مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 6

مەڭزىدىكى سىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 12:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      مەڭزىڭىز سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان 6 سىر  
1. مەڭز قىزىرىش
ئىككى مەڭز ھېچ ئىش بولماستىن قىزىرىدۇ، بۇ بەلكىم غەرب تېببىي ئىلىمى ئېيتقان «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىش» بولۇشى مۇمكىن، ئاساسلىق سەۋەبى بەدەن كۈچى ھەددىدىن زىيادە خوراش، بەدەن سۇ مىقدارى تەڭپۇڭسىزلىقتىن بولىدۇ. ئەگەر سىزدە مەڭز قىزىرىشتىن باشقا، يەنە ھەددىدىن زىيادە تەرلەش، دائىم دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋال بولسا، ئۇنداقتا بۇ يۇقىرى ئىسسىق پەيدا قىلغان قان ئايلىنىش توسقۇنلۇقى بولۇشى مۇمكىن. راھەت ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، ئىككى تال قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يەپ، ئاندىن تاتلىق بىر ئۇخلىسىڭىز، تېزلا ياخشى بولۇپ قالىسىز، يۈزنىڭ رەڭگى رويىمۇ ئەسلىگە قايتىدۇ.
2. مەڭز تاتىرىش
قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا كالپۇك، كۆز جىيىكى ۋە مەڭز تاتىرىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى قىزىل قان ئېلېمېنتى توشۇغان ئوكسېگىن مىقدارى يېتىشمەسلىكتىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نەپەسلىنىش ئاجىز بولۇشمۇ تېرە رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قارا پىگمېنت ياساش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا مەڭز تاتىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىن باشقا يەنە، دائىم ئاستا يۈگۈرۈش، سەيلە قىلىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاندىن يېتەرلىك ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.  
3. مەڭز سۆڭىكىدە قورۇق پەيدا بولۇش
مەڭز سۆڭەك قىسمىدا بىر نەچچە تال توغرىسىغا ياتقان قورۇق بىردىنلا پەيدا بولۇپ قالدىمۇ؟ بۇ جىگەر ئىقتىدارى بىنورمال بولۇشتىن پەيدا بولىدۇ. ئەگەر جىگەر ئىقتىدارى قاننى تازىلاشقا ئامالسىز بولسا ياكى قاننى يېتەرلىك ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىسە، بۇ قاننى دۇغلاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشىنى نورمالسىز قىلىپ، بەدەندىكى مېتابولىزم ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، تېرە سېزىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،  شۇ ئارقىلىق كىچىك قورۇقلارنى پەيدا قىلىدۇ. گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراشتىن باشقا، جىگەر ئىقتىدارى ماددا ئالمىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۈنگە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى مەڭز سۆڭەك قىسمىدىكى تېرە بىرئاز نېپىز بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرى زەخىملىنىش ئېلىپ كېلىدۇ.
4. مەڭز ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقىش
ھورمۇن ئاجرىتىلىپ چىقىشى نورمالسىز بولسا پېشانە، ئېڭەككە دانىخورەك چىقىدۇ. ئەگەر مەڭز ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقسا، ئاۋۋال تازىلىق تەلتۆكۈس بولماسلىق سەۋەبىنى ئويلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كەيپىياتى ناچار بولۇش، تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىك،  خىزمەت بېسىمى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە بىر قېتىملىق ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ ساياھەت قىلىپ، روھى ھالىتىڭىزنى ياخشىلاشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
5. مەڭز تۈك تۆشۈكچىلىرى يوغان بولۇش
ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، تېرىنىڭ نەملىك ساقلاش ئىقتىدارى روشەن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بەدەندە مەلۇم ئالاھىدە بولغان ۋىتامىن كەمچىل بولسا، تۈك تۆشۈكچىسى يوغان  بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئامال قىلىپ يېتەرلىك ۋىتامىن C سۈمۈرۈش كېرەك، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كوللاگېن ئاقسىلى تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، تېرە ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىدۇ. ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ئالما، كەرەپشە، بانان ۋە مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار بار.
6. مەڭز قارىداش
ئەگەر يۈزىڭىز قارىدىغاننى بايقىغان بولسىڭىز، بۇنى جىگەردىكى مەسىلە دەپ قاراشقا بولىدۇ. جىگەرنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى بولۇپ، بەدەندىكى سۇنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەيدۇ. ئەگەر بەختكە قارشى، سىزنىڭ جىگەرنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلىسە،  كېرەكسىز ماددا ئۇزۇن مۇددەت بەدەندە يىغىلىپ، يېرىنى قارا قىلىپ قويىدۇ. باشلىنىشىدا تېرىنىڭ نېپىز جايلىرىدا قارا چۆكمە پەيدا بولىدۇ، ئاندىن ئاستا ئاستا ئەتراپىغا كېڭىيىدۇ. سىز كورېيەگە ئومۇملاشقان ئۈچ كۈندە كۆكتات ئارقىلىق زەھەر ھەيدەش ئۇسۇلىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ: ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە يېيىش، گۆش يېيىشتىن ساقلىنىش. مۇشۇنداق قىلسىڭىز بەدەندىكى يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز ماددا تېز سۈرئەتتە چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.


قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45894
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6879 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 08:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. مەڭز ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقىش
ھورمۇن ئاجرىتىلىپ چىقىشى نورمالسىز بولسا پېشانە، ئېڭەككە دانىخورەك چىقىدۇ. ئەگەر مەڭز ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقسا، ئاۋۋال تازىلىق تەلتۆكۈس بولماسلىق سەۋەبىنى ئويلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كەيپىياتى ناچار بولۇش، تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىك،  خىزمەت بېسىمى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە بىر قېتىملىق ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ ساياھەت قىلىپ، روھى ھالىتىڭىزنى ياخشىلاشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.



بۇنىڭ  سەۋەبى،ۋە  ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ،ئۈنۈملۈك داۋالىنىش ئۇسۇلى  بارمۇ؟

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 09:53:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلدە سىز تېۋىپكەنسىز ئەمەسمۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 10:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت    بىلىۋالدىم  . . .

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 09:30:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuzum يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 08:17 PM
. مەڭز ئىككى تەرىپىگە دانىخورەك چىقىش
ھورمۇن ئاجرىتىلى ...

مىنىڭچە ئەڭ ئاۋال كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ . ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ . تىرىڭىزگە مايسىز سوپون ئىشلىتىڭ . ئەتىگەن كەچتە سوپۇن ياكى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ يۈزىڭىزنى ئېرتمەڭ . يۈزىڭىزنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجى قانىدۇ .



ئاۋال سىناپ بىقىڭ . ئاندىن قالغىنىنى دەي .
ئەسكەرتىپ قوياي - قالايماقان مەھسۇلاتلارغا ئىشىنىپ يۈز تېرىڭىزنى بۇزىۋالماڭ .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 09:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zular يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 09:53 PM
ئەسىلدە سىز تېۋىپكەنسىز ئەمەسمۇ.....

تېۋىپ ئەمەس . پايدىلىق بولغاچقا يوللاپ قويدۇم .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش