ئۇستاز
مەرىپەت بېغىدا تۆھپىلەر قوشقان،
جاپاكەش باغۋەنسەن مېھرىبان ئۇستاز.
قاراڭغۇ دىللارغا يۇرۇقلۇق بىرىپ،
ئىللىتتىڭ سەبىيلەر دىلىنى ئۇستاز.
تەۋرەنمەي بىر ئۆمۈر مۇنبەر ئۈستىدە،
تەربىيلەپ ئۆستۈردۇڭ ئەۋلادنى ئۇستاز.
قاپاردى بور تۇتقان ئاشۇ قوللۇرۇڭ،
قار كەبى ئاقاردى چاچلىرىڭ ئۇستاز.
مەيلى قىش مەيلى ياز،قاردا باھاردا،
ۋايسىماي جان بىلەن ئىشلىدىڭ ئۇستاز،
قىزمىتىڭ بولسىمۇ بەكمۇ جاپالىق،
ئايرىلماي خىزمەتتىن ئىشلىدىڭ ئۇستاز.
گەر كىرىپ قالساممەن ئەگرى يوللارغا،
مېنى توغرا يولغا باشلىدىڭ ئۇستاز.
سەن بولغاچ يەتتىم مەن مۇراد مەخسەتكە،
رەھمەت دەپ گۈللەرنى سۇنىمەن ئۇستاز.
سەن بىزگە ئۇستازسەن ھەم ئاتا-ئانا،
دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ئۇستاز.
گەر سەنسىز بۇ يۇرۇق ئالەم قاراڭغۇ،
سەن بولغاچ ئاسماندا چاقنىدىم ئۇستاز.
ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن ئىجادىيىتى
2013-3-30
بۇ شېئىرنى بارلىق جاپالەش باغۋەنلەرگە تەقدىم قىلىمەن.