسە قان بېسىمىنى بىر خىل ھالەتتە
ساقلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
7. بانان پوستىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
8.
ئاچچىق ئانار شەربىتىنى سەھەردە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
9. كەرەپشە يىلتىزى بىلەن قوناق ساقىلىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ
قاينىتىپ، ھەر كۈنلۈك مىقدارىغا 10 دانە چىلان قوشۇپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە
بولىدۇ.
10. ئالمىنى كۈندە بەش قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 300-400 گرامدىن مەلۇم
مەزگىلگىچە يەپ بەرسە بولىدۇ ( بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئالمىدىن باشقا
ھېچقانداق نەرسىنى يېمەسلىك كېرەك)
11.ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر ئىستاكان
ساپ ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
12.ئۈزۈلدۈرمەي 12 ھەپتە سامساق يېسە،
يۇقىرى قان بېسىمى بارلارنىڭ قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدۇ.
l 15 .13گرام چىلان،
15 گرام قارىئۆرۈك، 15 گرام شاپتۇل قېقىنى بىرگە چىلاپ سۈيىنى ئىچسە بولىدۇ.
14.
كۆكسۇلتاندىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسە بولىدۇ.
15.ھەركۈنى بىردىن- ئىككىگىچە
ئاچچىق ئانار يەپ بەرسە بولىدۇ.
16.زىرىق مېۋىسىدىن مۇۋاپىق پەي بەرسە
بولىدۇ.
17.لىمون پوستىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ياكى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا
لىمون يېسىمۇ بولىدۇ.
مەنبە: تىببى جەۋھەر توربىېتىدىن ئېلىندى .
target=_blank>[url]http://tibbiyjawhar.com
[/url]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matros1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 09:46 PM