مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2819|ئىنكاس: 41

«كۆز يېشى » بىر كۈرۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    كۆز يېشى

   ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە بىر غەم مېنى بەكلا ئازاپلاپ كەلدى.تۇرمۇش گەرچە شۇنچە خۇشال،كۈنلىرىم بەخىتلىك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا شۇنچە يېرىم،ھەرداۋام ئېچىمدىن يېغا قايناپلا تۇرىدۇ.مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدىم. دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم،لېكىن نېمىگە قارىتا تەكشۈرتىشنى زادى بىلەلمىدىم.ئۈزۈم ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم،زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى،كىمنى ئازابلىغانلىقىمنى،قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندىم.لېكىن ھېچقاندەك بىر سەۋەپ تاپالمىدىم.ئېچىم باغانسېرى تىت-تىت بولغىلى تۇردى.ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىدەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئاخىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتىم. لېكىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. كۈنلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردى.كۈن بۇيى روھىم چۈشكۈن سۇلغۇن يۈرۈدىغان،گىلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىچىمدىكى ۋەھىمە،قورقۇنۇش بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كەتتى.خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلدىغان مەھپۇستەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.

مەن ئۈزۈمنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى بولدىم.نۇرغۇن مەنزىرلىك جايلارنى ساياھەت قىلدىم.كىشىنى خۇشال قىلدىغان ھەممە نەرسىنى كۆردۈم.قانغۇچە خۇشال ئوينىدىم.

گۈل-گىياھلارنى مەنزىرلىك جايلارنى تاماشا قىلدىم.ئەڭ يىيىشلىك،ئۈزۈم ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى  يىدىم.دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشتىم.گەرچە بۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى ۋاقىتلىق خوش قىلالىغان بولساممۇ لېكىن ئىچىمدىكى ۋەھىمە مېنى بارغانسېرى ئارام تاپقۇزمىدى.

  بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق ئۇخلاپقالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.تۇيۇقسىز تۇلىمۇ چوڭ بىر سوت مەيدانىغا كىلىپ قاپتىمەن.ئادەتتە سوتلارغا ئۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشمايدىغان

،نىمانچە كۆپ ئادەم بۇ مەيداندا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەرخىل تىلغا ۋەكىللىك قىلدىغان كىشىلەر ئولتۇراتتى.مەن دەرھال سوتچىلار ئولتۇرىدىغان ئوورۇنغا قارىدىم.ئۇيەردە چوڭ بىر ئۈنئالغۇ تۇراتتى.ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈنئالغۇلار تۇراتتى. داۋەگەر ئورنىدا ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان،ئۈستى ئەتلەس بىلەن بىزەلگەن بىر ئۈنئالغۇ زار-زار يىغلاۋاتاتتى.ئەتراپتىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.دۇنيادا مۇشۇنداق سوت مەيدانى بارمۇ؟مۇشۇنداق ئېچىلدىغان سوت بارمۇ ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.تۇيۇقسىز سوت مەيدانىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالدى.ئىككى ئەسكەر مېنى جاۋاپكارلىق ئورنىغا چىقاردى.ئەسلى بۇ قېتىملىق سوت<ئۇيغۇرتىلى> ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان سوت ئىكەن.

   سوت باشلاندى.باش سوتچى ئۇدۇلىدىكى چوڭ ئۇنئالغۇ ئىنگىلىز تىلىدا سوتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى.مەيداندىكى ھەممە كىشى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى.داۋەگەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرىزىنى ئېيىتتى.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ:< ھۆرمەتلىك سوت ئەھلى مەن بولسام دۇنيادىكى تىللارنىڭ بىرى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ تىلى بۇلىمەن.

ھەرقايسىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۇلىمۇ ئەقىللىق مىللەت ئىدى.سىلەر بىلدىغان تۈركى تىللاردىۋانى،

قۇتاتغۇبىلىك مەن بىلەن(ئۇيغۇرتىلى بىلەن) يېزىلغان.مەن بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم>. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندا جاۋاپكاردەك ئەمەس ئالقىشلىنىۋاتقاندەك ئولتۇردۇم.ئۇنئالغۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:<لېكىن،ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مەسئۇليەتسىز،نادان ئىكەن،ئۇلار چەت ئەل مەدەنىيىتىنى قالايمىقان قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىپ كەتتى،ھەتتا ئانا تىلى بولغان مېنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى.ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرى بەكمۇ جىق،ھەممىدىن ئېغىر بولغۇنى مېنى ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.مەن ھازىر ھەتتا ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن>.ئۇ بۇ گەپنى قىلۋاتقان ۋاقىتتائۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.مەيداندا جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈردى.گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى.

  ئۇلار:< مەندىن ئاخشام نېمە قىلدىڭ؟>دەپ سورىدى.مەن ھاپلا-شاپلا:<مەن ئاخشام دەنشىدىن خەنگونىڭ داڭلىق شىپىنىنى كۆردۈم>دەپ جاۋاپ بەردىم.بۇ ئىنىقلا مېنىڭ جىنايىتىمنى ئىسپاتلىدى.مەن ئۈزۈمنى ئاقلىغان بولساممۇ يەنىلا ئامال بولمىدى.

سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى چىقاردى.ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنى مەندىن-ئۇيغۇرلادىن ئايرىلىپ كىىشكە بۇيرىدى.مەن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.تۇيۇقسىز مەيدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئەۋجىگە چىقتى.ئۇلار بىر نەرسىنى تالاش-تارتىشى قىلىۋاتاتتى.ئەسلىدە ئۇيغۇرتىلى باشقا بىر مىللەتكە بەرمەكچى ئىكەن.مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازاپلاندىم.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم،لېكىن سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى ئۆزگەرتمەي سوتنى ئاخىرلاشتۇردى.كۈزۈمدىن توختىماي چۈشۈۋاتاتتى.بار-بارا ئۇلغۇيۇپ كەتتىم.يۈرىكىم سۇقۇشتىىن توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى،خۇددى بىر ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك.مەيداندا مەن يالغۇزلا قالدىم.توختىماي يىغلاۋىرىپ،ھەممە يەر كۆزيېشىمنى سۈرۈتكەن قەغەز بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ھېلىقى چوڭ ئۈنئالغۇ گىدىيىپ تۇرۇپ:<يەنە ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ،مۇشۇ قەغەزلەر ئىچىدە غايىپ بولىسەن> دەۋاتاتتى.مەن ياق،ياق!!!! دېگىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم.قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ يوتقىنىم يۆل بۇلۇپ كىتىپتۇ. كۈزۈمدىن يەنىلا ياش ئېقىۋاتاتتى.مەن دەرھال كۈتۈپخانىغا كىردىم.شۈكىرى ئۇيغۇرچە كىتابلار جايىدا ئىكەن.ئەمدى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.

مەن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى بىلدىم.مەن ئانا تىلى قەدىرلىمىگەنلىكىم،ئۇ ئەبجەش قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھىمىدە قالغان ئىكەنمەن.ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم،ھازىردىن باشلاپ ئاناتىلىنى قەدىرلەي،بولمىسا كۆز يېشىم مېنى چۆللەرگە غەرق قىلۋەتمىسۇن!



                                                              مەنبە.قەلىمىنم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 11:39 PM  


ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:21:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاددىسى تىلفۇن نۇمۇرىنى ئانا تىلدا دەيلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 593
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:23:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاناتىلىم.

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10693
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق خىجىل بولدۇم .
ئەلۋەتتە ، ئۆز ئانا تىلمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق بىزگە كىم قوغداپ بىرەتتى . مۇندىن بۇرۇن دىققەت قىلالمىغانلىقىم ئۇچۇن مۇنبەردە دوسىتلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن .
مۇندىن كىيىن چۇقۇم دىققەت قىلمەن .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83389
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 12:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك  بىر مەسئۇلىيەتنى ئىپادىلەپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:01:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا  تىلىمىزنى  بىز ئۆزىمىز   تەرەققى  قىلدۇرمىساق ،كىم بىزگە  تەرەققى قىلدۇرۇپ بېرىدۇ  ، شۇنداقلا  سەل قارىساق ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى كەتكەن  . مۇشۇ  ھازىرقى بەزى ياشلىرىمىزنىڭ يوللاردا ،تېلفۇنلىرىدا ، يەنە بەزە ئاممىۋىي سۇرۇنلاردا  خەن لارنىڭ تىلىدا سۆزلەپ ئاخسالىق قىپ كەتكىنىنى كۆرسەم ،بەش يىل قاماپ قويغۇم كەپ كېتىدۇ .

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21086
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:07:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەنگە ئىبرەت بولىدغان ياخشى تىما ئىكەن.رەھمەت ئۆزلىرىگە.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9047
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4800 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:19:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 02:30:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ‹جاۋابكار› بولۇپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيمەن،شۇڭا ئىشلارنى ئۆزۈمدىن باشلاۋاتىمەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93276
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-14
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 03:46:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشىكەن ،مەنمۇ ئۆزۇم دېققەت قىلاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش