مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1727|ئىنكاس: 7

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92359
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەلناز
بالىياتقۇ ئوسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمىسى، بولۇپ پىشىپ يىتىلمىگەن بالىياتقۇدىكى سېلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ،كۆپىنچىلىرى شار شەكىللىك ،ئۇيۇل ماددىلىق ئۆسمە.
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئادەتتە ئىپادىسى ئىپادىلەنمەيدۇ.كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەندىكى كېلىنلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ .
1.جىنسى يولىدىن قان كېلىش :ئەگەر نېكروزلىشىش ،يارلىنىش ،يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە جىنسى يولىدىن توختىماي قان كېلىدۇ ھەيز مىقدارى كۆپىيىپ كىتىدۇ ،ھەيز دەۋرى ئوڭايلا قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ .
2.قورساق قىسمىدا مۇنەك پەيدا بولۇش :قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا تۇيۇقسىز مونەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ .قورساق چىڭقىلغاندا ،مونەكنىڭ يۇقىرغا كۆتۈرۈلىشى روشەن بولىدۇ .
3.بېسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش:ئۆسمە چوڭايغاندىن كېيىن،تېگىشىپ تۇرغان ئەزالارنى بېسىپ ،ھەر خىل ئالامەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن بالىياتقۇ ئالدى دىۋار ئۆسمىسى بىمارنىڭ دوۋسىقىنى بېسىۋالغانلىقتىن ،تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىدۇ .كەڭ تارمۇش ئىچى مۇسكۇل ئۆسمىسى سۈيدۈك تۇشۇش نەيچىسىنى بېسىۋالساسۈيدۇك تۇشۇش نەيچىسىگە،بۇرەك جامىغا سۇ يىغىلىپ قېلىپ بەل ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4.ئاغرىش :شىرىلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ بېغى تولغىشىپ قالسا ،ئۆتكۈر قورساق ئاغرىشنى كەل تۇرۇپ چىقىرىدۇ.:شىرىلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇنى غىدىقلاش سەۋەبىدىن ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
5.ئاق خۇن كۆپىيىش :ئاق خۇن كۆپىيىش سەۋەبىدىن ئىككىلەمچى قان ئازلىق پەيدا بولۇپ باش قېيىش ،چارچاش ،يۈرەك سېلىش پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇللىرى -1.دۇرا ئارقىلىق داۋالاش ؛ئۆسمە چوڭ بولمىسا ھەمدە بىئارام قىلىدىغان باشقا كېلىنكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە ،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جۇڭيى تېبابەت ۋە غەرب تېبابەت دۇرىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ داۋالاش كېرەك .
2.رادىئوئاكتىپلىق نۇردا داۋالاش :كېسەلنىڭ يېشى چوڭراق بولۇپ ،ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئوپراتسىيە قىلىشقا بولمىسا،تۆخۇمدانغا نۇر چۈشۇرۈپ ھەيزتوختىتىش ئارقىلىق ،مۇسكۇل ئۆسمىسىنى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرشىغائەگىشىپ يىگلىتىش ئارقىلىق داۋالاش لازىم .
3.ئوپېراتسىيە قىلىش ؛ئۆسمە چوڭراق بولۇپ ،ئالامەتلىرى ئېنىق ئوپراتسىيە قىلماي داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە ،ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك .
بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت 1.خانىم قىزلاردا ھەر خىل جىنسى كېسەللىكىنىڭ نىسبىتى ئېشىۋاتقان شارائىتتا ھوشيار بۇلىشى ،شۇنداقلا ئالدىنى ئىشلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىگىلەشتىن ئىبارەت .
2.بالدوربايقاش - بالدۇر دىئاگنوز قويۇش:كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بالدۇر بايقىغاندا ،داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
3.بالدۇر داۋالاش :بالدۇر داۋالىغاندا بىمارلار ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىگەئىرشەلەيدۇ ھەمدە داۋالىنىش راسخوتىنى تېجەپ قالىدۇ ،ئائىلە ۋە جەمئىيەت يۈكى يەڭگىللەش بولىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىلىرى -1)ھەيز مەزگىلدىكى ساقلىق ساقلاش .
2)كەيپىياتنى تەڭشەش -روھى ئامىل ياخشى بولۇش .
3)ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش .
4)يېمەك -ئىچمەكنى تەڭشەش ؛يېمەك -ئىچمەك قۇۋۋەتلىك ،يىنىڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولىشى ،ئاچچىق ،سۇغۇق ،غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى لازىم .
5)قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتىشى كېرەك.
6)ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش .
7)ھورمون تۈردىكى دورىلارنى ئىچمەسلىك لازىم .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AL~NAZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 12:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 06:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 08:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئۆزىگە ئۆزى كۆيۇنىشى كىرەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

رۋايەتتكى زەنجىر پالۋان كەلدى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94010
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 02:35:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى   ئانىللىرمىزمۇ  20،30 بالىنى تۇغۇپ ھىچقانداق كېسەل بولماي
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ  ياشاپتىكە ،.،.
مۇشۇ  جەميەت ھەم ئاياللارنىڭ  تەرەققى قىلغانسىرى بۇلۇپمۇ كىيىم كېچەكلەرنىڭ
بەدەننى
زەنجىردە بوغقاندەك قىسماققا ئېلىپ  چىپ  كىيۋېلىشى ،
2مىتىرلىق  ئىگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى  كىيۋېلىپ  
كىشلەرنىڭ  كۆزىدىن ئالاچەكمەن چىقىرىپ  يۈرۈشلىرى بىلەن ئاسانلا يامان كۆزلەر  تىگىپ  كىتىپ مۇشۇنداق خىلمۇخىل كېسەللەرنىڭ  كىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمە .،.

-_-ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى گالۋاڭ دەپ -_-...!!!






















.

كۈلەلمىسەڭ ھىجايما

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29890
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1992 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 02:59:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم.توردا بۇ خىل كىسەللىككە قارىتا نۇرغۇن خەنزۇچە ماتىريال كۆرگەنتىم.لىكىن بۇنداق تەپسىلىي ئۇيغۇرچىنى كۆرمەپتىكەنمەن.ئاتالغۇلارمۇ شۇنداق توغرا ئاتىلىپتۇ.
مەنمۇ بىر ئاياللار بۆلىمى دوختۇرى.ئالدىمىزغا كىلۋاتقانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ خىل كىسەللىكتىن كىلدۇ.ئالدىن بايقىسىمۇ داۋالاتماسلىق،ئاياللار كىسىلىدىن خىجىل بولۇش،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كېتدىغاندەك ھېسياتتا بولۇپ قىلىش،كىشىدىن ھىيقىش سەۋەپلىك كىسەلنى ئارقىغا سۆرەپ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۋاتقان خانىم قىزلارغا قاراپ ئېچىم ئاغرىيدۇ.
بۇ كىسەل كىلماكتىريە دەۋىردىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.بەزى ئاياللار كىلماكتىريە دەۋىرگە كېرگەندە ئادەت قالايمىقان بولىشى تەبىي ئەھۋال دەپلا سەل قارايدۇ،ئاقىۋەت كۈتۈلمىگەن نەتىجە چىقىدۇ.
كىسەلنى بالدۇر بايقاپ،توغرا داۋالاش يولىنى تىپىش كىسەلنىڭ يىرىمى داۋالانغانلىق.
ھەمشىرلىرىمىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 03:04:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاتئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 02:59 AM
رەھمەت قېرىندىشىم.توردا بۇ خىل كىسەللىككە قارىتا نۇرغ ...

شاتئايقىز مۇشۇ كىچىدىمۇ ئىشلەپ كىتىپتۇدە ، دوختۇرلۇق دىمىسىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىقى بەك يۇقىرى ،  بېسىمى ئېغىز خىزمەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق كىچىلەرە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان گەپ .
دەم ئېلىشقىمۇ دىققەت قىلىڭ شاتئايقىز ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
شاتئاي + 10 رەھمەت سىزگە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 12:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ،بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن ،

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6731
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6497 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 01:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،،رەھمەت سىزگە

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش