دىدار غەنىيمەت
(مىسكىن ئاي)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى مۇنبەرداشلار، ئەزىز تېنىڭلار ئامان بولغاي~!!
گەپنى قەيەردىن باشلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن، بىراق ئىچىمدىكى ئاچچىق -قىرتاق ھېسلار مېنى مۇنبەرگە سۆرەپ كىرىپ، كەڭ مۇنبەرداشلىرىم بىلەن دىدارلىشىش، شۇنداقلا مۇنبەرداشلارنى ئىبرەت ئېلىپ ، ئۇرۇق تۇققان، دوست-بۇرادەر، تونۇش -بىلىشلەر بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىش مەقسىتىدە، ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزلىرىمنى ھەر قايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىردى.
بىلەمسىلەر...ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن، بۇيىل 3-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، مېنىڭ بىر نەۋرە تۇققىنىمدىن ئىككى ئاكام، بىر ئۇكام بولۇپ ئۈچەيلەن كەينى كەينىدىن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى ( ھەممەيلەننىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي)...، ئۈچىلىسى تېخى توي قىلمىغان قىران يىگىتلەر ئىدى...
ئالدىنقى يىلى 3-ئايدا 26ياشلىق نەۋرە ئاكام تۈگەپ كەتكەندە ئامالسىز ئەلھۇكمۇلىللا ...دەپ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئىدۇق... توۋا دەيمەن ، 7-ئايدا 24ياشلىق نەۋرە ئاكام، يەنى مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى پارتىدىشىممۇ قاتناش ھادىسىدە قازا قىلدى...پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ دىسە؟ بىراق نە چارە... 7-ئايدا مەن ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان شۇ كۈننى ئويلىسام ئۆزۈمنى ئەشۇ ئاكامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار ھېس قىلىمەن ، مەن ئاپتوبۇستا ئىدىم، ماشىنىغا چىقساملا كۆڭلۈم ئېلىشىپ، بىئارام بولىدىغان ئادىتىم يەنە قوزغالدى، دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ، بىئارامچىلىقنى پەسەيتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىمدا تېلفۇنۇم تىتىرىدى، قارىسام شۇ نەۋرە ئاكام كيۇ-كيۇ رىمغا " ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى قانداق ئەھۋالىڭىز؟" دەپ خەت يوللاپتۇ، مەن خەتنى ئوقۇپ قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ ، بىراق شەيتىنىم كۈچلۈك كەلدى بولغاي " كۆڭلۈم ئېلىشىپ ئارانلا تۇرىدۇ، ھازىر خەت قايتۇرسام گەپ يەنە ئۇزۇراپ كېتىدۇ، بولدىلا، ماشىنىدىن چۈشۈپ بىكار بولغاندا، يا ئەتىلەرگىچە قايتۇرۇپ، ئالدىرىماي ئەھۋال سورىۋالارمەن" دىگەنلەرنى ئويلاپ، خەت قايتۇرمايلا كيۇ-كيۇ دىن چېكىندىم. ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپلا كېتىپتۇ. ئەتىسى كەچتە ئۇ نەۋرە ئاكامنىڭ قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم!! ئىچىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىرخىل ئازاپ چىرمىۋالدى "ئىسىت، تۆنۈگۈن باھانە كۆرسەتمەي سالامىغا بىر سالام قايتۇرىۋالسامچۇ كاشكى؟! ئەپسۇس... ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم....
بۇيىل 3-ئايدا يەنە بىر نەۋرە ئىنىم بىز بىلەن ، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپ، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى، شۇنچىلىك تۇيۇقسىز ھە...ئۇ ھەربىيلىكتىن قايتىپ خىزمەتكە چىققىلى ئەمدى 5ئاي بولغانىدى، ئىلگىرى خېلى ئىزدىشىپ ئۆتەتتۇق..ھەر ئىككىمىز خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەنلا بوپ كېتىپ ئەھۋاللاشمىغىلى خېلى كۈنلەر بوپ قاپتىكەن ، ئالدىنقى كۈنى مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم، يەنى ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسى بىلەن توردا ئەھۋاللىشىپ قېلىپ، ئۇكامنىڭ تېلىفۇن نومۇر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدىم ۋە يېڭى نۇمۇرىنى تېلفۇنۇمغا ساقلىۋالدىم، ھەمدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاش تېلىفۇن قىلىپ قويۇشنى ئويلاشتىم، بىراق ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىم بىلەن كۈلكە - چاقچاق مېڭىپ ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ...3-كۈنى كەچتە ئۆيدىكىلەر بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرغىنىمىزدا، ھاممامدىن ئوغلىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھازىر ۋىلايەتلىك جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ ماڭغانلىق خەۋىرى كەلدى! شۇئان " ئاھ خۇدا!!" دەۋەتتىم ۋە قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ "رەببىمدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلىدىم..15مىنۇتتىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىق خەۋىرى كەلدى...
...يەنە بىر قېتىم ۋىجدان ئازابىدا قالدىم،"ئىسىت ، تېلىفۇن قىلىشقا نىيەت قىپتىمەنۇ، قىلماپتىمەن، نېمىدەپ تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋاللىشىۋالمىغان بولغىيتىم. ھە؟!!!
نېمە دەي... مەندىن 5ئايلىقلا كىچىك ئىدى.. چوڭلارنىڭ ئالدىدا چوڭچە، بالىلارنىڭ ئالدىدا بالىچە، سالام -سائەتلىرى جايىدا، تولىمۇ قائىدە يوسۇنلۇق ئېسىل چوڭ بولغان بۇ نەۋرە ئۇكامغا مەنلا ئەمەس ھەممە تۇققانلار شۇنچىلىك ئامراق ئىدى دىسە؟؟.. ئەلەھمۇلىللا... رازى بول ئۇكام...
...................
ئىككى قېتىملىق ئاچچىق ساۋاقتىن كېيىن، " دىدار غەنىيمەت" دىگەن سۆزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم...
شۇنداق، بۇئالەمدە بىز پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانمىز، ھېچقايسىمىز چۈشۈپ قالماي ھەممىمىز ئۇئالەمگە بارىمىز، بىراق، كىمنىڭ بالدۇرم كىمنىڭ كېيىن يولغا چىقىدىغىنى ھېچقايسىمىز بىلەلمەيمىز..تېخى بايىلا ئۇدۇل قارىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكەن، يانمۇ يان مېڭىشقان تونۇش بىلىشلەر ھەش -پەش دىگۈچە ئۇئالەمگە سەپەر قىلىش ئېمكانچىلىقىنى قايسىبىرىمىز "يوق" دىيەلەيمىز؟؟!!
شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەندىن ئىبرەت بولسۇن...ھازىردىن، مۇشۇ مىنىۇتتىن باشلاپ ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلەر،تونۇش -بىلىشلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلساق، كۆڭلىگە ئازار بەرمىسەك، ئىزدىشىپ، سىردىشىپ ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇشساق، ئۇچۇرىشىپ قالغاندا ھەر قانچە ئالدىراش ماڭغان بولساقمۇ بىر سالام-سائەت ياكى بىر ئىللىق تەبەسسۇم!! كۆرۈشەلمەي قالغان ئۇرۇق تۇققان، دوست- بۇرادەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېلىفۇن ۋە ياكى بىر تال قىسقا ئۇچۇر، ھېچ بولمىسا تورغا چىققاندا بولسىمۇ بىر تال چىراي ئىپادىدسى دىگەندەك... ھەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمىساق، ئىجىل- ئىناق ئۆتسەك... دىگەن زور ئۈمۈد لەر بىلەن ئۇشبۇ باش -ئاخىرى ماسلاشمىغان ،لىكىن، مەندەك بىر قىزنىڭ پۇشايمان - ھەسرىتى ۋە ئىلتىجاسى، قەلىب ساداسى مۇجەسسسەملەنگەن تېمىنى كەڭ مۇنبەرداشلىرىمغا سۇندۇم... قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت،
ئاخىرىدا تۆۋەندىكى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كۆچۈرۈلمە شېئىرنى سىلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلەنمەكچىمەن:
جاھاننىڭ ئۆمىرنى بىلەلەيدۇ كىم؟
قايغۇسىز ھەمىشە كۈلەلەيدۇ كىم.
كېتىمىز جاھاندىن ئاخىرى بىر كۈن،
قايتىدىن جاھانغا كېلەلەيدۇ كىم..
بۈگۈن دەيمىز، ئەتە دەيمىز، ئىزدىشەلمەيمىز،
ئەجەل ئوقى كىمگە تىگەر، يا بىلەلمەيمىز
تۆنۆگۈنكى دوسىت بۈگۈن يوق "ۋاي ئىسىت "دەيمىز
ئىزدىشەيلى، مۇڭدىشايلى، ئۇنتۇشمايلى بىز!
قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر~ خەير~ ئاللاھقا ئامانەت!
مەنبە: يۈرۈكۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 03:35 PM