دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلەر جەۋھەرلىرى
(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، تور ئارىلاۋىتىپ، بۇ مەزمۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي خەنزۇچە تور بەتتىن ئىلىپ تەرجىمە قىلىپ باقتىم، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن -تەھسىل)
1. مەن بارلىق كىشىلەرگە قارىتا ياخشى نىيەتتە، مەن ھەر قانداق ئادەمگە ئۆچلۈك قىلمايمەن ۋە يامان نەزەردە قارىمايمەن. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى مىنىڭ قىرىندىشىم --- ئىتىقاد، دۆلەت، ئادىمىيلىك مەنىسى بويىچە قىرىندىشىم. پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاللاھنىڭ چاكىرى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى. مەن پەقەت ئۈممىتىمگە قارشى چىققان ئادەمگە قارشى چىقىمەن، پەقەت ئىتىقادىمغا قارشى تۇرغان ئادەم بىلەنلا كۆرەش قىلىمەن.
2. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت بىر خىل يېڭى مەدەنىيەتكە ئىھتىياجلىق: ئۇ ئىنسانىيەتكە دىننى بىرىدۇ، بىراق ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قىلمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا ئىتىقاد ئاتا قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەقلىيلىكىنى تارتىۋالمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا روھ ئاتا قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ماددىيلىقىنى چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارنى ئاخىرەت ھاياتىنى قوغلاشقا ئۈندەيدۇ، بىراق كۆز ئالدىدىكى ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشتىن چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا ھەقىقەتنى بىرىدۇ، بىراق قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارنى مۇقەددەسلىككە باغلايدۇ، بىراق پانىي دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋەتمەيدۇ. مانا بۇ --- دەل ئىسلامنىڭ بۇرچىدۇر.
3. بەزى بىر قىسىم كۆز قاراشلارنى، بىز چوقۇم ئىنىق ئايرىشىمىز، كەسكىن ھالدا چەك-چىگرا بىكىتىشىمىز لازىم: ئىلىم-پەنگە «ھەئە» دەيمىز، دىنسىزلىققا «ياق» دەيمىز؛ مەدەنىي سۆھبەتكە «ھەئە» دەيمىز، ئەمما مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا «ياق» دەيمىز؛ ئىسلام دۆلىتىگە «ھەئە» دەيمىز، دىن دۆلىتىگە «ياق» دەيمىز؛ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا «ھەئە» دەيمىز، غەربلەشتۈرۈشكە «ياق» دەيمىز.
4. مەن ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە ئورا كولىشىغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن. مەن پەقەت ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ سىرتقى زەربىگە ئۇچراشتىن بۇرۇن، ئىچكى جەھەتتە ئۆز ئارا ئىختىلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
5. مەن ئىمانچىل پىرىنسىپىمنى، باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشتا قۇلايلىق بولۇش، دىنغا دەئۋەت قىلىشتا باشقىلارغا خۇشخەۋەر يەتكۈزگەندەك بولۇش، پىرىنسىپتا قاتتىق بولۇش، ئىنچىكە ھالقلاردا كەڭ قورساق بولۇش، نىشانى مۇقىم بولۇش، قوللانغان ئۇسۇلدا جانلىق بولۇش، دىن جەھەتتە ئەنئەنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، دۇنيالىق جەھەتتە ئاكتىپ يىڭىلىق يارىتىدىغان بولۇشنىڭ ئۈستىگە تۇرغۇزىمەن.
6. بىز سوفىزىملاشقان(苏菲化) سەلەفىيەگە ۋە سەلەفىيلەشكەن سوفىزىمغا مۇھتاج. سوفىزىم روھى بىلەن سەلەفىيەنىڭ قاتماللىقىنى يۇمشىتىپ، سەلەفىيە پىرىنسىپى بىلەن سوفىزىمنىڭ ئىختىيارىيلىقىنى قىلىپلاشتۇرۇشىمىز كىرەك. (ئەسكەرتىش:苏菲 سۆزىنىڭ نەق ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا، سوفىزىم دەپ يىزىپ قويۇپ تۇردۇم، 苏菲 سۆزىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە ماتىرىيال كۆرىۋاتىمەن، بىلىدىغانلار بولسا ئەسكەرتىش بەرسە بولىدۇ).
7. بۇ ئىددىيىۋى كۆرەشلەر: دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش، ئەرەب بىلەن ئىسلام ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش توختىتىلىشى كىرەك.
8. مىنىڭ نىشانىم ئىسلام، مىنىڭ ئۇسۇلۇم ئوتتۇراھال بولۇش نەزەرىيىسى، مىنىڭ قورالىم بىلىم، دەئۋەت ۋە مائارىپ. مەن بارلىق كىشىلەر بىلەن: ئوخشىمىغان دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچىلار، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكلەر، ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
9. ئەگەر سىلەرنىڭ قارىشىڭلاردا، ئەسلىگە قايتىپ مەنبەنى تىرىلدۈرۈش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قۇرئان ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى ئەسلىيەتچىلىك دەپ قارىساڭلار. ئۇنداقتا، ئى ئاللاھ! مىنى ئەسلىيەتچىلىك ئۈچۈن ياشايدىغان، ئەسلىيەتچىلىك ئۈچۈن ئۆلىدىغان قىلغىن، ۋە مىنى ئەسلىيەتچىلەر قاتارىدا قايتا تىرىلدۈرگىن!
10. بىزنىڭ ئىسلامىيتىمىز: ئىمان، ئۇنىڭ روھى بولسا ئاللاھنى بىر ۋە بار دەپ تۇنۇش؛ ئىبادەت، ئۇنىڭ روھى بولسا قورقۇش؛ ئەخلاق، ئۇنىڭ روھى بولسا ياخشىلىق؛ قائىدە-مۇراسىم، ئۇنىڭ روھى بولسا گۈزەللىك؛ قانۇن، ئۇنىڭ روھى بولسا ئادىللىق؛ رىشتە، ئۇنىڭ روھى بولسا قىرىنداشلىق مېھرى ـــ قاتارلىقلارغا قۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ـــ مەدەنىيەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ روھى بولسا تەكشى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالالىغان بولىدۇ.
11. ئەگەر ماركىسىزىمنىڭ شۇئارى: ئىقتىسادنى ئۆزگەرتكەندىلا، دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بولسا؛ ئۇنداقتا، ئىسلامنىڭ شۇئارى بولسا: ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتكەندە ياكى قەلبنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. « ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» (قۇرئان كەرىم 13-سۈرىنىڭ 11-ئايىتىنىڭ بىر قىسمى)، بۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەقىقى سۆزىدۇر!
12. ھەقىقەتەنمۇ، بىز تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلام ھەر قانداق دۆلەت، شەخىس، مەزھەپ ياكى دەۋىرنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقىنىمىز بولسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىسلامدۇر. ئۇ رىئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەۋىر بىلەن ئىنسانىيەتكە يىقىن، ئۇ زامانىۋى تىل بىلەن بايان قىلىنغان، ئۇ سالاھىيتى بار ئالىملارغا يىڭىلاش ۋە يارىتىش ئىشىكىنى ئاچقان؛ ئۇ تارىختىن ئىلھام ئالغان، ھازىرقىنى تاقىۋىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغان. ئۇ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىىيلىقنى بىرلەشتۈرگەن، نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇسۇلىنى يىڭىلىغان. ئومومى گەۋدە جەھەتتە مۇقىم، دائىرىلىك جەھەتتە جانلىق، پىرىنسىپتا قاتتىق، ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەپۇچان؛ ئۇ دائىرىلىك ھالدىكى ئىنىق خاتىرىنى پۈتكۈل پىرىنسىپ بىلەن زىچ باغلايدۇ، بارلىق ئىسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە بارلىق پايدىلىق بولغان يىڭىلىق يارىتىشنى قارشى ئالىدۇ؛ ئۇ توغرا بولغان ئەھكام ۋە ئىنىق بولغان ئەقلىيلىكنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ تولۇقلايدۇ، ئەقىل-پاراسەتنى قوغلىشىدۇ، مەيلى ئۇنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر. بىلىم ئالىدۇ، مەيلى ئۇنىڭ قەيەردىن كىلىشىدىن قەتئىنەزەر؛ ئۇ كونا قاراشلارغا پىتىپ قالمايدۇ، ھەم يىڭى قاراشلارغىمۇ چوقۇنمايدۇ.
13. يولنىڭ يۆنىلىشى ۋە يول بەلگىسى ئاللىقاچان ئىنىق ئاشكارا بولدى!
بىزنىڭ ئىتىقاد ئورتاق گەۋدىمىز چوقۇم مۇشۇ ئىتىقاد يولىدا مىڭىشى كىرەك، بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق.
ئۇ بولسىمۇ ئىتىقاد يولىدۇر، پەقەت شۇ بولغاندىلا، ئاندىن بىز بارلىق نىشان ۋە غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
ئەگەر بىز شەخسى بەخىتكە ئېرىشمەكچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، خاتىرجەملىك بولمىسا بەخىتمۇ بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ساپ تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغان بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، توغرىلىق بولماي تۇرۇپ ساپلىق بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا توغرىلىقمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاق بولۇشىنى ئۈمد قىلىدىغان بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، قىرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتى بولمىسا ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا قىرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتىمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭمەكچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، قەھرىمانلار بولمىسا غەلبە بولمايدۇ، قۇربان بىرىش بولمىسا قەھرىمانلار بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا قۇربان بىرىش بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ئىقتىسادنى گۈللەندۈرمەكچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، يىڭىلىق ياراتماي تۇرۇپ گۈللىنىش بولمايدۇ، ئەخلاق بولمىسا يىڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا ئەخلاقمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز پەن-تېخنىكىدا ئالغا باسماقچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، كەسىپنى ھۆرمەتلەش بولماي تۇرۇپ ئالغا باسقىلى بولمايدۇ، نىشان بولمىسا كەسىپىنى ھۆرمەتلەش بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا نىشانمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلماقچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، ئىچكى جەھەتتىكى ئىسلاھات بولمىسا ئىسلاھات بولمايدۇ، ئىرادە بولمىسا ئىسلاھات بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا ئىرادىمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ئەدلىيە ئادالىتىگە ئېھتىياجلىق بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كىرەككى، قانۇن بولمىسا ئادىللىق بولمايدۇ، ۋىجدان بولمىسا قانۇنمۇ بولمايدۇ، ئىتىقاد بولمىسا ۋىجدانمۇ بولمايدۇ.
ئىتىقاد بولسا ئەخلاقنىڭ كۈچى، شۇنداقلا كۈچلۈك ئەخلاق؛ تۇرمۇشنىڭ روھى، شۇنداقلا روھنىڭ تۇرمۇشى؛ دۇنيانىڭ مەخپىيتى، شۇنداقلا مەخپىيەتلىكنىڭ دۇنياسى؛ دۇنيانىڭ گۈزەللىكى، شۇنداقلا گۈزەللىكنىڭ دۇنياسى؛ يولنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان نۇرلۇق چىراق، شۇنداقلا نۇرلۇق يولدۇر.
ئىتىقاد بولسا سەپەرچىلەرنىڭ بوستانى، ماتروسنىڭ كىمە يولى بەلگىسى، ئىزىققۇچىلارنىڭ يىتەكچىسى، جەڭچىنىڭ قۇرالى، ياقا يۇرتتىكى كونا دوست، كۈچلۈكلەرنىڭ ئىغىزدۇرۇقى، ئاجىزلارنىڭ كۈچىدۇر.
ئىتىقاد بولسا قەھرىمانلارنى تاۋلايدىغان زاۋۇت، مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغان بازا، قەلىبنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، كىشىلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ماياك.
بىرلا سۆز بىلەن قىلىپ ئىيتقاندا، ئىتىقاد ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇ يەككە ھالدىكى قەلبنى خاتىرجەم قىلىدۇ، تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلىدۇ؛ ئۇ جەمئىيەتنى مۇقىم ھەم ئىتتىپاق قىلىدۇ، گۈللەندۈرۈپ ياشنىتىدۇ.
14. بەزى كىشىلەر ئىپادىلىگەن ئىسلام كىشىنى ئىنتايىن قورقۇتىدۇ، ئۇنىڭ قويىدىغان تەلىۋىنىڭ قاتتىقلىقى ئادەمنى تومۇزدىمۇ مۇزلىتىۋىتىدۇ، شۇ ھەقتە گەپ بولسىلا باشقىلارنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ كىتىدۇ. بۇ خىل ئىسلامنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى: ئىتىقادنىڭ ئىغىزدا شۇئارلاشتۇرۇلۇشى، ئىبادەتنىڭ شەكىل رەسىمىيەتلەشتۈرۈلۈشى، ئىددىيەنىڭ پاسسىپلاشتۇرۇلۇشى، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىنىڭ كالاملاشتۇرۇلۇشى، فىقھەنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، تۇرمۇشنىڭ يۈزەكىلىشىشى. بۇ خىل ئىسلام بولسا بىر قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن، قورۇلۇپ روھسىز بولۇپ كەتكەن بىر ئوبرازدۇر، ئۇ دىننى تەشۋىق قىلىشتا پەقەت قاتتىق بولۇشنىلا بىلىدۇ، سۆھبەت قىلىشتا پەقەت قوپال بولۇشنىلا بىلىدۇ، ئالاقىدە پەقەت ياۋايى بولۇشنىلا بىلىدۇ، ئۇسۇلدا پەقەت زورلۇق كۈچنىلا بىلىدۇ. بۇ بولسا بىر خىل قاتمال ئىسلامدۇر، ئۇ كۆز-قاراشنىڭ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئىددىيەنىڭ موللىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئوخشاشمىغان دىن مۇرىتلىرىغا ئەپۇچان بولۇشنى بىلمەيدۇ، ئىدىيە جەھەتتە ئوخشىمىغان قاراشتىكلەر بىلەن سۆھبەت قىلىشنى خالىمايدۇ، ئوخشىمىغان سىياسى قاراشقا ئىگە كىشىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.
بىز قوغلىشىۋاتقان ئىسلام بولسا ئەسلى مەنىسىدىكى ئىسلامدۇر، قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىسلامدۇر. ئۇ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق ئەمەس بەلكى ئوڭايلىق بىرىدۇ، باشقىلارغا تەھدىت ئەمەس بەلكى خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ؛ ئۇ زوراۋانلىققا ئەمەس بەلكى ئىللىقلىققا ئىنتىلىدۇ، ئۇ پارچىلاشقا ئەمەس بەلكى ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىدۇ، تارچىلىققا ئەمەس بەلكى ئەپۇچانلىققا ئىنتىلىدۇ؛ ئۇ شەكىلگە ئەمەس بەلكى روھقا ئەھمىيەت بىرىدۇ، تالاش-تارتىشقا ئەمەس بەلكى ئەمىلى ئىش ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئېرىشىدىغان ھەققە ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ رامكىغا ئەمەس بەلكى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قاتماللىققا ئەمەس بەلكى يىڭىلىققا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قالايمىقانچىلىقنى ئەمەس بەلكى قىلىپلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاشقۇنلۇقنى ئەمەس بەلكى ئوتتۇراھاللىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئىسلام تۆۋەندىكى ئاساسقا تۇرغۇزۇلۇشى كىرەك: ئاللاھنى بىر دەپ تۇنۇشنى يادرو قىلغان ئىتىقاد؛ سەمىمىيەت يادرو قىلىنغان ئىبادەت؛ ياخشىلىق يادرو قىلىنغان ئەخلاق، ئادىللىق يادرو قىلىنغان قانۇن، قىرىنداشلىق مېھرى يادرو قىلىنغان بەلباغ؛ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى بولسا تەڭپۇڭلۇق يادرو قىلىنغان مەدەنىيەتتۇر.
پەقەت مۇشۇنداق ئىسلاملا بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى يىقىنلاشتۇرالايدۇ. بۇ ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ بىكىتكەن ئىسلامىدۇر، ياكى بارلىق ئىسلام گۈللىنىش تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇم قوغلىشىدىغان ئىسلامدۇر. ئىنىقىكى، بىر قىسىم ئىسلام گۈللىنىش تەشكىلاتلىرى بىخ ھالىتىدىن پىشىپ يىتىلىش ھالىتىگە يۈزلىنىشكە ئېھتىياجلىق.
( «دوكتور قەرداۋىنىڭ ئىددىيە تەتقىقاتى» مىسىر تىنچلىق كىتاب ئىدارىسى 2004- يىلى نەشىرى)
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4601
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 08:14 AM