شوخ سەنەم
بولمايمەن دەپ مۆڭ يۇۋاش قاشنى ئاتقان شوخ سەنەم
قاش ئاتقاننى سەزمىسە تاشمۇ ئاتقان شوخ سەنەم.
كۈندە سەككىز تارىنىپ،مودېللاردەك ياسىنىپ،
ئالتە پاتمان ئوسمىدا قاش قارايتقان شوخ سەنەم.
قىچىقى بار پۇتىنىڭ،ئۇسۇل ئوينىسام دەيدۇ،
ھەر كۈن ئويناپ دىبادا،كۆز چاقناتقان شوخ سەنەم.
تونۇشقان مەرت يىگىتنىڭ تەكلىپىگە ياق دېمەي،
بەش يۇلتۇزلۇق بىڭگەندە، قۇچاق ئاچقان شوخ سەنەم.
چاچ پاسونى ئۆزگىچە،ھەر كۈن بويار ھەر رەڭدە،
يۈزىنىمۇ مايمۇندەك ،سەت بوياتقان شوخ سەنەم.
ئاڭلاپ قالسا يىگىتلەر،زىلۋا قىزغا ئامراقمىش،
دەپ چۆرگىلەپ بازارنى، شىم تاريتقان شوخ سەنەم.
كوپتىسى تار ھەم قىسقا،ھەرگىز بەلنى ياپالماس،
ئشتان ئۇزۇن كاسا چوڭ،بەك تومپايتقان شوخ سەنەم.
ھايالىق قىز ئورىنىپ، يامان كۆزدىن ساقلايتتى،
كۆكسى يېرىم ماراقتا،ھەۋەس ئۇلغايتقان شوخ سەنەم.
ئويۇنلاردىن قالمايدۇ،ھەريان قاتراپ تالمايدۇ.
ياشلىق-شاشلىق دەپ ھامان،بەس تالاشقان شوخ سەنەم.
بەك ئامراقتۇر تانسىغا،چۈشۈپ تۇرار ۋالىسقا،
ھەممە ئەرنى ئۆز كۆرۈپ،كۆڭۈل ياشناتقان شوخ سەنەم.
ئەسلى ئەرلەر قىزلارغا، كۆڭۈل ئىزھار قىلاتتى،
قايرىپ شەرمى ھايانى،ئاكتىپلاشقان شوخ سەنەم.
رەت قىلىنسا يىگىتتىن،ھەرگىز بولدى قىلماستىن،
كۈندە توشۇپ سوۋغاتلىق،چىراي سارغايتقان شوخ سەنەم.
كۆڭۈل دېگەن پادىشا،كۆيۈپ قالسا تاتىشا،
دەپ ئەيىپنى دوستلاردىن،ياپماق بولغان شوخ سەنەم.
ئادەم دېگەن دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ،
‹‹ياشلىقىڭدا يايرىۋال››دەپ تارقاتقان شوخ سەنەم.
شەيتاندىن ھېچ قېلىشماس،بىر ئەرگە قاراپ تۇرماس،
ئېرى ئۆيدە يوق چاغدا،كۇسۇك ئۇلغايتقان شوخ سەنەم.
ئېرى بۇنى ئۇققاندا،جۈپتى بىلەن تۇتقاندا،
تىللاپ ئۇنى سالپايتىپ،نىكاھ ئاجراتقان شوخ سەنەم.
ئولتۇرالماي ئۆيىدە،يەنە ئەرنىڭ غېمىدە ،
سەككىز ئايدا ئالتە ئەر،ساپان قاتقان شوخ سەنەم.
تىلى شېرىن شېكەردەك،ئەمما دىلى زەھەردەك،
كارۋاتتا مىڭ خۇلقتا،جان قاخشاتقان شوخ سەنەم.
سەككىز ئەرنى يەڭگۈشلەپ،يەنە بىرنى‹‹پەرۋىشلەپ››
يۈرگەچ خەقلە ‹‹ئەرخۇمار›› دەپ ئوخشاتقان شوخ سەنەم.
چىقىپ داڭقى شۆھرىتى،ئەرلەر قاچە-قاچ بولدى.
كاسات بازار،ئىمكان يوق،ياش دومىلاتقان شوخ سەنەم.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 01:39 AM