يەنە باھانە ئىزدەمسىز ؟
ھاياتتا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نىمە ؟ بىزنىڭ ياشلىقىمىزدىنمۇ قىممەتلىك نېمىمىز بار ؟!نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نامراتلىقتىن قاقشايدۇ ، تىجارەت قىلىدىغان پۇلى يوقلىقىدىن مەبلەغ تاپالمىغانلىقىدىن قاقشايدۇ . بۇ نىمە دىگەن كۈلكىلىك ئىش . ئەمىلىيەتتە ئۆزىڭىز بىر ئالتۇن تاغ (شەكىلسىز بايلىق ) سىزنىڭ پەقەت ئىتراپ قىلمىغانلا تەرىپىڭىز بار خالاس . ئۆزىڭىزدىكى بايلىقنى كۆمۈۋېتىشقا رازىكەنسىزكى ،ئۇنى قېزىپ چىقىشتىن پايدىلىنىشتىن قورقىسىز . يۇۋاش يۇمشاقلىق بىلەن باشقىلارنىڭ قڭل ئاستىدا ئىشلەشكە رازى بۇلىسىز . ئۆزىڭىزدىكى بايلىقنى خوجايىنىڭىزغا قوش قوللاپ سۇنۇپ بىرىسىز . ئويلاپ باقايلى ،قېنى كىم بىرەرسى تۇغۇلىشىغا ئۇنىڭغا دۆۋە-دۆۋە پۇل تەييارلاپ قۇيۇپتۇ ؟ قېنى كىم ھەممە تەييارلىقلار تەل بولغاندا ئاندىن ئىگىلىك تىكلەپ شۇ ھامان مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپتۇ ؟ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا بۇ خىل «بەخت»تىن بەھرىمەن بولىدۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ بايلىقىمۇ ئۈچىنچى ئەۋلاتقا يىتىپ بارغۇچە خوراپ تۈگەيدۇ . كۆپ ساندكى ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۇرىلىدۇ . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىسى كىلىدۇ ، لېكىن ئەمىلىيەتتە بىرەر ئىشنى قىلاي دىگەندە ،ئۆزىگە تاپمىغان باھانە سەۋەبلەر قالمايدۇ .ۋاقتىنى ئىستىراپ قىلىپ ، كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزىۋىتىدۇ . مەسىلەن : بىرىنچى : مىنىڭ سۆز قابىلىيىتىم يوق . ---- خاتا ھېچقايسىمىز تۇغما گەپ قىلغان ئەمەس ، ناتىقلارمۇ بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە ناتىق بۇلۇپ قالمايدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ سانسىز قېتىم ، جاپالىق مەشىقىدىن كەلگەن . ئەگەردە سىزمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلسىڭىز يەنە مىنىڭ سۆز قابىلىيىتىم يوق دىيەرسىزمۇ ؟ ئىككىنچى : مىنىڭ پۇلۇم يوق .------خاتا سىزدە پۇل يوق ئەمەس ، پۇل تاپىدىغان كاللا يوق ، ئاددى بىر خىزمەت ئورنىدا بىرقانچە يىل خىزمەت قىلسىڭىز سىزدە پۇل بارمۇ يوقمۇ ؟ بار ، لېكىن خەجلەپ بولدىڭىز . خەجلىگەندىمۇ قىلچە مەبلەغ مەنپىئەتى بولمىغان يەپ ئىچىش ، ئويۇن تاماشا لارغا خەجلىدىڭىز .ھەر ئايلىق ئىش ھەققىڭىزنى شۇ ئايدا تۈگىتىش ۋەزىپىڭىز باردەك خەجلىۋەتتىڭىز . قېنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاراق- تاماكا ،مودا قوغلىشىپ سېتىۋالغان كىيىم – كىچەك ۋە باشقا زۈرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا كەتكەن پۇللىرىڭىزنى ھىساپلاپ بېقىڭ . سىزدە پۇل بارمىكەن يوقمىكەن ؟ ئۈچىنچى : مىنىڭ قابىلىيىتىم يوق .------خاتا ئۈزىڭىزگە چېنىقىدىغان پۇرسەت بەرمىسڭىز ، نەدىن كىلىدىكەن ئۇ قابىلىيەت . ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا جەمىئەتنىڭ سەركىسى بۇلۇشنى ئويلامسىز ؟ ئىگىلىك تىكلەپ شۇئانلا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنى ئويلامسىز ؟باشقىلار تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆگەنگەندە ، تەجرىبە توپلىغاندا ، تىرىشىپ ئامال چارە ئىزدىگەندە ،سىز نىمە ئىش قىلىۋاتقان ؟ سىز ئازراقلا ئۈگىنىپ مەنىسىز ھىس قىلغان ، نەچچە بەت كىتاب ئوقۇپ بولغۇچە بىزار بولغان ، ئىشنى يەرىم يولدا توختىتىپ قويغان . شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئۆمرىڭىز ئۆتۈپ كۈتەي دىگەندىمۇ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ، تەڭرىنىڭ پۇرسەت بەرمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىپ يۇرگەن قابىلىيەت تىرىشچانلىقتىن كىلىدۇ . تىرىشمىسا تۇغما تالانتلىقلارمۇ يارىماس كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . تىرىشسا دۆت ئادەممۇ قابىلىيەت يىتىلدۇرەلەيدۇ . تۆتىنچى : مىنىڭ ۋاقتىم يوق -------خاتا ۋاقت ئىنتايىن كۆپ ، ۋاقت ئىسراپچىلىقىمۇ ئوخشاشلا كۆپ ، سىز تېلىۋۇزۇر كۆرىۋاتقاندا ، ئويۇنچۇق ئويناۋاتقاندا باشقىلار تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ئۆگىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن . باشقىلار پۇل تاپسا ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىسىز . لېكىن شۇلارنىڭ ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىپ قىممەت ياراتقانىلىقغا قىزىقمايسىز ، ئۆگەنمەيسىز . بەشىنچى : كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس . -----خاتا ئادەم ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھاۋارايىغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . مەغلۇبىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،لېكىن كەيپىياتنى توغرىلاپ ، تەجىربە يەكۈنلەپ يىڭى غەلبىنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ . ھايات يولى تۈپتۈز بولمايدۇ ، نۇرغۇن سىناقلارغا ، قىيىنچىلىققا ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغان گەپ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەممىدىن مۇھىمى كەيپىياتنى تەڭشەش . ئالتىنچى : مەن بۇنىڭغا قىزىقمايمەن . -----خاتا قىزىقىغ دىگەن نىمە ؟ يەپ – ئىچىش ، ئويۇن – تاماشا مۇ ؟ سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز نىمە ؟ ساياھەت قىلىش ؟ ktv دا ناخشا توۋلاشمۇ ؟ كىيىم سېتىۋېلىشمۇ ؟ ئىشلەشكىچۇ ،قىزىقامسىز ؟ كوچا ئاپتۇبۇستا قىستىلىپ مېڭىشقا قىزىقامسىز ؟ ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئىشلەشكە ، كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقامسىز ؟ ئۆيىڭىزدىكىلەرگە جىددى پۇل لازىم بولغاندا چىقىرالماسلىققا قىزىقامسىز ؟ ئەجەبا ، چاشقان دورىسى ساتىدىغانلار چاشقان دورىسىغا ، خالا تازلايدىغانلار پوققا قىزىقامدىغاندۇ ؟ ئويلاپ بېقىڭ ، قىزىقماسلىققا نىمە باھانىڭىز بار كەن ؟ يەتتىنچى : مەن يەنە ئويلىنىپ بېقىشىم كىرەك . ------خاتا ھەممە ئىشتا ئىككىلىنىپ ئويلۇنۇپ باقاي دەپ ، كەينىگە سوزسىڭىز ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايسىز . ئەتە تۈگىمەيدۇ ، لەكىن پۇرسەت ئەتە كىلىۋەرمەيدۇ . بىچارە ئادەمنىڭ چۇقۇم ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۇرىدىغان بىر تەرىپى بولىدۇ . ھاياتىمىزدا پۇرسەت يوق ئەمەس ، تىرىشىپ قولغا كەلتۇرۇش ، تۇتۇش يوق . باھانە سەۋەپلەر ناھايىتى كۆپ . نىمە ئۈچۈن بەزىلەر مىلىيونىر، سىز تېخىچە ئازراق پۇل ئۈچۈن چېپىپ يۈرىسىز . باشقىلارنىڭ پىشانىسىنىڭ ئوڭ ئىكەنلىكىگە ھەۋەس قىلماي ، ئۇلارنىڭ جاپالىق شارائىتقا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ، قىيىنچىلىقنى قانداق يەڭگەنلىكىنى ، ئۆزىدىن قانداق ھالقىغانلىقىنى ئۈگىنىڭ . سىنىڭ كۆرگۈنىڭىز پەقەت ، ئۇلار مۇۋاپپىقىيەت قازانغاندىكى بىر كۆرىنىش ، شۇڭلاشقا سىزدە ھەۋەس قىلىش ، ھەسەت قىلىش ، ھەتتا ئۆچ كۈرۈش پىسخىكىسى بۇلىشى مۇمكىن . ئولىمپىك چىمپىيونى ھەرگىزمۇ مۇسابىقە مەيدانىدا بىكىتىلمەيدۇ ، بەلكى مەشىق مەيدانىدا قىلغان جاپالىق مەشىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . قىلاي دىسەك ئامال كۆپ ، قىلماي دىسەك باھانە كۆپ !!! مەنبە : www.uyigilik.com ئۇندىدار ئىزدەش نۇمۇرى : igilik
|