مۇھاببەت –يالقۇنى كۆرۈنمەس گۈلخان، مۇھاببەت –ئاغرىقى بىلىنمەس يارا. مۇھاببەت –ئازابقا تولغان خۇشاللىق، ئاغرىتماس ۋە لېكىن سەۋداسى تولا.
مۇھاببەت دېمەككى مۇھاببەت پەقەت، مىڭ كىشى ئىچىدە بىرگىلا تالىق. پايانى يوق ئۇنىڭ شادلىقلىرىنىڭ، ئاڭا جان تەسەددۇق كىشىلا لايىق.
مۇھەببەت كۈتىدۇ چىن ئىتائەتنى، پۈكەر ئۇ ھەر نوچى،پالۋان قەددىنى. ۋاپاسىز يارغىمۇ قىزغىن ۋە لېكىن.
بىلمىدىم ئۇ شۇنچە دۈشمەنلىك تۇرۇپ، يەنە قانداقسىگە سېھىرگە تولۇپ. كىشىلەر قەلبىگە ئوت ياقىدىكىن؟
يۈرىكىمنى،بارلىقىمنى ئال
ئالغۇڭ كەلسە ئېلىۋەر بوپتۇ، يۈرىكىمنى ،بار بىساتىمنى. قالسۇن پەقەت بىر جۈپ كۆزۈملا. كۆرۈپ تۇراي ئۇز جامالىڭنى.
ۋۇجۇدۇمدا يوقتۇر ھېچنىمە، ساڭا تامان بولمىغان تۇتقۇن. ھاياتىمنى ئىلكىڭگە ئالدىڭ ، ئۆلۈمۈممۇ سەن بىلەن بولسۇن.
ئەگەر يەنە ئەكىتەر بولساڭ، ئېلىپ كەتكىن مېنى بىراقلا. كۆرۈپ تۇراي سېنى، ئۆتۈنەي، قالسۇن پەقەت بىر جۈپ قاراقلار.
ئاپتورى :كامېنس
مەنبەسى:چەتئەل شېئىرلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 12:14 AM
|