ئىچكى دۇنيايىڭىزنى كۈچكە تولدۇرىدىغان 10 سوئال ؟
ئەگەر سىز باشقىچە يول تۇتۇپ ئازادىلىك بىلەن ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يىڭى بىر كۈننى باشلاشنى ئويلىسىڭىز ،ئۇنداقتا ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ تۇرىشىڭىز ئىنتايىن زۇرۈر .
بۇ سوئاللار بىزگە كۈچ قۇۋۋەت ۋە ياخشى كەيپىيات ئېلىپ كىلىدۇ .
بىرىنچى : مەن نىمىگە ئىرىشتىم .
ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئازاپلىنىدۇ . ئۆزىدە بار بولغاننىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ . مەسىلەن : ساغلاملىق.پۇت قولىمىز ساق ،كۆرەلەيمىز ، ئاڭلىيالايمىز ، سۆيىمىز ۋە سۆيىلىمىز.يەيدىغىنىمىز ،كىيىدىغىنىمىز بار .كىتابخانا ،كۈتۈپخانىلىرىمىز بار . بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخت. يوقاتقاندا ئاندىن قەدرىنى بىلمەي. ئۈزىمىزدە بارنىڭ قەدرىنى بىلەيلى ،تۇلۇق پايدىلىنايلى .
ئىككىنچى: مەن قايسى ئىشتىن پەخىرلىنىشىم كىرەك ؟
مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بىر نەتىجە بولسۇن ،ھەممىسى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ . چۈنكى ھەر بىر قېتىملىق كىچىك نەتىجە كىيىنكى چوڭ غەلبە ئۈچۈن ئۇل سالىدۇ.بىرەر ناتۇنۇش ئادەمگە قىلغان ياردىمىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ . يىڭى دوست تۇتقىنىڭىزدىن ، يىڭى بىر كىتاب ئوقۇغۇنىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ .
ئۈچىنچى : مەن نىمىگە رەھمەت ئېيتىشىم كىرەك ؟
ئاللاھنىڭ سىزنى ياراتقانلىقىغا ، رىزىق بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىڭ ،ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانا ،دوست-بۇرادەر خىزمەتداش .كەسپداش ساۋاقداش ،ھەتتا ناتۇنۇش كىشىلەردىنمۇ نۇرغۇنلىرى سىزنىڭ رەھمەت ئېيتىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
تۆتىنچى :قانداق قىلغاندا ھاياتى كۈچكە تولىمەن ؟
ھەر كۈنى ئاكتىپللىق بىلەن پىلانلىق ئىش قىلىڭ . كۈلۈمسىرەڭ ،سىز مۇنەۋەر دەپ ئويلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ .باشقىلارغا ئىلھام بولغۇدەك گەپتىن بىرنەچچە ئېغىز قىلىڭ .ۋاقت چىقىرىپ ئاتا-ئانىڭىزنى يوللاڭ ، ئايالىڭىز ۋە باللىرىڭىزغا ۋاقت ئاجرىتىڭ .
بەشىنچى: مەن بۈگۈن قايسى ئىشنى ھەل قىلالايمەن ؟
كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ئەتە قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى چۇقۇم بۈگۈن قىلىڭ . بۇنداق بولغاندا ئەتە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتنى ئۈزىڭىز ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئىشلارغا ئاجرىتالايسىز .ئىسىڭىزدە بولسۇن مىلىيونىر بىلەن تىلەمچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر كۈنى 24سائەت. ھەل قىلىدىغان مەسىلىدىن ئۈزىڭىزنى قاچۇرماڭ .ھېچ بولمىغاندا ھەر كۈنى بىرەر مەسىلىنى ياكى مەسىلىنىڭ بىرەر قىسمىنى ھەل قىلىپ مېڭىڭ .
ئالتىنچى: تەشۋىشلىرىمنى تاشلىۋىتەلەمدىمەن ؟
ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن غەم يەپ ،ئازاپىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . ئەڭ ياخشى ئامال ئۆتمىشىڭىزدىن بىر خۇلاسە چىقىرىڭ . ياخشى تەرەپلىرىنى خاتىرلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن داۋامىلق پايدىلىنىڭ ، يامان تەرەپلىرىنى چۆرىۋېتىڭ .ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئوخشاش خاتالىقنى تەكرار سادىر قىلماسلىققا تىرىشىڭ .
يەتتىنچى : قانداق قىلسام مەسىلىگە باشقىچە قارىيالايمەن ؟
كىشىلەر دائىم باشقىلارغا مەسلەھەت بىرىدۇ ، لېكىن ئىش ئۈزىنىڭ بېشىغا كەلگەندە نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ . نۇرغۇن كىشىلەر بىرەر ئىش ئۈچۈن ئازاپلىنىپ تۈگىشىپ كىتىدۇ ، ئىش ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن بولسا مەسىلىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۈنچىۋالا يامان ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ . ھەتتا قىلغانلىرىغا كۈلگىسى كىلىدۇ .
سەككىزىنچى: قانداق قىلسام بۈگۈننى ياخشى ئۆتكۈزەلەيمەن ؟
كۈندىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىڭ . ئۆزگىرىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئۈگىنىڭ .ئىشقا كۈندە ماشىنىدا بارغان بولسىڭىز ،بىرەر كۈن پىيادە ياكى كوچا ئاپتۇبۇسىدا بېرىڭ ، ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ ، چۇقۇم نۇرغۇن يىڭىلىقلارنى بايقايسىز .
توققۇزىنچى: مەن ئۈچۈن نىمە ئەڭ مۇھىم ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولماسىلىقى مۇمكىن ،
لېكىن ئۈزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان نەرسە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ۋاقتىڭىزنى ،زىھنىڭىزنى ،كۈچىڭىزنى بىرىشىڭىز كىرەك .
ئونىنچى : مەن قاچان ھەركەتلىنىمەن ؟
جاۋابى ،ھازىرلا ، قىزغىنلىق بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن ئۈزىڭىز تاللىغان يولدىن مېڭىڭ ، يېرىم يولدا توختاپ قالماڭ . تاللاش ئىختىيارى سىزدە . ئۆز بەختىڭىز ئۈچۈن تىرىشسىڭىز ، سىز نمىمىنى يوقىتىشىڭىز مۇمكىن ؟!!! ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى .
مەنبە : www.uyigilik.com ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى : igilik