بۇنىڭدىن 500 نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر ئاخشىمى بىلگىينىڭ پايتەختى بريۇسىلېدىكى مەركىزى مەيداندا رەڭگارەڭ چىراقلار يېقىلىپ،كۆزنى چاقنىتىدىغان مەنزىرە شەكىللىنىپتۇ،پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەرگە جەم بۇلۇپ ئۇسۇل ئويناپ،ناخشا ئېيتىپ،چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىقنى تەبرىكلىشىپتۇ.قوڭغۇراق ۋە ساليوت ئاۋازلىرى ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ پۈتكۈل پايتەخىت ئاسمىنىدا ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ مىنۇتلار تاجاۋۇزچىلىق ۋە قۇللۇقنىڭ دەرد-ئەلىمىنى تارتىدىغان كۈنلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى كۆرسىتىپتۇ.
خەلق غەلبە تەنتەنىسىگە چۆمگەن مۇشۇ پەيىتتە،قالدۇق دۈشمەنلەر ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيتىگە تەن بەرمەي،بۇزۇق بىر ئەبلەخنى شەھەر مەمۇريىتى مەھكىمىسىىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە ئەۋەتىپ،بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بۇپتۇ.
بۇ يەر ئاستى ئۆيدە ناھايىتى نۇرغۇن پارتىلاتقۇچ دۇرا بار ئىكەن.بىر تال ئوت ئۇچقۇنى تىگىپلا قالسا،غايەت زور پارتىلاش يۈز بىرىپ،پۈتۈن شەھەر مەمۇرىيتى مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىنالارنى تۈپ-تۈز قىلىۋىتىدىكەن-دە،غەلبە تەنتەنىسى قىلىۋاتقانلارمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا جېنىدىن ئايرىلىدىكەن.دۈشمەننىڭ سۈيقەستى نىمىدىگەن زەھەرلىك-ھە!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زۇزۇق ئەبلەخ پارتىلاتقۇچ دۇرىلارنى دۆۋلەپ،پىلتىسىنى تاكى قوروغىچە تۇتاشتۇرۇپ بۇپتۇ،ئۇ ئوتىنى يېقىپلا ئۆزى تىكىۋېتىپتۇ.
ئوت تۇتاشتۇرۇلغان پارتىلاش پىلتىسى‹‹ۋىژ-ۋىژ››قىلىپ يەر ئاستى ئۆيگە قاراپ ماڭغىلى تۇرۇپتۇ،بۇ خەتەرلىك ئوتتىن ھىچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن.چوڭ بىر بالايى ئاپەت مانا مەن دەپ كۈرۈنۈپلا قاپتۇ.
دەل مۇشۇ جىددىي پەيىتتە،خۇددى بىرسى چاقىرىپ قويغاندەك،يۈررەن ئىسىملىك بىر كىچىك بالا بۇ قوروغا ئوينىغىلى كىرىپتۇ.قارىسا تامنىڭ بۇلۇڭىدا ئوت كۈيۈۋاتقان پارتىلاش پىلتىسى ئالغا قاراپ كۈيۈپ مېڭىۋاتقۇدەك.
ئۇ بالا يەر ئاستى ئۆيىدە پارتلىغۇچ دورىنىڭ بارلىقىنى،پىلتىگە ئوت تۇتاشسا،قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتىكەن.ئۇ سۇ قۇيۇپ ھېلىقى كۈيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بۇپتۇ،ئەمما ئۇ يەردە سۇ يوق ئىكەن،يىراقتىن ئېلىپ كىلەي دىسە،ئۈلگۈرمەيدۇ،ئادەم چاقىراي دىسىمۇ ئەپلەشمەيدۇ،نىمە قىلىش كېرەك؟بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا ياخشى بىر ئامال كەپتۇ:يۈگۈرگەن پېتى تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ،كۆيۈۋاتقان پارتىلاش پىلتىسىگە سىيىپتىكەن،ئوت بىردىنلا ئۈچۈپتۇ.
چوڭ ئاپەتنىڭ ئالدى ئېلىنىپتۇ،بريۇسىېل خەلقى پارتىلاش پىلتىسىگە سىيگەن بۇ كىچىك باتۇرنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،تەنتەنە قىلىشىپتۇ.
بىرەيلەن تەكلىپ بىرىپتۇ:
-بۇ كىچىك باتۇر ئۈچۈن مىس ھەيكەل تۇرغۇزىشىمىز كېرەك.
بۇ تەكلىپنى ھەممەيلەن بىردەك ماقۇل كۈرۈپتۇ.ئۇلار مەملىكەت بۇيىچە داڭلىق ھەيكەلتىراشلارنى تەكلىپ قىلىپ،يالىڭاچ بالىنىڭ سىيىۋاتقان مىس ھەيكەلنى ياساپ،ئۇنى پايتەخىتنىڭ بىر كوچىسىغا داغدۇغا بىلەن ئورنۇتىپتۇ.
مەنبە:‹‹ئەقىل-پاراسەتكە دائىر ھىكايىلەر››