مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5869|ئىنكاس: 75

لەڭپۇڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6456
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 03:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىر كۈنى بىر قانچە ساۋاقداشلار يىغلىشىپ يىراق يېزىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلدىغان ساۋاقدىشمىزدىن ھال-ئەھۋال سورغىلى باردۇق. ئارلىق يىراق بولغانلىقتىن قونۇپ قىلشىمىز ئىنىق ئىدى، شۇڭا ئۆيدىكىلىرگە دەپ قويۇپ چىققان ئدۇق.،ھەممىمىزنىڭ ياشلىق چاغلىرىمىز بولغاچقا بۇ يېزىدىكى قىزلار ئولتۇرىشىمىز شۇنداق قىزىپ كەتتى .....
بۇ چاغلاردا يېزىلاردا نەدە رېستۇران ،تانساخانا دىگەنلەر بولسۇن ...؟ بىز ئاشۇ ئوقۇتقۇچى قىزلار ياتىغىدا ھەممىمىز قول - قول تۇتۇشۇپ تاماقلارنى ئېتىپ شىرەگە تىزىۋەتتۇق .
خوشنا ياتاقتىكى بىر ساۋاغدىشىمىز ئۆزى ئۇيۇتقان لەمپۇڭىنى ،ئوخشىغان لازا -ئاچچىقسۇلىرى بىلەن تەڭشەپ ئەكىرىپتىكەن ھەممىمىز شۇ لەمپۇڭغىلا ھۇجۇم قىلىشىپ كېتىشتۇق .

ئۇ چاغدا گۈلدەك چاغلىرىمىز بولغاچقا بىر -بىرىمىزدىن زىلۋا چىرايلىق ئىدۇق ،ئوينىغان ئۇسۇل ،تانسىلىرىمىزنىغۇ دىمەيلا قوياي ،شۇنداق قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بۇ سورۇنىمىزمۇ ئاخىرلاشتى ،بۇ چاغدا كىچە سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى .
بىز جىق بولغاچقا بىر قانچە ياتاققا بۆلىنىپ قىستىلىشىپ ياتتۇق ، لېكىن چاقچاق پاراڭلار بىلەن بۇمۇ بىلىنمىدى .....مېنى خوشنا ياتاقتىكى ھىلىقى لەمپۇڭچى ساۋاقدىشىم زورلاپ ياتىقىغا ئەچىقىپ كەتتى ،بىز تېزلا يېتىپ قالدۇق بۇ دەل زىمىستان قىش ۋاقتى بولغاچقا ھەممىمىز ھاردۇقچىلىقتا ،ئىسسىق يوتقانغا كىرىپ ،ئېغىر ئۇخلاپ كېتىپتىمىز ....
تۈننىڭ ئۇزاقلىغىدىنمۇ ياكى ئورنۇم يۆتكەلگەچكە ئاز ئۇخلىدىممۇ ئەمدى تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى بۇ چاغدا مۇشۇ ياتاقتىكى تەنتەربىيەچى ،تەمبەل ،مىجەزى چۇس بىر ساۋاغدىشىم تاراقشىپ ئورنىدىن تۇردى ،ئۇ مەشكە ئوت قالاپ ،قازاننى ئېسىپ سۇ ئىسسىتىپ، ئىۋرىققا سۇ ئېلىپ ساپما كەشىنى سۆرىگەنچە شىپاقشىتىپ تالاغا چىقىپ كەتتى .
بىر چاغدا بىلمەيلا قالدۇق ئۇ قولىدا ئىۋرىق ، تالادىن ئىشىكنى تەپكەنچە جالاقشىتىپ ھاڭ -تالا ئېچىۋېتىپ ،ئاغزىنى بۇزۇپ قىزلارنى تىللىغانچە كىرىپ كەلدى ،ھەممىمىز ھەيرانلىقتا ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ كەتتۇق ....
ئەسلىدە ھىلىقى لەمپۇڭ ئۇيۇتقان ساۋاغدىشىمىز ئالدىراپ كېتىپ ، لازا قېقىنى قازاندىكى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بىر قاينىتىۋېتىپ ئاندىن چاناپ لازىجاڭ;مۇچ قىيامى;ئەتكەنكەن ، ئۇ سورۇنغا ئالدىراپ كېتىپ قازاننى يۇمايلا سۈيىنى تۆكىۋېتىپ قويۇپ قويغانكەن ،بۇنى بىلمىگەن ھىلىقى تەنتەربىيەچى ساۋاغدىشىمىز قازاننى پاكىزكەن دەپ تاھارەتكە سۇ ئىسسىتىپ شۇ سۇدا بامداتقا تاھارەت ئېلىپتۇ .... ھاھاھاااااااااااااااااااااااااااااااااا[s:122]
تالادىكى سوغۇقنىڭ ئۈششىگى ،لازىنىڭ ئاچچىغى تەڭ قوشۇلۇپ بىرلا تۇتۇپتىكەن ئاچچىقچىلىقتا ئېچىشقانغا پايلاپ بولالماي ئۇ بىچارە شۇڭا تالادىن چىچچاڭشىغىنىچە كىرىپ بىزنى تىللىغىنىكەن . كاساپەت لازىمۇ تازا سورتلۇق ئاچچىق لازىدىنكەن .
بۇ ساۋاغدىشىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكىلىۋاتىدۇ ...تىللاۋاتىدۇ ...يىغلاۋاتىدۇ ...تەرەپ -تەرەپكە ساراڭ پاخلاندەك چۆگىلەپ تىپىرلاۋاتىدۇ ....
ئاخىرى چىداپ بولالماي ئىشتان -كۆينەكنى سېپ تاشلاپ : --- يەلپۈشە دەپ بىزگە قول شىلتىپ تىللاپ ھەممىمىزنى ھەربىدەك سەپراس تۇرغىزىۋەتتى .................
بۇ قىشتا نەدىمۇ يەلپۈگۈچ بولسۇن ؟ ھەممىمىزنىڭ قولىدا بىردىن شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى يەلپۈۋاتىمىز ...تىللاۋاتىدۇ ...يەلپۈۋاتىمىز ...يىغلاۋاتىدۇ ....
ئاخشام يىگەن لەمپۇڭ دىگەننى بۇرنىمىزدىن بۇلاق چىقىرۋەتتى ....ھىلىقى لەمپۇڭچى ساۋاغدىشىمىزنىغۇ تىللاپ سېسىتىپ ،مەينەتلىگىڭدىن ئەرمۇ ئالماس ئىلاھىم دەپ قاغاپ بىر قىلدى ...
مېنىڭ شەيتىنىم كۇچلۇك بولغاچقا چىداپ بولالماي كۈلۈپ ئاۋازىم تېشىغا چىقىپ كەتتى..........
قورقۇپ تۇرغان قىزلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ يەنە قول شىلتىپ يەلپۈشمەمسەن ....؟، -دەپ تىللىغىلى تۇردى . ئالاھىزەل بىرە سائەتتەك كەسكىن كۈرەشتىن كىيىن بېسىقىپ ،جىدەلمۇ تىنجىدى بىزمۇ ئىشتىن تىممىدە توختاپ ئۇففففففففففففففف دىۋالدۇق .
ناماز ئوقۇپ ساۋاپ تاپىمەن دىگەن بۇ ساۋاغدىشىم ، ساۋاپ ئۇياقتا تۇرسۇن ئاغزىنى بۇزۇپ ھەممىمىزنى تىللاپ بىرمۇنچە گۇناھىمىزنى ئارتىۋالدى ...
شۇ ئىشتىن كېيىن ھەممىمىز ئۇنى كۆرسەكلا كۈلىمىز ،بەزىدە ئاشۇ ئەسلىمىنى ئۇنىڭ يادىغا سېلىپ لازا سۈيىدە تاھارەت ئالسا ئوبدان دىزىنفىكسىيە قىلغاندىكىن ساۋابىمۇ جىقراق يېزىلغاندۇ ھە ...؟يەنە شۇنداق ئويۇن قۇيۇپ بەرسەڭ بولاتتى زىرىكىپ قالغاندا ، بىزمۇ ساڭا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىمىز بۇنى بىلىسەن دەپ چىشىغا تىگىپ قويۇشاتتۇق ،ھىلىقى بىچارە لەمپۇڭ ئۇيۇتۇپ كىرگەن ساۋاغدىشىمىزنىغۇ بولدى شۇ ئىشتىن كىيىنلا چىرايلىق ئىسمىنى ئۇنتۇپ; لەمپۇڭچى; دەپ لەقەممۇ قويۇۋېلىشتۇق ...

مەنبە:خانتەڭرى.

ئۆزەمنى تۇنىغان كۈنۈم- قەلبىمدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرگە باشقىلار ھۆكۈمران ئىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 735
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 07:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئىلگىرى ئاشپەز توردىن بىر دوستىمىز مۇشۇ مۇنبەرگە يوللاپتىكەن بۇنى ئۈچۈنچى قېتىم كۈرشۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9960
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 7328 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 08:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يوغون ئىش بولاپتىكەن .

بۇ دۆلەت مەندە تۇرماس ، ئۇمەينەت سەندە.

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2631
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 10:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم ،مىسرانىمدا مۇنداق جانلىق بىر تىمىنى ئۇقۇمىغىلى خېلى ئۇزۇن كۈنلەر بوپتىكەن !@@@@@ رەھمەت ياخشكەن !

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 10:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىق ئىشكەن بۇ .  

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ،،،،قارىغاندا بۇ راستىنلا يۈزبەرگەن ۋەقەدەك قىلامدۇ نىمە؟؟؟
ئوقۇپ بولغىچە،يۈزلىرىممۇ ئاغرىپ كەتتى كۈلۈپ بولالماي.{:34:}ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا `````````````````````

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:24:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشەدە ئويناپ يۈرۈپلىدە باباياۋ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3838
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەرى ئىچىشىپ كىتىپتۇ ئەسلى .... ئىچىپ قويۇپ يەلپىڭلار دىگەن بولسا كارامەت قىزكەن جۇمۇ!

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83897
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3301
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sarban يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 11:24 PM
مەشەدە ئويناپ يۈرۈپلىدە باباياۋ


بىر نەچچە كۈن بولدى مەشەدە ئويناۋاتىدۇ بۇ ھاجىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diwane تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 11:42 PM  


بۇ دۇنيادا كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن  ئۆلمىگىنىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىختىيارسىز كۈلۈپ كىتىپتىمەن

‏سەجدە قىل ! ئىنسان ~ ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمسەن !؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش