ئەركەك مۈشۈك
ئېسىمنى بىلسەم لەغمەن يىسەك چۆپ ئۈستىگەسەي سېلىپ يەيتۇق.ھەي !بۇكۈنلەر نىمەبولۇپ كىتىۋاتىدىكىن ئىقتىسادى كىرزىس دەمدۇئېيتاۋۇر بىرنىمىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن كىشىلەر تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستىنقىلىشقا باشلىدى .ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان بىچارىلەرگە قاراڭ !ئۇلار ھازىرلەغمەن يىسە چۆپكە سەي ئەمەس سەيگە چۆپسېلىپ يەيدىغان بولۇشۇپتۇدەك،نىمىشقا دىسىڭىز گەرچەئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىھقانبولسىمۇ بىراق يەر ئاز جان سانى كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىققا قارىغاندا كۆكتاتنىڭھوسۇلى كۆپ ھەم بىر قانچە قېتىم ھوسۇل ئالغىنى بولىدۇئالدىنى يەپ بولغىچە كەينىئۆسۈپ چىقىدۇ.ئائىلەممۇ دىھقان ئائىلىسى بىر ئاز بولسىمۇ ئائىلەمنىڭ ئىقدىسادىيۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن تەتىلدە قېلىپ بىر ئاشخانىدا ئىشلەشنى قارار قىلدىم.يېڭىئالغان چۇخىيىمگە تەنھەركەت ئىشتىنىمنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇستىمگە ئاق رەڭلىك مايكامنىكىيىپ تۇنجى قېتىملىق ئىشقا راۋان بولدۇم.بەلكىم ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردەياشايدىغان ئادەممۇ چۇخەي سىرتقا چىقامدۇ دىيشىڭىز مۇمكىن ،بىراق بىز باشلانغۇچنىئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرمىزدا چۇخىيى بارلارمۇ خېلى ھاللىق ھىسابلىناتتى ،بەتىنكە دىگەنلەرنىغۇئاز ساندىكى باينىڭ باللىرى كىيەتتى ،بىز مەيدانغاچىقىپ توپ تەپسەك ئۇلار قاراپتۇراتتى ،ئاخرى چىداپ تۇرالماي تەپكەنمۇبولاتتى بىراق تىپە-تەپمەيلا پەتىنكىسىنىڭئالدى بىلىق ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالاتتى دە ئەتىسى دادىسىدىن تاياق يەپ چۇخىيىنىئالماشتۇرۇپ ئارىمىزغا قوشۇلاتتى.ئۇچاغلاردا5يۈەنگەبىر چۇخەي ئالساق بىرەر يىلكىيەتتۇق ھازىر 40يۈەنگە ئالساق بىر ئاي يەتمەيدۇ.ھەي!-نەرسىلەر ساختىلىشىپ كەتتى.
ئىشلەيدىغان يېرىمگىمۇ كەلدىم.ئىشلەيدىغانيېرىم يەنئەن يولىنىڭ كونسۇل كوچىسىدىكىبىر توخۇ قورۇمىسى ئاشخانىسى ئىدى.خوجاينىمىزمۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئايالئىدى،مىنىڭ ۋەزىپەم تاماق توشۇش بولۇپ كۈنلىرىم يەر ئاستى ئۆيدىكى ئاشخانا ئۆيبىلەن تاماق ئۈستىلى ئارسىدا پىرقىراپ يۈرۈش بىلەن ئۆتەتتى،ئانچە-مۇنچە بىكارۋاقىتلىرىم بولسا يەر ئاستىغا چۈشۇپ مۈشۇك بىلەن ھەپىلىشەتتىم.ما بۇ دەل مەنيازمەقچى بولغان مۈشۈك ئىدى.ئۇ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان ئەركەكئاسلان ئىدى،ئاپئاق قاردەك بەدىنى كۆپكۆك كۆزلىرى ياراشقان بۇرۇتلىرى داۋاملىقتەۋرەپ تۇردىغان قۇيرۇقلىرى ئادەمنىڭ مەسلىكىنى قوزغايتى .ئاشخانىمىز ئۇن زاۋۇتىغايېقىن بولغاچقا چاشقان كىرىپ قېلىشتىن ساقلانغىنى بولمايتى ئەلۋەتتە.بۇنداقچاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى نامايان قىلغاندك،مەيلى قوغلاپ بولسۇن مەيلىكىرىپ كەتكەن كامىردىن چىققىچە ساقلاپ بولسۇن ئۇنى تۇتماي قالمايتى .بىراق ئۇنىيىمەيتى ،نىمىشقا دىسىڭىز ئۇ ئاشخانىدا توخۇ گۆشى يەپ كۆنۇپ قالغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگەگۈشلەر كەڭرىچىلىك ئىدى.بۇنداق چاغلاردا ئۇچاشقاننى كۆتۈرگىنىچە پۇل يىغىدىغانئۈستەلگە ئاچىقىپ تاشلايتى .خوجايىن يوق چاغلاردا پۇلنى ئۇنىڭ سىڭلىسى يىغاتتى ؛
-قايسىڭلاربا؟
بۇنداق چاغلاردا مەن يۈگىرەپ چىقاتتىم .ئالدىمدا-يامايدىغانيىڭنىسى يوقتەك تىزى يىرتۇق ئىشتان كىيىپ چاچلىرنى شىرنىڭكىدەك قىلىۋالغان خۇددىياغاچ ئاياغ ماھىرلىرىدەك ئىگىزپاشنىلىق ئاياغ بىلەن خوجايىن سىڭلىسى پەيدابولاتتى دە ئالۋاستىنىڭكىدەك تىر ناقلىرى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
-ماۋۇبىرنىمەڭنى ئەكىرىپ كەت !-دەپ توۋلايتى .
مەن كۈلگىنىمچە ئاسلاننى ئەكىرىپكىتەتتىم.ھەي بىچارە مۈشككىمۇ ئۇۋال،ئگەر بىز چىقالماي قالساق تۇتقان پىتىلائۈستىدىن يەر ئاستى ئۆيگە تاشلايتى،بەزىدە ئاشپەز ئاغىنىلەرنىڭ قىززىقچىلىق قىلىپئۇنىڭ قۇيرىقىغا بوتۇلكا دىگەندەك نەرسىلەرنى چىگىپ ئۇنى ئۆز -ئۆزىدىن قور قۇتۇپئوينايدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى .خوجايىنىمىزنىڭ ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەنتاتلىققىنە بىر قىزى بولۇپ بىركۈنى ئۇ قەيەرلەردىندۇر تېپىۋالغان قايچىسى بىلەنمۇشۇكنىڭ سول تەرەپتىكى بۇرتىنى كىسىۋىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن مۈشۇكنىڭ چىرايى سەلبىيلىشىپقارىسا ھەممە كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈردىغان قىياپەتكە كىرىپ قاپتۇ.مۇشۇكمۇبارغانسىرى ئىلگىركى شوخلۇقىنى تاشلاپ بارغانسىرى ھورۇنلىشىپ كەتتى ،كۈن بويىكۆمۈر ئارسىغا كىرىپ كىتىپ ئۇخلايدۇ ئەگر قورسىقى ئاچسا‹مىياۋ›دىگىنىچە ئاپئاقكىرىپ كەتكەن بەدەنلىرنى قاپقارا قىلىپ يېنىپ چىقىدۇدە ئاشپەز بۇرادەرلەر تاشلاپ بەرگەن گۆشنى يەپ بولۇپ يەنە كىرىپكىتىدۇ.بىراق يەنە بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تېخىمۇ ھورۇنلىشىپ يېتىپتۇرۇپلا مىياڭلايدىغان بولىۋالدى، بەزىدە چاشقانلار كەلسىمۇ كۆزۈم كۆرمىسۇندىگەندەك قىلىپ بېشىنى ئۆرۈپ ئۇخلايدىغان بولىۋالدى .
كىيىن قانداق ئىشلار بولۇپ ئۆتتىكىن ئۇنزاۋۇتىمۇ تاقىلىپ چاشقانلارمۇ يوقالدى ،مۇشۇكمۇ ياتقان يېرىدىن كۈن بويىقوپمايدىغان،ئاغىنىلەر بىرنىمىلەرنى قىلسىمۇ ماسلاشمايدىغان ،ئۇرسىمۇ قوپمايدىغانبولىۋالدى ،ئاغىنىلەرمۇ زىرىكتى .ئۇ ھازىر قورسىقى ئاچمىسىلا ئۇقىدىن باشكۆتۈرمەيدۇ،ئۇخلاشلىرمۇ شۇنداق سەلبى بەزىدەئورۇندۇق ئۈستىگە چىقىۋىلىپ بىر پۇتىنىپەسكە ساڭگىلىتىپ بەزىدە بولسا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇخلايدۇ ،يەنە بەزىدە بولساچىرايىغا خۇددى سۆيگەن يارىنى ئەسلەۋتقاندەك بىلىنە بىلىنمەس تەبەسسۇن پەيدا بولۇپقالىدۇ.بىر كۈنى خوجايىن ئۇنىڭ دەردىنى بىلىپ قالغاندەكلا بىر ئالابۇلىماچ چىشىمۈشۈكنى ئەكىپ قويدى، بىراق ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقا رايى باردىغاندەك قىلمايتى،پەقەت چىشى مۈشۈك ئارام ئالغان چاغلىرىدىلا ئۇمۇ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ خۇددىسۆيگۈ ئىزھار قىلغاندەك كۆتمەك بۇرۇتلىرنى چىشى مۈشۈكنىڭ يۈزىگە ياققىنىچە بىرگەئۇيقىغا كىتەتتى.
ئادەم نىمىش قىلسا چۈشىدە شۇ ئەكىس ئەتسەكىرەك.ئاشخانىدا ئىشلىگەن چاغلىرىمدا كۈن بويى تاماق توشۇپ چۈش كۆرەتتىم، ماناتەتىلمۇ تۈگەپ مەكتىپىمگىمۇ قايتىپ كەلدىم بىراق ھېلىقى مۈشۈكنى پەقەت ئىسىمدىنچىقىرۋىتەلمىدىم.بەزىدە چۈشلىرىمدىمۇ ئايان بولۇپ قالىدۇ ،بەزىدە چاشقان تۇتقانمەغرۇرانە قىياپىتى بەزىدە ھورۇن ھالىتى ،بەزىدەبولسا سۆيگۈ دىۋانىسى ھالىتىدىگەندەك .كىممۇ سۆيگۈگە ئىنتىلمەيدۇ دەيسىز،بەزىدە سىتودىنت ياشلىرمىزغا قاراپمۇنۇ شېئىرنى ئەسكە ئېلىپمۇ قالىمەن:
پاكئىدۇق كۆزلەپ ئىلىم ،يۇرتتىن قەدەم ئالغاندابىز،
موداقوغلاش يارتۇتۇش بوپ قالدى بىزنىڭ كەسپىمىز.
تاقئىدۇق يۇرتتىن ئۇزاپ،ئەركىن قانات قاققاندا بىز،
يارتۇتۇشتا بولدى كاسىپ،مەيلى يىگىت مەيلى قىز. )
قالدىدەرس،قالدى كىتاپ،قالدى نىشانلار ھەممىسى،
تۈگىمەسسۆيگۈ نىداسى قەلىبلەرگە سالدى ئىز.
قالدىئىز گاھ باغچىدا گاھ رىستۇرانلاردا يەنە،)
كەلمىسەگەر ئىمتىھان ،يوق يادىمىزدا دەرسىمىز.
مۈشۈك ئەمەسمۇ نىمەبولۇپتۇ؟.ھەي بىچارە نىم بولۇپ كەتتىكىن تاڭ ،يەنە شۇنداق ئۇخلاپ سۆيگۈ ئىزھارقىلىپ ئۆتەمدىغاندۇ؟.
بىركۈنى ئالامەت چۈش كۆرۈپتىمەن،چۆل باياۋاندايۈرگىدەكمەن.تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
-ھويئاغىنە مۇشۇ يول بىلەن موڭغۇلىستانغا باغىلى بولامدۇ؟
ئالدىمدا پۇتىغا شۇنچە ئسسق بولسىمۇ مەسە-كالاچ كىيىۋالغان،ئۇچىسىدا چەت ئەلنىڭ ئا ،د،داس دىگەن ئشتىنى بىلەن ئاق كۆينەككەگالاستۇك تاقاپ قارا رەڭلىك ئۇيغۇرچە پەلتۇ كىيىۋلغان ئىدى، بېشىدا يەنە تىشاڭشەپكىسى تاتىراڭغۇ يۈزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇراتتى.ئاستىدا تىپىرلاپ تۇرغان ئېشىكىھە دەپ ئالغا مېڭىشقا ئىنتىلەتتى ،ئېشىكىگە ئارتىلغان خورجۇننىڭ بىر تەرىپىدە لىقنان يەنە بىر تەرپىدە بىر دانە خاتىرە كومپىيتىر تۇرتتى .
-موڭغۇلىستانغاتىلەمچىلىككە ماڭغان كومپىيوتىرنىڭ توكى تۈگەپ يولنى پەرق ئىتەلمىدىم.
-شۇنداق-دىدىم مەن.
ئۇ ئىشىكىنى يورغىلاتقىنىچە كىتىپ قالدى<توۋا قىلدىم ھەممە نەرسىمىز ئەبجەشلىشىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندەئەبجەشلەشمىگەن مۇشۇ تىلەمچىلەر قالغانمىدى>.
ئارقىدىن بەدەنلىرىقاپقارا ھالەتتە ھېلىقى مۈشۈك پەيدابولدى،ئۇ زۇۋانغا كىلىپ :
-سۆيگۈ ئىزھار قىلماقچى ئىدىم بەدەنلىرىمنى يۇيىۋالاي دېگەن ئاۋۇئادەم مڭغۇلۇستانغا باردىكەن ئۇيەردىن سۇ تېپىلارمۇ؟
موڭغۇلىستان دىگەن بىزنىڭمۇشۇ جاينىڭ 10- ئەسىرلەردىكى نامى تۇرسا ،ئۇچاغلاردا خەلىقىمىز پارلاقمەدەنىيەتلەرنى ياراتقان- دىدىم ئىچىمدە.-ئاندىن:
-ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن دەرەخنى كۆردۈڭمۇ شۇيەردە بىر بۇلاق بار شۇيەردە يۇيىنغىن- دەپتىمەن.
-ھەي ئاغىنە كۇرۇسقا بارمامسەن؟
ئالدىمدا ياتاقدىشىمتۇراتتى .مەن ھەر شەنبە يەكشەنبە كۈنى كۇرۇسقا بېرىپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەتتىم،ھېلىقى ئاشخانا دەل مىنىڭ ئۆتە يولۇم ئىدى، مەن تەييارلىقىمنى قىلىپ يولغاچىقتىم.خىيالىم يەنىلا ھېلىقى مۈشۈكتە ئىدى.مانا ئاشخانا ئالدىغىمۇكەلدىم.تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا ئىككى مۈشۈك پەيدا بولدى،بىرى پۇتلىرىغا ئاياغكىيدۈرۈلۈپ يۇيۇپ چىرايلىق ياسالغان ئىدى ،بۇ بىز نىڭ مۈشۈۇكىمىزنىڭ سۆيگىنى بولساكىرەك .بىزنىڭ مۈشۈك بولسا يەنىلا قاپقارا ھالەتتە ئاغزىدا بىر نىمىنى چىشلىگىنىچەئۇنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كىتىۋاتاتتى.بەلكىم ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئىزھار قىلماقچىدۇ.
ھەي!دىدىم مەنئىچىمدە –ئەسلى بىر ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر ئەركەك مۈشۈك ئىدى ،ئەمدى بىر ئەرمەكمۈشۈككە ئايلىنىپتۇ دە.
مەن شۇلارنى خىيالىمدىن كەچكۈزگىنىمچەيولۇمغا راۋان بولدۇم.
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 04:20 AM