مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9012|ئىنكاس: 44

سۆيگۈ ئۇۋالى(پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:53:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قەدىرلىك لالە،مەن سەن ھەققىدە خىيال بوستانلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە-يىگانە ھالدا ئايلاندىم.ئاخىرى قەدەملىرىم تالدى،يوللىرىم ئۈزۈلدى،ھايات ياپراقلىرىم پىلدىرلاپ تۆكۈلدى.بۇ ئارىدا بەش يىل ئۆتتىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن جېق ئۆتتىمۇ ،مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ بولغانىدى.لالە،مەن ئۆز رىئاللىقىمدا لالە ئىسىملىك بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىم بىلەن،سەن ئۆز رىئاللىقىڭدا كامال ئىسىملىك بىر ئالۋاسىتىنى سۆيگەن ئىدىڭ.لىكىن سەن بۇنى بىلىپ يىتەلمەيتتىڭ،مەن ساڭا بىلدۈرۈشنىمۇ ئەسلا خالىمايتتىم.
   قەدىرلىك لالە،مەن مۇشۇنداق قارا قىسمەت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قارا پەرىشتىگە،ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن.ئۇ چاغلاردا ھەر ئىككىلىمىز گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلار ئىچىدىكى سەبىي بالىلار ئىدۇق.كۈنلەر ،ئايلار ناھايىتى تىز ئۆتۈپ باراتتى.ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆيى شەھەردىن يىراقتىكى ناھىيدە بۇلۇپ،ئىككىمىز ناھىيە مەركىزىدىكى توپا تاملىق مەكتەپنىڭ كونا پارتا-ئورۇندۇقلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق.ئۆيىمىز بولسا ئارا تام قوشنا ئىدى.سەن شۇنداق يوۋاش قىز ئىدىڭ،ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ھاردىم-تالدىم دىمەي قىلاتتىڭ،شۇنداقتىمۇ،قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ ساڭا بۇزۇق كانايدەك كاركىراپ ۋارقىراشلىرى،سىنى تىللاپ، ئۇرۇشلىرىنى پات-پات كۆرۈپ قالاتتىم.بۇنداق چاغلاردا سەن مەھەللە كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى بالا بويلۇق قوناقلىق بويىدا ئۇزاقتىن -ئۇزاق شۈك بۇلۇپ ئوتۇرۇپ كېتەتتىڭ.يۈز،بويۇن-بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل قېتىپ كەتكەن تاياق ئىزلىرىغا قاراپ ساڭا شۇنداق ئىچىم ئاغرىيتتى ،بۇ چاغلاردا داداڭ ماڭا يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى.ئۇ نىمىشقا سىنى بۇنچە ئۇرىدۇ...
   -سىنى يەنە ئۇردىمۇ ،لالە؟
   يېنىڭغا كېلىپ بوش،ئەمما سەمىمىي ئاۋازدا سەندىن سورايتتىم.سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلەكلىرىڭدە ماغدۇرسىز ياتقان بېشىڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ،سۇئالىمغا سۇسلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتتڭ،دە يەنە بېشىڭنى قويۋالاتتىڭ.
   -كامال،سەن تاياق يەپ باققانمۇ؟
  سەن بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ.ئاۋازىڭ ھەسرەتلىك،تىترەڭگۈ بۇلۇپ ،ئازاپ تۇمانلىرى لەيلەپ تۇرغان بىر جۈپ قوي كۆزلىرىڭ ئىپادىسىزلا يەرگە تىكىلىپ قالغان ئىدى.سىنىڭ تولىمۇ ئاددى بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى قالغان قەلب قەسىرىڭدىن چىققان بۇ سۇئالىڭ يۈرەك باغرىمنى ئېزىۋەتتى.
  -لالە...
  -گەپ قىلغىن، كامال.
  -نىمە دەيمەن؟
  -سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ.
  -سەندىن بىر گەپنى سورىسام بۇلامدۇ؟
  -قېنى سورىغىن.
  -ساڭا داداڭ نىمانچە ئۆچ لالە؟
  ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن سىنىڭ ماڭا تۇنۇش ئاۋازىڭ ئاقىرىپ،قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىڭ ئارىسىدىن كۈچسىز شامالدەك لەيلەپ چىقتى.
  -ئەمەلىيەتتە ،سەن بىلمەيسەن،كامال،بۇ ئادەم مىنىڭ دادام ئەمەس!مىنىڭ ئۆز دادام ئۆلۈپ كەتكەن،ئۇ چاغلاردا دادام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.ئىسىمدە غۇۋا قېلىشچە،ئۇزاق يىللار ئىلگىركى قىشنىڭ بىر كۈنى لىققىدە كۆمۈر بېسىلغان بىر ماشىنا يولدىن چىقىپ كېتىپ دادامنى سوقىۋەتكەن.شوپۇر خۇدادىن قورققانمۇ ياكى ھۆكۈمەتتىنمۇ ،پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.ئاپامدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشنى ،بىزگە چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنى قايتا -قايتا دەپ،ئاپامنىڭ كۆزىدىكى غەزەپ نۇرلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.دادامنىڭ قېرىقى چىقىپ بولغاندىن كىيىن چوڭلارنىڭ نەسىھەت بىلەن ئارىغا چۈشۈشى ۋە شوپۇرنىڭ گۇناھكارلارچە ئۆتۈنىشى نەتىجىسىدە ئاپام ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ ماقۇل بوپتۇ.چۈنكى دادامدىن ئايرىلغاندىن كىيىن  بىز ئىككى جاننىڭ تۇرمۇش چىقىش يولى بولمىغاچقا ،ئاپام تولىمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى.ھازىرقى ئۇ شوپۇر دەل مىنىڭ ئۆگەي دادام بۇلىدۇ.ئارىدىن نەچچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆگەي دادام ئۆزگىرىشكە باشلىدى،ھە دەپ ئاپامنى ھاقارەتلەپ ،ئۇرۇپ ،تىللايدىغان بۇلىۋالدى.
  -خەق توي قىلىپ قىز ئالسا مەن سەندەك قېرىنى ئېلىپ ،يەنە تېخى بۇ شۇمۇڭنڭ دەردىنى ئۆلگىچە تارتىمەنمۇ دەيمەن،ئىسسىت،سىنى ئېلىپ بۇنداق خاپىلىق تارتقۇچە كىسىلىپ كەتكەن بولسامچۇ كاشكى،تويە ئەمدى مانا...
   ئاپام بۇ چاغدا پۈتۈنلەي كىچىككەن بۇلۇپ ،ئەمەلىيەتتە ئاپام ئالدانغان ئىدى.مانا شۇ ئالدىنىش ئاپامنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلىپ،ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتتى.
گەپلىرىڭنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ ،قەلبىمنى يىغا چىرمىۋالدى،كۆزۈمنى شۇنداقلا بىر چىمىلداتسام ،ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ كېتىشى ئىنىق ئىدى.سەن بولساڭ يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە،شۇ قىياپەتتە  جىمجىت ئولتۇراتتىڭ.
  -كۆڭلۈنى يېرىم قىلما ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،باھار كېلىدۇ،گۈللەر ھامان ئېچىلىدۇ.
   لالە،شۇ كۈنى ئاخشىمى مەن سەن ھەققىدە تۇنجى قېتىم خىيال سۈرۈپ چىقتىم.خىيالىمدىكى سىنىڭ قاپقارا كۆزلىرىڭ باشقىچە جىلۋىنەتتى،تۇرۇپلا سىنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى.
   ئەتىسى ئەتىگەندە سىنى سىنىپتا ئۇچراتقان ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم كۆزۈڭگە بۇرۇنقىدەك تىكىلىپ قاراشتىن ئەيمەندىم.لىكىن سەن ماڭا دىققەت قىلمىغان ئەپلىك پۇرسەتتە ساڭا يۇشۇرۇن نەزەر تاشلايتتىم،ئاجايىپ شىرىن تۇيغۇدا بولاتتىم.مەندە ئەزەلدىن ساڭا نىسبەتەن بۇنداق تۇيغۇ بۇلۇپ باقمىغان ئىدى،ھەتتا بىر كۈنلەردە سەندەك بىر پارتىدىشىمنى،ساۋاقدىشىمنى ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.توۋا دەيمەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ئادەمنى باشقىچە قىلىپ قويىدىكەن دىسە،سەنمۇ ئەمدى ماڭا باشقىچە لاتاپەتلىك ،چىرايلىق كۆرۈنىشكە باشلىدىڭ،بۇ نىمىش زادى.
  -ساڭا نىمە بولدى كامال؟
   تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىڭ مىنى گاڭگىرتىپ قويغان ئىدى.
  -ھېچنىمە ....بولغىنى يوق....
  - يېقىندىن بۇيان باشقىچە بوپقالدىڭ،ھېلىقى گەپلەرنى ساڭا دىمىسەم بوپتىكەن...
  تەلەپپۇزىڭدىن ئۆزۈڭنى ئەيىپلاۋاتقىنىڭ ئىنىق ئىدى.شۇڭا:
  -بۇنىڭ ئۇ گەپلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق،-دىدىم مەن تومتاقلا.
  مەكتەپ بىلەن مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى زىرىكىشلىك مۇساپە ئىككىمىزنىڭ پارىڭى بىلەنلا تۈگەپ قالدى.جېنىم لالە ،سەن ھامان كۆز ئالدىمدا بىر پارچە رەڭلىك سۈرەتتەك پارلاپ تۇراتتىڭ،مىنىڭ ساڭا بولغان ھېسسىياتىم تېخى پوستىمۇ يېرىلمىغان 18 ياشلىق يۈرەك ئىدى،لىكىن مەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىمىنى ساڭا ئىپادىلىيەلمەي بەكلا قىينالغان ئىدىم .
  -لالە پەقەت سىنىپىمىزنىڭلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن مەكتىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بۇلۇشقا مۇناسىپ!
  بۇ بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئاۋازى ئىدى.سەن مەكتىپىمىزدىكى ھەممە ئوقۇتقىچىلار ئارزۇلايدىغان ئۈمىد نۇرى ئىدىڭ.گەرچە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ بىراق،ساڭا بولغان بۇ يۇشۇرۇن مۇھەببىتىم ئۇلغايماقتا ئىدى.شۇنداق قىلىپ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشتى،بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتىدا جىددىيلىشىش بار ئىدى.بۇ جىددىيلىك تاكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىپ تۈگىگىچە داۋاملىشىپ ئىمتىھاندىن كىيىن تاراپ كەتتى.
  شۇ ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنى دالا سەيلىسىگە ئورۇنلاشتۇردى،بىز قىيا -چىيا ئاۋازلار بىلەن توقايلىققا ئەمەس بەلكى باشقا بىر دۆلەتكە ساياھەتكە چىققاندەك يولغا چىقتۇق.ئاشۇ تاپتا كۆزۈم يولدا بولغان بىلەن خيالىم سەندە ئىدى،مەن سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇ كۈندىن باشلاپ،سىنىڭ ئالدىڭدا ئەيمىنىپ ئەركىن ئازادە بولالمايتتىم.خىيالىم ئىچىدە مەنزىلگىمۇ يىتىپ كەلدىم،دەريا بويى ياز پەسلىنىڭ يىشىللىقى ئۈستىدە بىر پارچە مەخمەلدەك كۆرىنەتتى.قۇشلارنىڭ سايراشلىرى،دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشى ئادەمگە ئاجايىپ زوق بېغىشلايتتى.
  بىز ئۆزىمىز ئەكەلگەن يىمەكلىكلەرنى داستىخانغا تۆكۈپ بىر كۈنلۈك پائالىيتىمىزنى باشلىدۇق.ناخشا ئېيتىش،تانسا ئويناش،لەتىپە-يۇمۇر ئېيتىش بىزنىڭ پائالىيتىمىزنى ئەۋجىگە چىقارغانىدى.لالە ،سەن شۇ كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولغىيمىدىڭ،بۈگۈن 31-ماي،سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى.سەن بىلەن مۇشۇنداق خۇشال كەيپىياتتا بىللە بولغىنىمدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلاتتىم.ئىچىمدە بولسا سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئاتاپ يازغان مۇڭلۇق بىر كۈي ياڭرايتتى،لىكىن تېشىمغا چىقىرالمايتتىم.
  دەريا بويىدىكى ھېلىقى دالا سەيلىسىمۇ كۆڭۈل خاتىرىمىزدە قالدى.لالە،ئۇ كۈنى سەن ھېلىقى بالا بويى ئۆسكەن قوناقلىقتا كىتاپ كۆرىۋاتقان ئىدىڭ،ئۇ چاغدىكى بالا بويلۇق قوناقلار ئەمدىلىكتە بولسا ئادەم بويى ئۆسكەن ئىدى.
-يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟سەن نىمە يىللىق لالە؟
-قانداق دەيسەن؟
-سىنى قوناق يىللىقمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قېلىۋىدىم.
  جاۋابىم ساڭا قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق،چاڭىلداپ كۈلۈپ كەتتىڭ.سىنىڭ بۇ قىسقىغىنا كۈلكەڭ مىنى ئاجايىپ چوڭقۇر خۇشاللىققا ئەسىر قىلدى.
-بىر كۈنلەردە مىنى ئۇنتۇپ كىتەرسەنمۇ لالە؟
-ياق،كامال.بىز مەڭگۈ يېقىن دوستلاردىن،مىنى پەقەت سەنلا تۇلۇق چۈشىنىسەن،سەن مىنىڭ سىردىشىم.
-بىلەمسەن ،لالە ،بىر كۈنلەردە مەن سىنى كۆرەلمەيدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن،ئىككىمىز ئايرىلىپ كىتىدىغاندەكلا.
-سەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالساق دىمەكچىمۇ؟
-ئۇمۇ بار،ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بار.
-بەك جېق ئويلاپ كەتمە ،كامال.
  ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەت كىتاپتىكى تىكىستەك ئاددىيلا داۋام قىلدى،بۇ جەرياندا ساڭا بولغان قەلبىمنى ئىزھار قىلالماي بەكلا قىينالدىم.ئەمەلىيەتتە ،مەن ساڭا قەلبىمنى ئىزھار قىلىشتىن ئەمەس،بەلكى سىنىڭ مىنىڭ مۇھەببىتىمنى رەت قىلىۋېتىشىڭدىن قورقىمەن.مەن قانچە كىچىلەرنى سىنى ئويلاپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن،قىزلارنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئازاب بىلەن مەنىداش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
-ئالىي مەكتەپ قانداقتۇ،كامال.
-مىنىڭچە،ئالىي مەكتەپ ئۈمىد.
-ماڭا شۇ ئۈمىد نىسىپ بۇلارمۇ؟
-ئەلۋەتتە.
-بىراق،مەن قورقىمەن.
-نىمىدىن؟
-ئۆتەلمەي قېلىشىمدىن.
-مىنىڭچە سەن ئۆتۈپ كىتىسەن كۆڭلۈڭنى توق تۇتقىن.
-شۇنداقتىمۇ يەنە قورقىمەن ،كامال.
-نىمىشقا؟
-ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا نۇرغۇن پۇل كىتەر ،كامال.
-ھەئە.
-مىنى كىم ئوقۇتىدۇ؟
ئۇھ.....
  ئاخىرقى سۇئالىڭ مىنىڭ ئەنسىرىشىمنى ئايان قىلغان ئىدى.كىيىن سەن نىمىلەرنى دىدىڭ ،مەن نىمىلەرنى دىدىم،ھېچنىمە يادىمدا قالماپتۇ.ئارىدىكى كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە قولۇمغا ئالىي مەكتەپنىڭ قىزىل تامغىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش قەغىزى كېلىۋېدى،بېشىم كۆككە يەتكەندەك بۇلۇپ كەتتىم.مىنىڭ بۇ خۇشاللىقىمدىن ھەممىدىن بەك خۇشال بولغان ئادەم ئاتا -ئانام ئىدى،مەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ،ئۆزۈمنى خۇددى مەنزىلگە مېڭىش ئالدىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك ھېس قىلدىم.كاللامدا بولسا سىنىڭ بۇ خۇشاللىقىمغا ئورتاق بۇلىشىڭنى تىلەيتتىم.سىنىڭ نەتىجەڭنىڭ قانداق بولغىنىنى ئويلايتتىم.
  ئەتىسى سەھەردە سىنى دەرۋازاڭنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ،سۇ چېچىۋاتقان ھالەتتە ئۇچراتتىم،مەن ئۇدۇللا يېنىڭغا كەلدىم.
-ياخشى تۇردۇڭمۇ لالە؟
-ئانچە ياخشى ئەمەس.
-مىجەزىڭ يوقمۇ؟
-بىلمەيمەن.ھازىر ئىشىم بار ئىدى ،كامال،ھېلى قوناقلىقتا كۆرىشەيلى.
-ماقۇل ئەمىسە،لالە.

....داۋامى بار....






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىيەي بۇنىڭ ئوتتىرسىدىمۇ ئىلان باركەنغۇ،قىنى ساقلايمىز.تىز يىزىڭ ھە لىكىن

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:30:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن.بولسا ئاخىرنى تىزراق يوللاسىز.

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاييەي ...سىزمۇ قوناقلىققا كەتكەن پېتى ئەسىرىڭزنىڭ داۋامى يۈتۈپ كەتمىسۇن يەنە......لالە بىلەن تېزراق خوشلىشىپ ئەسىرىڭزنىڭ داۋامنى يازاسىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93910
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىردىكى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە نارازىلىق بىلدۇرىمىز!
مۇنبەردىكى ماقالەلەرنى كىملەر باھالىدى،بىز مىسرانىم تورىدىكى ئادەملەر مۇ باھالىساق بولمامدۇ بىلەت تاشلاش ياكى باھالاش ئارقىلىق،شۇ توغرىلىق ماقالە يازساق تەستىقلىمىدى،تورداشلار مەھھۇم دۇنيادىمۇ بولسا سايلاش سايلىنىش باھالاش ھوقۇقىمىزنى قوغدايلى.

ئەڭ قورقىدىغىنىم يېقىنلىرىمنىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 461
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8935
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 910 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن ئاخىرىغا قىزقىۋاتىمەن . ئاخىرىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى .

دۇنيادا ئاتا،ئانا قېرىنداشلىق مۇھەببىتىى ۋە ئۆلۈمدىن باشقىسنىڭ ھەممىسى يالغان.

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 03:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى چىققاندا بىراقلا ئوقاي.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 03:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ قوناقلىقتا كۆرىشىدىغانلار باكەن ھە قىزىق~~~~~~`

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 03:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىسىغا قىزىقىپ قالدىمغۇ مەن ئەمدى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 04:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
كەچلىك قۇياش نۇرى قوناق شېخىنىڭ ئۈستىدىن سۈرۈلۈپ يوقالغان چاغدا قوناقلىققا كەلدىم.بۇ چاغدا سەن مەندىن بۇرۇن كېلىپ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئورنۇڭدا ئولتۇراتتىڭ.
-نىمە گېپىڭ بار ئىدى ،لالە؟-مەن يېنىڭدا ئولتۇرغاچ ئۇدۇللا سورىدىم.
-ئالدى بىلەن سىنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن كامال،مۇبارەك بولسۇن!
-رەھمەت،سىنىڭ باشقىچە گەپ سۆزلىرىڭ باردەك قىلىدۇ،ئۇدۇللا دەۋەرگىن.
  سەن ماڭا بىر پارچە قەغەز تۇتقۇزدۇڭ،قولۇمدىكىسى ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزى ئىدى.
-لالە ،بىز يەنە بىر شەھەردە ئوقۇيدىغان بوپتۇق،بۇۇ نىمە دىگەن خۇشاللىق ھە!
  مەن سەن ئۈچۈن خۇشاللىنىۋاتاتتىم،بىراق سەن ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتىڭ.
-كامال،مەن ئوقۇشقا بارالمايدىغاندەك قىلىمەن،قۇربىمىز يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ.
  ئىچىمدە ئاچچىق بىر نەرسە لۆمۈلدەشكە باشلىدى،پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسە سىنىڭ ئىرادەڭنى سۇندۇرماقتا ئىدى.
-شەنبە كۈنى دەريا بويىغا بارالامسەن؟ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
-ھازىر دىسەڭ بولمامدۇ؟
-ياق،شۇ كۈنى دەيمەن.چوقۇم بارغىن،سىنى كۈتىمەن.
  شۇ ئاخشامدىن بۇيان كاللامغا نۇرغۇن زىددىيەتلىك خىياللار كىرىۋالدى،مەن سىنى سۆيەتتىم،لالە.بۇرۇنقى زامانلاردا 18ياش دىگەن شىر سۈپەت بىر ئەرنىڭ يېشى بۇلۇپ سانىلار ئىكەن .مەن نىمىشقا ئۆزۈم سۆيگەن بىر قىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايمەن؟ياق،لالە،سەن مىنىڭ مەلىكەم،كەلگۈسىدىكى ۋە ھازىرقى رىئاللىقىم.شۇڭا مەن سىنى چوقۇم بىرگە ئەپ كېتىشىم كېرەك.
  شەنبە كۈنى دەريا بويىغا بۇرۇن بېرىپ سىنى ساقلاپ تۇردۇم ،كۆزۈم توساتتىن يىراقتىن كېلىۋاتقان ساڭا چۈشتى،سەن ياپيېشىل چىمەنلەر ئۈستىدە خۇددى ئورمان مەلىكىسىدەك كېلىۋاتاتتىڭ.
-ساقلىتىپ قويدۇممۇ؟
ياقەي ،لالە ،بۇ يەردىكى ھېلىقى دالا سەيلىسى يادىڭدىمۇ؟
-يادىمدا.
-ئۇ كۈنى سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى ھە؟
-ئۇنى سەن قانداق بىلەتتىڭ؟
-مەكتەپتە ئانكىت تولدۇرغاندا كۆرۈپ قالغان.
-شۇ چاغدا ئېسىڭدە قاپتۇ دە.بەكلا تاسادىيبىلىق ھېس قىپ قالدىم.
-ئەمىسە،سەۋەب كۆرسىتەي لالە،چۈنكى...
-گەپ قىلغىن كامال؟
-چۈنكى مەن سىنى.....لالە....
مەن  سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالماي يەنە تۇرۇپ قالدىم.
-چۈنكى،مەن سىنى نىمە شۇ ،كامال؟
مەن يۈرىكىمنى يولۋاسنىڭ يۈرىكىدك قىلىپ،جاۋاپ بەردىم.
-چۈنكى مەن سىنى سۆيەتتىم ،لالە.ئۇكۈنى مەن ساڭا ئاتاپ ناخشىمۇ يازغان.
مەن شۇنداق دېدىمدە،ساڭا قاراشقا پېتىنالمىدىم،شۇ تاپتا سىنىڭ قانداق ئىپادىدە بولغىنىڭنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى.
-بىز چوڭ بولدۇقمۇ ،كامال؟
-بىلمەيمەن،پەقەت سىنى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمنى بىلىمەن.
-بىراق بۇ مۇمكىنمۇ كامال؟مەن ساڭا بۇ ھاياتلىقتا ئازاپلام ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن.جەمىئەتتە نۇرغۇن ياخشى قىزلار بار،كامال.
-ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن بولمايدىكەن،لالە.
-بەلكىم...مىنىڭ شۇ تاپتا سىنىڭ ماڭا ئاتاپ يازغان ھېلىقى ناخشاڭنى ئاڭلىغۇم كېلىۋاتىدۇ.
-ساڭا ۋەدە بېرەي،كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇ ناخشىنى ھەشەمەتلىك سەھنىدە ساڭا بېغىشلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بېرىمەن.
-ماقۇل،مەن شۇ كۈننى كۈتىمەن.
  مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن،يۇمشاق ئىسسىق قوللىرىڭنى تۇتتۇم.
-سىنى ياخشى كۆرىمەن ،لالە.
-رەھمەت،كامال.
  شۇ تاپتا ،ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق مىنۇتلارنى ئۆتكىزىۋاتاتتىم.سىنىڭ باغرىڭ سۇدىنمۇ يۇمشاق ئىدى،لالە.
  شۇنداق قىلىپ،سىنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا قارىماي ئوقۇش پۇللىرىڭنى ئۇنى-بۇنى قىلىپ تەستە ھەل قىلدىم،مەن سەن ئۈچۈن نىمىلا قىلىشقا رازى ئىدىم.
  ئىككىمىز ئاخىرى سەپەر سومكىلىرىمىزنى كۆتۈرۈشكىنىمىزچە ئۆزىمىزگە ناتۇنۇش بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق.بىز چىققان كارۋاتلىق ئابتوبۇس توپتوغرا بىر كىچە ماڭغاندىن كىيىن ئەتىسى كۈن قىزىلىدا بۇ ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ئابتوبۇس بېكىتىگە كىرىپ توختىدى.بىر -بىرىدىن ئىگىز بىنالار بۇ شەھەردە ياشاشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىدىن يۇشۇرۇن بىشارەت بېرىۋاتاتتى.
-ئۇكىلىرىم،نەگە بارىسىلەر؟مەن ئاپىرىپ قوياي.
يېنىمدىلا چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ قارىۋىدىم،50 ياشلار چامىسىدىكى تاكسى شوپۇرى ئىكەن.مەن بارىدىغان مەكتەپنىڭ ئىسمنى دىدىم،ۋە ماشىنىغا چىقىپ ئورۇنلاشتۇق.سەن مىنىڭ يېنىمدا بۇ چوڭ شەھەرنىڭ رەڭگارەڭ يات مۇھىتىغا ھەيرانلىق،قىززىقىش ئىچىدە قاراپ ئولتۇراتتىڭ،ماشىنا بىردە ئوڭغا بىردە سولغا بۇرۇلۇپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ماشىنا يوغان رىشاتكىلق مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى،بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.مەكتەپ ئىچىدىكى بۈك باراقسان دەرەخلەر ۋە يىشىل كىچىك باغچىلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.مەن مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ،سىنىپ مەسئۇلىم بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم،ۋە ئۆزۈمگە تەۋە ياتاقنىڭ ئاچقۇسىغا ئېرىشتىم.شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن يەنە كىرا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سىنىڭ مەكتىپىڭگە بېرىپ،رەسمىيەتلىرىڭنى پۈتكۈزۈپ،سىنى قىزلار ياتىقىنىڭ 501-نۇمۇرلۇق ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.كەچتە مەكتەپ ئالدىدىكى ئاددىي،ئەمما پاكىز ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئۆي لەڭمىنى بۇيرۇتقاچ،پىيالىدە چاي ئىچىشىپ ئولتۇدۇق.
....داۋامى بار....

-
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurizadam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 04:12 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش