مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 553|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرۇم (يىك شىئىرلار توپلىمى) 1-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 05:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىك شىئېرلار توپلىمى


ئۇيغۇرۇم


1-قىسىم





(1)

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا




ئۇيغۇرسەن ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا،

ئۇيغۇرلۇق غورورۇڭ ۋىجدانىڭ بىلەن.

ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇر ئادەمدەك ياشا،

باسمىغىن قەدەمنى گۇمانىڭ  بىلەن.

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.



غەپلەتتە ئۇخلىما  كۈزۈڭنى ئاچقىن ،

شەيتانغا دوسىت بولما ئۇنىڭدىن قاچقىن.

ئۇيغۇرغا سانجىما نەشتەر  سۈزۈڭنى،

ئۇيغۇرۇم بىرلىشىپ داۋانلار  ئاشقىن.

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.



ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرنى تىللىما ھەرگىز،

ئۇيۇشۇپ ياشىساق ئۇيغۇر ھەممىمىز.

خەلقىمىز كۈلمەمدۇ ئالقشلاپ چەكسىز،

دۇئالار تىلىگىن ئاللاھتىن شەكسىز،

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.



ئەقلىڭنى ھۇشۇڭنى ئىزلىگىن بول تىز،

يىڭىلىق ياراتقىن ئىزدىنىپ چەكسىز.

خەلقىڭگە يامانلىق قىلمىغىن ھەرگىز.

كەلگۈسى ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ بىر ئىز.

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.



ئۇيغۇرلار ھەممىمىز بىر مىللەت تۇرۇپ،

يۇۋاشنى كۆرگەندە تىللىساق ئۇرۇپ.

كۈنىمىز  ئۈتەمدۇ شۇنداقلا دائىم،

قالمامدۇق ئاخىرى يالغۇز ئاھ ئۇرۇپ.

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.



يالغاننى راست دىمە ئۇيغۇرۇم بولساڭ،

ھارامنى  ئىزلىمە  ئۇيغۇرۇم  بولساڭ.

ھارامغا  تويامدۇ  بىچارە  نەپسىڭ،

ھارامدىن يىراق تۇر مۇسۇلمان بولساڭ.

ئۇيغۇرۇم ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشا.




2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى










(2)





دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟








بۇ جاھان ساڭىلا شەخسى جاھانمۇ؟

شۇ ھالىڭ قانچىلىك ساڭا ئايانمۇ.

سەن ئۈچۈن قاقشايدۇ ئاتا-ئاناڭمۇ،

ئەقلىڭنى تاپارسەن زادى قاچانمۇ،

  دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟



دۇنياغا يارالدىڭ پۇت قوللىرىڭ ساق،

نىچۈن سەن ياشايسەن بۇنى ئويلاپ باق.

كۈزۈڭگە ئىلمايسەن بىراۋنى دائىم،

شۇ ھالىڭ قانچىلىك ئويلا  ياخشىراق.

دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟




ئازراقلا تەر تۆكسەڭ ئۇھ دەيسەن دائىم،

ھازىرلا بولغۇڭ بار ناھىيگە ھاكىم.

شۇ تەخىت بىرىلسە ساڭىلا بەلكىم،

يۇرت ئەھلى چۈچۈيدۇ چىھرىدە غەمكىن.

  دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟




ئۈزۈڭنى چوڭ بىلىپ مەن خاقان دەمسەن ،

خاقاننى كۆرگەندە خوش خاقان دەمسەن،

ئازراقمۇ ئىشلىمەي ياشايمەن دەمسەن.

ئۈزۈڭدىن باشقىنى يىقىلسۇن دەمسەن.

دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟




چوڭ سۆزلەپ جاھاننى مىنىڭكى دەمسەن

زاغرىنى كۆرسەڭ گەر ئىت يىسۇن دەمسەن ،

ئاق ناننى باشقىلار يىمىسۇن دەمسەن.

سەن  زادى دۇنيادا قانداق ياشايسەن

دۇنيادا  ياشىماق  شۇنداق ئاسانمۇ؟



بىراۋنى ئۇچراتساڭ سالام دىمەيسەن،

بىر تۇققان ئاكاڭنى ئاكام   دىمەيسەن.

مىجەزىڭ بەك جاھىل گەپمۇ يىمەيسەن،

ھاياتنىڭ  قەدرىنى ئەسلا بىلمەيسەن.

دۇنيادا  ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟




سەن ئالغان نەرسىنى ئالدىم دىمەيسەن،

بىراۋغا ياخشىلىق قىلاي دىمەيسەن.

ئاتاڭنىڭ -ئاناڭنىڭ غېمىنى ئەسلا يىمەيسەن،

ئەجدادىڭ ئەجرىنى كۆزگە ئىلمايسەن.

دۇنيادا  ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟





دائىملا ھەق يولنى پەقەت كۆرمەيسەن،

تېرىقچە ياخشى ئىش قىلاي دىمەيسەن.

غەيۋەتنى گۇناھ ئۇ قىلماي دىمەيسەن،

نەپسىڭگە كەلگەندە ئىنساپ قىلمايسەن.

دۇنيادا  ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟




  2011-يىلى3-ئاينىڭ 12- كۈنى شەنبە










(3)





مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.





مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى،

باسماسمىدى ئەسلىدە ئانىلارنىڭ ئىزىنى؟

مانا ئەمدى ھايا يوق يىرتىۋالدى تىزىنى،

شۇ سەھرالىق قىزلارمۇ ياراتمىدى يېزىنى،

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



ئەمەسمىدى ئەسلىدە ئۇيغۇر قىزى ھايالىق؟

جىلۋىلىنىپ تۇراتتى شۇ چىھرىدە سۇباتلىق.

ئەمدى بۈگۈن قارىساق بەزى قىزلار رومانتىك،

يۈز كۈزىنى سەت قىلىپ قونچاقلاردەك بۇياقلىق.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



ئاتىشىدۇ ئۈزىنى مەنمۇ ئۇيغۇر قىزى دەپ،

سۆزلىمەيدۇ بەزىدە بىر ئىغىزمۇ ئىلمىي گەپ.

كىسىۋەتتى تۇلىسى كۆينىكىنىڭ يىڭىنى،

نىمە دىسەك بەرىبىرئاڭلىمايدۇ ياخشى گەپ.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇ قىزى  مىللىتىمنىڭ بىركۈزى،

ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇ قىزى ئاسمىنىمنىڭ يۇلتۇزى.

ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇ قىزى زەپ چىرايلىق شۇ يۈزى،

دىمەسمىدىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ شوخ قىزى.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



بەزى قىزلار سەت قىلىپ چۇۋۇۋالدى چېچىنى،

ياغلىقىنى تاشلىدى يۆگىمەيدۇ بېشىنى.

ئويلىمايدۇ ھەرگىزمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى،

ئېسىللارنى  ياراتماي ئىگىز تۇتار بېشىنى.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



يىڭىلاندى كىيىممۇ ئشتان -كۆينەك بەك كالتا،

سېلىۋەتتى قىزلارمۇگۈزەل ئەتلەس كۆينەكنى.

ئېچىۋەتتى بەس -بەستە يۇتابىلەن بىلەكنى،

ئۇلار ئۈچۈن شۇ تۇرقى شۇنچە ئىسىل بەك كاتتا.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.

بىراق بۈگۈن ئەكسىچە سۈكۈپ سالدىم مېزىنى،

ساپ ئۇيغۇرۇم دىيىشكە تىلىم كۈيەر ئۇلارنى،

بىراق مەۋجۇت بىزلەردە پەرىشتىدەك قىزلارمۇ.

مەدھىيلەيتتىم ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىنى.



2011-يىلى7-ئاينىڭ 31-كۈنى





(4)





ئۇيغۇرۇم ئۇنۇتما ئانا تىلىڭنى!




ئۆزۈڭچە ماختىنىپ يۈرىسەن شۇنچە،

يۇرتىڭدىن چىقىپلا سۆزلىرىڭ چەتچە.

كىيىمنى كەيمەيسەن تېخى ئۇيغۇرچە،

چۈشەنمەي قالىسەن گەپنى ئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇرۇم ئۇنۇتما  ئانا تىلىڭنى !



بەزىدە سۆزلەيسەن ھەرخىل  تىللاردا،

ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تېخى چەت ئەلچە.

مودىغا  ئايلاندى ئارلاشما تىللار،

سۆزلەشنى بىلمەمسەن تۇلۇق ئۇيغۇرچە ؟

ئۇيغۇرۇم  ئۇنۇتما ئانا تىلىڭنى !



يۇرتىڭدىن كەتسەڭمۇ تانما مىللەتتىن،

يىراق تۇر ھەر قاچان يامان ئىللەتتىن.

ئىبرەت ئال ئۇيغۇرۇم ئۇلۇغ ئەجدادتىن،

گۈللەنسۇن ئۆز تىلىڭ كىيىن ئەۋلاتتىن.

ئۇيغۇرۇم ئۇنۇتما  ئانا تىلىڭنى !



ئۇيغۇرسەن سۆزلەيسەن گاھى خەنزۇچە،

بىلىسەن سۆزلەشنى  تېخى چەتئەلچە.

بىراق سەن ئۇنتۇدىڭ ئۇيغۇر تىلىڭنى،

ئۆز تىلىڭ ئىدىغۇ ئەسلىئۇيغۇرچە.

ئۇيغۇرۇم  ئۇنۇتما  ئانا تىلىڭنى !



ئۆز تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس ئەمەسمۇ،

سەن ئۈچۈن ئۆز تىلىڭ گۈھەر ئەمەسمۇ؟

ئۆز تىلنى خارلىساڭ گۇناھ ئەمەسمۇ ،

ئېيتقىنا سەنمۇ بىر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇرۇم ئۇنۇتما  ئانا تىلىڭنى !



سەن بولساڭ ھەقىقى  ئۇيغۇر مىللىتى،

قەدىرلە  ھەر  زامان  ئانا  تىلىڭنى .

مىللەت  ئۈچۈن ئاتىغىن ئاشۇ جېنىڭنى،

تىز پۈكمە تۆكسەڭمۇ ئىسسىق قېنىڭنى.

ئۇيغۇرۇم    ئۇنۇتما   ئانا  تىلىڭنى !



2013-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى


(5)



ھاياتلىق سەپىرى






كۈنلىرىم ئۆتىدۇ شۇنچە مەنىسىز،
ھېچ بىرگۈل ئېچىلماس لىكىن پۇراقسىز.
گىياھسىز چۆللەردە يۈرىمەن تەنھا،
مەنزىلىم بەك يىراق ئېتىم يۈگەنسىز.



   
خىيالغا ئەسىر بوپ باسىمەن قەدەم،
نىشانسىز خىيالغا چۈمىمەن ھەردەم.
بەزىبىر خيالنى ئويلاشتىن يىراق،
باسىمەن بۇ يولدا خىيالى قەدەم.




ھاياتلىق سەپىرى بىر مۈشكۈل سىناق،
ھاياتلىق يوللىرى مەنزىلى يىراق.
غەلبىلىك ئۆتكۈزسەم ئاشۇ سىناقنى،
رازىمەن بىر ئۆمۈر چەكسەممۇ پىراق.




2011-يىلى11-ئاينىڭ27-كۈنى


(6)



بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟




سىمايىڭ ئەسىر قىپ كۆڭلۈمنى مىنىڭ،

كۈڭۈلنىڭ تۈرمىسى بولدىغۇ  كۈلپەت.

خىيالىم  ساڭىلا   باغلانغان  مىنىڭ ،

كۈڭۈلگە سىغامدۇ مەندىكى بۇ دەرت.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



كىچەيمۇ دىگەنتىم سىنىڭدىن ئەبەت،

يۈرىكىم قويمايدۇ  ئۇنىڭغا پەقەت،

كەچمىسەم يا سەندىن كەلمىدى مىھىر،

بۇ جاھىل مىجەزىم قىينىدى پەقەت.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



ئۇنتۇشقا  باھانە  تاپالماي  ئەجەپ،

ئۇنتۇشنىڭ دورىسى بارمىدۇ دەيمەن؟

ئارام يوق كۆڭلۈمگە كىچە ھەم كۈندۈز.

پەقەت بىر سىنىڭلا غېمىڭنى يەيمەن.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



ئاشىقلىق جىسمىمنى قورشىدى تىمتاس،

يا سەندىن كەلمىدى ھەقىقى ئىنكاس.

تاقىتىم ئۈزىلەي دىسىمۇ   مىنىڭ،

سەن مىنى كۈزىڭگە ئىلمىدىڭغۇ راس.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



كىچەلمىەي سىنىڭدىن ئۇچتۇڭغۇ يىراق،

ۋىسالغا يىتەلمەي چەكسەممۇ پىراق.

ياشايمەن يەنىلا مەيدەمنى كېرىپ،

بەختىممۇ ئالدىمدىن كەتمەيدۇ يىراق.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



بەختىمنى تىلەيمەن ئاللاھتىن پەقەت ،

باشقىغا كۆڭلۈمنى بەرمەيمەن پەقەت.

ياراتقان ئىگىمىز بىرىدۇ  بەخىت،

ئاللاھتىن ئۈمۈدنى ئۈزمەيمەن پەقەت.

بىلمىدىم خىيالىڭ قەيەردە سىنىڭ؟



2012-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى



(7)



تەنھا يۈرەك





سىنىڭسىز كۈنلىرىم ئۈتىدۇ تەنھا،
مىھرىمنى سىنىڭدىن ئۈزمىدىم ئەمما.
سۆيگۈمنى ئاتىغان پەقەت ساڭىلا،
سەن ئۈچۈن ئازاپتا يۈرىمەن تەنھا.




يۈرگەنتىم كۆڭلۈمنى قىلالماي ئىزھار ،
يۈرۈگۈم قېتىدىن ئۆچمىدىڭ زىنھار .
قەتئىيلىك ئۈستۈمدىن كەلگەندە غالىپ،
قىلماقچى بولدۇممەن كۆڭلۈمنى ئىزھار .





ھەمراھتۇر ھەرۋاقىت ئازاپ - ئوقىبەت ،
مەن ئۈچۈن بۇئازاپ چوڭ ئەمەس پەقەت.

مىھرىڭنى بەرسەڭلا تەنھا يۈرەككە ،
كۇپايە مەن ئۈچۈن مۇشۇلا پەقەت.





سۆيگۈگە ئەسىر بوپ تەنھا يۈرۈگۈم،
ئازاپتا ئۆرتەندى مىنىڭ شۇ قەلبىم.
خىياللار ئۈستىگە خىياللار قۇشۇپ،
سىغمىدى ئىچىمگە ئازاپلىق دەردىم.




خىيالىم كۈزىدىن كەتمىدىڭ يىراق،
ئامانلىق تىلەيمەن چەكمىگىن پىراق.
تىكلىپ قارىدىم كۈزۈڭگە ھەتتا ،
مۇھەببەت سۆيگۈمنى بىلمىدىڭ بىراق.




كۈرىمەن چۈشۈمدە سىنىلا پەقەت،
سەن ئۈچۈن سوقماقتا بۇتەنھا يۈرەك
بىراق سەن يۈرىسەن بىخەۋەر قايدا.
شۇ سەۋپ ئازاپقا تولدى بۇ يۈرەك.




سۆيگۈمنى قۇبۇل ئەت قىلاي مەن بايان،
سىنىلا ئەسلەرمەن مەڭگۈگە ھامان .
سۆيگۈگە تەشنادۇر بۇ تەنھا يۈرەك،

كەل سۆيگۈ باغىدا كىزەيلى جاھان .





2010-يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى




(8)



نىشانىم





ئەتىر گۈلگە  تەشنا ئىدىم مەن ئەسلى ،

ئۇزۇن بولدى كۈتۈپ يۈردۈم شۇ گۈلنى.

ئۈزەي  دەپلا  ئۇزاتقانتىم   قوۇلۇمنى ،

سانجىلدى قۇلۇمغا  گۈلنىڭ  تىكىنى .





شۇنچىلىك خۇشپۇراق ئىدىغۇ  ئەسلى،
شۇنچىلىك چىرايلىق ھۆسنى جامالى .

كۆرۈنمەي  تۇراتتى زەئىپ  تىكىنى  ،

قولۇمغا  سانجىلدى ئاشۇ  نەشتىرى .





رازىمەن  تىكەنلەر  سانجىلسا  قولغا،

شۇ   گۈلنى قولۇمغا  ئېلىش   يۇلىدا.

رازىمەن   قوللۇرۇم   بۇيالسا   قانغا،
يوق ئىدى ئارمىنىم ھايات يولۇمدا.



نىشانىم شۇ گۈلنى ئۈزۈش  ئۈچۈنغۇ،
پەقەتلا شۇ  گۈلنى كۈرۈش  ئۈچۈنغۇ.
يانمايمەن يولۇمدىن جېنىم كەتسىمۇ،
شاھ بولۇپ شۇ بېشىم كۆككە يەتسىمۇ.




2011-يىلى10-ئاينىڭ 18-كۈنى



(9)




تارتىسەن جاپانى تېخى ئالدىڭدا




ئۈكۈنمە ھەرگىزمۇ ئۆتكەن كۈنىڭگە،

زارلانما ھەرگىزمۇ تارتقان جاپاغا.

جاپانى تارتقانغا ئىنسان ئۆلمەيدۇ،

ھەرقانچە بولساڭمۇ چىدا جاپاغا ،

تارتىسەن جاپانى تېخى ئالدىڭدا.



كىچىكلا جاپادىن قاچىسەن دائىم،

راھەتنى ئىزەيسەن تاپالماي بىراق .

سايلىساق بولغۇڭ بار كاتتا بىر ھاكىم،

كۈزۈڭگە ئىلمايسەن بىراۋنى بىراق.

تارتىسەن جاپانى تېخى ئالدىڭدا.




ئەدەپنى بىلمەيسەن غالجىر ئىت كەبى،

ئالىيىپ  قارايسەن  بەزىدە  تېخى.

ئەيىبىڭنى سۆزلىسە بەزىلەر تېىخى.

ئۈزۈڭگە ئالمايسەن ئەيىپنى تېخى.

تارتىسەن جاپانى تېخى ئالدىڭدا.



بىر ئۆيگە باش بۇلۇپ ئۆتكەن چېغىڭدا،

نى-نى جاپالار كىلىدۇ تېخى بېشىڭغا.

جاپانى تارتىسەن تېخى ئۆلگۈچە،

جاپادىن قاچقانغا راھەت يوق ياتقانغا .

تارتىسەن  جاپانى تېخى  ئالدىڭدا.



2012-يىلى2-ئاينىڭ 17-كۈنى


(10)




سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا




                                                      
يالغاندىن قورقىمەن ۋىجدان ئالدىدا،
راستتىنمۇ قورقىمەن خەلقىم ئالدىدا.
ۋەياكى راست يالغان سۆزلىمەي دىسەم،

كۈمۈلۈپ كەتتىممەن خىلۋەت دالدىدا.





سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا.
دائىملا ئويلايمەن بىر چىگىش خىيال،
بۇ خىيال تۈگىمەس مەندە نە ئامال.
ھەق يولنى ئىزدەيمەن تىپىرلاپ دائىم،




بىر ئازاپ قىينايدۇ قەلبىمدە قامال.
سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا.
ھەق سۈزۈم ئۆتمىدى دوستۇم ئالدىدا،
شۇنچىلىك سۆزلىدىم بىراۋ ئالدىدا.




ھېچ كىشى ئاڭلىماس مىنىڭ سۈزۈمنى،
كۈلكىگە قالدىممەن خەلقىم ئالدىدا
سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا
بىر ئېغىز ھەق سۆزنى قىلىدۇ  مازاق،




ئەيمىنىش يوقمىدۇر ئۇنىڭدا ئازراق.

چۇشەنمەي ھەق سۆزنى سۆزلەيدۇ دائىم ،

ھەقىقەت يۇلىدىن خېلىلا  يىراق.

سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا.





ئۆتسەمكەن بىر ئۆمۈر ھەق يولنى سۆزلەپ.

ئاڭلىسام بىراۋنىڭ يالغان  سۈزىنى،

يىقىتقۇم كىلىدۇ  بېشىغا    دەسسەپ.

سۆزلەشتىن  قورقىمەن دوستۇم ئالدىدا.






2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى (سەيشەنبە)



(11)




ھاياتلىق سەپىرى






كۈنلىرىم ئۆتىدۇ شۇنچە مەنىسىز،
ھېچ بىرگۈل ئېچىلماس لىكىن پۇراقسىز.
گىياھسىز چۆللەردە يۈرىمەن تەنھا،
مەنزىلىم بەك يىراق ئېتىم يۈگەنسىز.




   
خىيالغا ئەسىر بوپ باسىمەن قەدەم،
نىشانسىز خىيالغا چۈمىمەن ھەردەم.
بەزىبىر خيالنى ئويلاشتىن يىراق،
باسىمەن بۇ يولدا خىيالى قەدەم.





ھاياتلىق سەپىرى بىر مۈشكۈل سىناق،
ھاياتلىق يوللىرى مەنزىلى يىراق.
غەلبىلىك ئۆتكۈزسەم ئاشۇ سىناقنى،
رازىمەن بىر ئۆمۈر چەكسەممۇ پىراق.





2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى



ئەسكەرتىش - بۇ تېمىلارمىنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە يولىغان ئىجادىيەتلىرىم بولۇپ توپلام قىلىپ ساقلاپ قۇيۇش مەقسىتدە ئازراق تەھىرلەش ئېلىپ بېرىپ قايتا يوللىدىم ، تورداشلارنىڭ ئادىل تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !




مەنبەسى؛  مىسرانىم مۇنبىرى شىئىرىيەت گۈلزارى




2013 -يىلى3-ئاينىڭ 30-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 07:17 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nraat1 + 39 ياخشى شىئىرلار ئىكەن.
ikbalb + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 09:05:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىق سەپىرى بىر مۈشكۈل سىناق،
ھاياتلىق يوللىرى مەنزىلى يىراق.
غەلبىلىك ئۆتكۈزسەم ئاشۇ سىناقنى،
رازىمەن بىر ئۆمۈر چەكسەممۇ پىراق.----

شۇڭا مەنمۇ شۇنداق يەكۈن چىقاردىكى؛-

ئادەمسەن ھەرقاچان ئادەمدەك ياشا،
ئالەمنى قوياشتەك ئايلان كەڭ  تاشا.
  خالادا  پوق پۇراپ   ياتقان چىۋىندىن،
مىڭ ياخشى تەستەك يەپ ئۆلگەن شۇ پاشا.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-31 09:07 AM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8077
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8235 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 11:01:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ھاياتلىقنىڭ ئىزناسى بولۇشىمۇ، ئۇ يۈرەككە تېگىشىمۇ، يۈرەكنى زەدە قىلىشىمۇ،يۈرەككە مەلھەم بولىشىمۇ، كىشىنى يېڭىلىققا ئىلھاملاندۇرىشىمۇ مۇمكىن، ھاياتلىقتا پەقەت كۈرەش قىلىشلا... يەنە كۈرەش قىلىشلا بولىدىكەن، ھەقىقيى شېئىر ئىجاد قىلىنىشى مۇمكىن، بۇنداق شېئىرلار كۈرەش قىلغۇچىلارنى دۇنيا يېڭىلىقلىرى بىلەن كەلگۈسىگە ئۈمىدلەندۈرۈشى مۇمكىن، سېز ئۆزىڭىزنى شائىر دەپ بىلگەندە، مىسرالىرىڭىز يالقۇنغا ئايلىنىشى مۇمكىن، لېكىن.... قەلەمنى تاشلىماسلىقىڭىز مۇمكىن، چۈنكى شېئىر ۋىجدان ئىشى....

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 11:35:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 09:05 AM
ھاياتلىق سەپىرى بىر مۈشكۈل سىناق،
ھاياتلىق يوللىرى مە ...

مەخەتجان مۇئەللىم راست گەپ قىلدى ...مەن قوللايمەن

شىرئەلى
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93566
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 02:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85030
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 12:50:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل شىئىرلار ئىكەن،،، ساقلىۋالدىم بىر نەچچىسىنى...بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن....

يۈرەك يىغلايدۇ «نېمىشقا؟» دەپ، ئەقىل كۈلىدۇ «خوپ بولدى» دەپ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش