|
|
|
|
سەھەر بولدى تاڭ ئاتتى
خۇراز چىللاپ چاقىردى
بىراق بەزى ئادەملەر
ئۇخلىدى گاھ قوپمىدى
كەچلەردە تۇي تۆكۈن
رىستۇران قاۋاققا قاترايسەن
سەبىي ئۇماق بالاڭغا
كۆڭۈل بۈلۈپ قويمامسەن
كىچەلەرى مەس بولۇپ
ئىشىك چىكىپ ھارمايسەن
بالا چاقاڭ ئۆيۈڭگە
ئازار بىرىپ قانمامسەن
كەيىپ ساپا سەن ئۈچۈن
شۇنچە مۇھىم بەخىتمۇ
ئوغۇل قىزىڭ بەختى ھەم
ئۇينايدىغان ئويۇنمۇ؟
گاھى قىمار گاھى ھاراق
ساڭا دائىم ئۇزۇقمۇ
سەندىن سۇراي ئۇيغۇرۇم
بۇ سەندىكى غورۇرمۇ؟
مۇسۇلمان دەپ كىرىلىپ
ياقا تارتىپ ھارمايسەن
غەيۋەت قىلىپ كۈن بويى
تار يوللارنى ئىزدەيسەن
كەڭ يۇلغا يا پاتمايسەن
تار بۇلۇڭنى ئىزدەيسەن
كىم نەتىجە قازانسا
تىللاپ قارغاپ ھارمايسەن
ئۆز-ئۆزۈڭنى ماختاپ سەن
بىراۋ خەقنى قاغاپسەن
گەپ قىل دىسە پو ئىتىپ
چەتئەللىكنى دورايسەن
ناخشا دىسە ئىيىتتىم دەپ
تۈركىيە چەتئەلنى دۇرايسەن
نىمە ئۈچۈن ئەي ئۇيغۇر
ئۆز ناخشاڭنى ئېيىتمايسەن
مۇڭلۇق ناخشا ئۇسۇلىمىز
زەپ چىرايلىق سازىمىز
تىلدا داستان ئەمەسمۇ
قىنى بىزنىڭ نامىمىز
ئەتلەس كۆينەك ئۆرۈم چاچ
بىز قىزلارنىڭ پەخرىمىز
سىزدىن سۇراي ئۇيغۇر قىزى
قىنى سىزنىڭ ھالىڭىز
ئەجداتلارمۇ زەپەر قۇچۇپ
ئۆتكەن ئىكەن زاماندىن
لىكىن ئەپسۇس بىزلەرچۇ
قىنى بىزنىڭ نامىمىز
سۆزلە دىسە پۇ ئىتىپ
چەتئەل ئامرىكىنى دۇرايسەن
سالام بىلەن ئۆيۈڭگە كىرسە
ئەسكى سۇپىغا باشلايسەن
ھەسەت قىلىش يامان دەپ
ھەسەت بىلەن ياشايسەن
ھەسەت قىلىپ يۈرمىگىن
نىمىشقا ئەقلىڭنى تاپمايسەن
مۇھاببەت دەپ چىپىشىپ
ئۇنىڭ بۇنىڭغا قارايسەن
بىر يۈرەككە بىرى سىغدۇ
بۇنى نىمىشقا بىلمەيسەن
كۆيدۈم پىشتىم دەپ قاخشاپ
قىزلارنى ھالىدا قويمايسەن
كەلتۈر بولۇپ نىمىشقا
قىزنى شۇنچە خارلايسەن
چىرايلىق گەپنى تاشنى يارسا
قوپال گەپنى باشنى يارىدۇ
گەپ قىلغاندا نىمىشقا
ئەخلاقىڭنى ئۇنتۇيسەن
ئەخلاق ئادەم زىننىتى
دىگەن ئىكەن كونىلار
لىكىن قىنى غۇرۇرۇڭ
نىمشقا ئۆزۈڭنى ئالدايسەن
بەخىت تىلگىن بىراۋغا
شەپقەت قىلغىن يىتىمغا
ۋاپادار بول ئاناڭغا
غەمگۈزارىڭ ئاتاڭغا
شۇ ھاراقنى تاشلىغىن
ماز ناخشاڭنى ئىيىتمىغىن
ئۇيغۇر سەن ئۇنۇتمىغىن
غۇرۇر بىلەن ياشنىغىن
ئۇيغۇر سەن ۋىجدانلىق بول
مۇسۇلمان سەن پەزىلەتلىك بول
قىزلىرىڭ ھايالىق بول
ئوغۇللىرىڭ غۇرۇرلۇق بول
ئۇيغۇر دىگەن نامىڭ بولسۇن
شۇنىڭغا خاس ئەخلاق بولسۇن
كىشلەر كۆرۈپ ھەۋەس قىلسۇن
ئۇيغۇرلىرىمىز ئامان بولسۇن
مەن بۇ شىئىرنى بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزغا ۋە ئاكا ھەدىلىرىم ،تاغا-ھاممىلىرىمغا ھەدىيە قىلىمەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە ئۇيغۇر قىز ۋە ئوغۇل قىرىنداشلىرىمغا ئىنساپ ۋە ھىدايەت تىلەيمەن.شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر خەلىقلىرىمىزنىڭ ھەقىقى غورۇر ۋە ئىنسانى قەدىر قىممىتىنى ئۇنۇتماي ھەقىقى ئەخلاقى ۋە ھەقىقى ئىمانى بىلەن ياشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
شۇنداقلا مىسرانىم تۇرىدىكى بارلىق ئاكا ھەدىلىرىمگە ئوتلۇق سالامىمنى يۇللايمەن ھەممىڭلارغا خۇشال-خۇراملىق ۋە بەخىت سائادەت يار بولسۇن،مەڭگۈ چىرايىڭلاردىن جىلۋە ئۈزۈلىمىسۇن..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 04:17 AM
|
|
|
|
|
|