ئانا تىلىم - ئانام ئەمچىكى
1
يەرنى چاناپ شېئىري تىلدا ،
كېپەنلىدىم سامساقلىرىمنى .
ۋىدالىشىش لېرىكىسىدا ،
بوغۇزىمغا تىلىدىم يامغۇر ،
قۇمغا چىلاپ قوشاقلىرىمنى .
.
رامزان توۋلاپ ئەسىر ئالماشتى ،
زەنجىرلىدىم قوشنىلىرىمنى ،
چىغىر يولدا بولدۇم پادىچى ،
كالىلارنىڭ مۆمىن ئاۋازى ،
تاللىماقتا قىممەتلىرىمنى .
2
خەرىتەمگە يازسام ئىسمىمنى ،
قىزىل قەلەم قەي قىلدى مېنى.
ئەجداتلىرىم بولسا قاپىيە ،
يۇچۈن ئوۋچى نەي قىلدى مېنى.
ئىمزاسى يوق ھۆججەتلىرىم كۆپ،
پەيلىرىمنى قادايمەن ئايغا .
ئاجىز سوقسا قەۋمىم تومۇرى ،
ئاچچىقىم بار نامراتقا بايغا .
يات كۆزلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،
ئىمزا قوياي داڭگاللىرىمغا .
ئەڭ ئەپۇچان بولۇپ تۆت قۇلاق،
قان بېرىمەن جاڭگاللىرىمغا .
پايپىقىنى مايلاپ توغراقنىڭ ،
چىقرىمەن تارىم كىرىنى .
ئاپتاسۇنۇپ ئېزىلىپ ياتقان ،
كىرۇراندەك قېرى موماينىڭ ،
ئېچىپ باقايمىكىن سىرىنى ؟
3
چوقىلىدى سۆيگۈ توخۇسى،
زەنجىرسىمان تىلكىمىزنى ،
تىنىقلاردىن قالغان ھەسىرەت ،
يۇمشاتماقتا كىملىكىمىزنى .
چاڭقاق لەۋلەر بولدى سايىۋەن ،
چۈشەكىگەن سامساق بېشىغا .
يات ياغاچلار بولۇپ مىليۇنىر،
ماركىسىنى ئاستى بېشىغا .
تىرىلمەكتە ساختا مامىكاپ ،
ھەرپلەرنى كىيىپ بېشىغا .
يات نەپەستە كۈلمەكتە سانلار،
توپا چېچىپ ئەۋلاد ئېشىغا !
قازان بېشى بولماقتا جېلە ،
غۇنچەملەرنىڭ مىشچانلىقىدىن .
سادقەتنى ئېيتماقتا تارلار ،
ئىخ ، سەمىيمىي مۇقام تىلىدىن !
4
بىر تىزىقتا تۇغۇلغان ئىدۇق ،
كۆزلىرىمىز ، لەۋلىرىمىز تەڭ ،
پۇت -قولىمىز ئىدى تۈز سىزىق.
كېسىكلەردە تەڭشىلىمىز تەڭ!
چىشىمىزدا سۆيگۈ چاقاتتۇق .
ئىنجىقلىغان سەھەر قوينىدا .
ساناپ باقاي يىلنىڭ لېۋىنى
مىڭ ئۆيلەرنى تىزىپ ھويلىغا .
ئەللەيلىنىپ كۈننىڭ كۆكسىدە ،
مەرۋايتتەك پادا باقاتتۇق .
تۇتالمايتتى قېرى ئۆمۈچۈك ،
قومۇچاقتەك ئەركىن ئاقاتتۇق
.
تىكەن ئىدى تاپانلىرىمىز ،
سانجىلاتتۇق شامال كۆزىگە.
مىڭ بىر كېچە قىلىپ تونۇرنى ،
ئەگىشەتتۇق ئاينىڭ سۆزىگە.
كېپىنەكلەر قىلاتتى چاخچاق،
قى چۇ قىلسا قەغىشلىرىمىز .
ئۈمۈدلەرنى ئېلىپ ئاسمانغا،
كۆك ياراتتى ۋاللەيلىرىمىز .
5
ئۆمىلىگەن سامساق بالىسى،
لەقەم قويار يەرنىڭ لېۋىگە ،
ئانا تىلدا چۇرۇقلاش ئۈچۈن ،
كىرىۋالار قەۋىم تېنىگە .
پارچىلانغان دوقمۇش تېرىسى ،
غەيۋەتلەردىن كېتەر قارىداپ.
بىر ناتونۇش زىمىن قوينىدا
مەۋھۇم قەۋىم تۇرار سايىداپ.
چۆچەك يازار ئاشىق سامساقلار ،
چىن تۆمۈرنىڭ ئېتىپ كۆزىنى .
ئىگىلمەكتە مىسىران قىلىچ ،
ئۇۋۇتماقتا ئەركىن سۆزىنى.
ئانا تىلىم _ ئانام ئەمچىكى ،
يالماۋۇزغا بولماقتا غىلاپ ،
كۆل بويىدا قالار ساۋاتسىز
مەختۇمسۇلا چېچىنى ئويناپ.
ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 12:44 AM