مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 14

ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن غەزەللەر توپلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1.چۈشەنمىدىم




ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىىلدا سۆزلىمىدى چۈشەنمىدىم،

ئەبجەش قىلىپ سۆزلەۋەردى نېمە دىدى چۈشەنمىدىم.


مىللىتىڭنىڭ نامى دىسە ئۇرغۇي دەيدۇ نۇمۇس قىلماي،

ئۇيغۇر دېگەن  نامىمىزنى دېيەلمىدى چۈشەنمىدىم.


ھەممە كىشى بەكمۇ ئامراق دەنشى كۈرۈپ ئولتۇرۇشقا،

تېلۋىزۇر دەيدۇ دېسەم ھاڭۋىقىپ قالدى چۈشەنمىدىم.


شوۋجى دەيدۇ يان تېلغۇننى چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە،

نۇمىرىنى ياۋ سەن چى دەپ تىز يادلىدى چۈشەنمىدىم.


كىر يۇيارمىز شىجىدا،مىۋە-چىۋەلەر بار بىڭشاڭدا،

ئانا تىلدا  دىيىشكە ئېغىز كۆنمىدى چۈشەنمىدىم.


لازا بولدى كۆك مۇچمۇ چىڭسەي بولدى شۇ كەرەپشە،

كۆكتاتلارنىڭ نامىلىرى ئۆزگەرتىلدى چۈشەنمىدىم.


يەر ناملىرى ئۆزگەردى باشقا تىلغا يۇقالدى ئەكسى،

ئۇيغۇرچىسىنى دىسەم مەن بىلەلمىدى چۈشەنمىدىم.


كۆپتۇر بۇنداق مىساللار بولدى خېلىل سەن قاقشىما،

تىبابەتتە يوقمۇ داۋا بۇ كېسەلگە چۈشەنمىدىم.


بىلىپ قۇيۇڭ ئەي دوستۇم تىل مىللەتنىڭ بەلگىسىدۇر،

نېمە ئۈچۈن ئانا تىلنى خارلايمىز بىز چۈشەنمىدىم.


ئوبدان ئويلان ئەي مىللىتىم ئانا تىلىم ئەبجەشلەشتى،

ئانا تىلدا ئەۋلاتلارنىڭ ھەققى يوقمۇ چۈشەنمىدىم.




ئىجادىيىتىم

ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن

2013-1-9

2.يۇرتۋاز





نەگە بارسا يۇرتىنى داڭلاپ ماختار يۇرتۋاز،

باشقا يۇرۇتنى ماز قىلىپ تىللاپ قاقشار يۇرتۋاز.



گەر ئاڭلىسا ھەر يەردە ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى،

ماختاپ كۆككە كۈتۈرۈپ داڭلاپ يۈرەر يۇرتۋاز.


ئەگەر چىقسا يۇرتىدىن كىچىككىنە بىر ئالىم،

ئۆز يۇرتىنى پەش قىلىپ شايلا چاچار يۇرتۋاز.


ئاققان تۇرۇپ تېنىدە بىر مىللەتنىڭ قانلىرى،

ئايرىمچىلىق قىلىپلا  يۈرەر دائىم يۇرتۋاز.


تەن ئالمايدۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ئىللەتنى،

تۈزىتىش نەدە تۇرسۇن كۆكتە ئۇچار يۇرتۋاز.


كۆرسىتىپ بەرسە ھەركىم ئۆزىدىكى ئىللەتنى،

دۈشمەن بۇلۇپ ئۇنىڭغا خەنجەر ئۇرار يۇرتۋاز.


چىقىپ قالسا يۇرتىدىن ئوغىرى يا قاراقچى،

يۈز ئۆرۇپلا يۇرتىدىن كىچىپ كىتەر يۇرتۋاز.


سىڭىپ كەتكەنمۇ ياكى قېنىغا يۇرتۋازلىق،

ئۆمۈر بۇيى تاشلىماس ئىللىتىنى يۇرتۋاز.


ئۇيۇشقاق مىللەت دېگەن بامىنى ئۇنۇتتىمۇ،

بۆلگۈنچىلىك قىلىپلا يۈرۈيدىغۇ يۇرتۋاز.


ئەجەپمۇ بەك زىرىكتىم يۇرۇتۋازنىڭ گىپىدىن،

يا نۇمۇسمۇ قىلمايدۇ قىلمىشىدىن يۇرتۋاز.


ئاڭلىغىن ئەي يۇرتۋاز ساڭا قىلاي بىر نەسھەت،

تاشلىغىن ئىللىتىڭنى بولما ئەمدى يۇرتۋاز.




ئۇيغۇر ئوغلى

ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن

2013-3-5

3.كەتتى




ھالال ئىشلەپ دۇنيادا ياشىغانلارمۇ كەتتى،

ھارام تېپىپ يەپ-ئىچىپ ئوينىغانلارمۇ كەتتى.



تەر تۆكۈپ تۇمۇزلاردا ئېتىزلاردا ئىشلىگەن،

ساددا ئىشچان تىرىشچان دېھقانلىرىمىزمۇ كەتتى.



مال-دۇنيا بايلىق ئۈچۈن ئات ئۇلاغدەك ئىشلىگەن،

ساخاۋەتتىن ئەسەر يوق بېخىل بايلارمۇ كەتتى.



بارلىقىنى خەلىققە،ئەركىنلىككە ئاتىغان،

ئادالەتنى كۈيلىگەن پالۋانلىرىمىزمۇ كەتتى.



مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان،

مۇنبەرلەردە تەۋرەنمەس ئۇستازلىرىمىزمۇ كەتتى.



ھاياتلىققا يىڭىدىن ئۈمۈدلەر ئاتا قىلغان،

ئاق خالاتلىق پەرىشتە دوختۇرلىرىمىزمۇ كەتتى.



ئىلىم-پەندە شان قۇچۇپ تالاي ئەسەرلەر يازغان،

ئالىم،يازغۇچى،شائىر ئەدىپلىرىمىزمۇ كەتتى.



خەلق ئۈچۈن تىنىم تاپماي تالاي تۆھپىلەر قوشقان،

ئىجاتكارلار،تۆھپىكارلار،سەنئەتچىلەرمۇ كەتتى.



ئەل خەلىقنىڭ پۇتىغا يانتاق بۇلۇپ سانجىلغان،

ساتقىن،خائىن مۇناپىق باشلىقلىرىمىزمۇ كەتتى.



لالما ئىتتەك كۈن بۇيى بىكار لاغايلاپ يۈرگەن،

داشقال بۇلۇپ شاللانغان شۇ كىشىلەرمۇ كەتتى



كىرىپ شەيتان كەينىگە يامان يوللارغا ماڭغان،

ئەل-خەلىقتىن لەنەت ئالغان ئازغۇنلارمۇ كەتتى.



بەك قىسقا ئادەم ئۆمرى،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،

ھاياتىنى رەڭدار قىلغان شۇ كىشىلەرمۇ كەتتى.



ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ دۇنيا پەقەت قۇنالغۇ،

ھەممە كەتتى بۇ دۇنيادىن كىم مۇرادىغا يەتتى.


ئۇيغۇر ئوغلى

2013-3-7

4.ئانا يۇرت

رۇمانلارنىڭ سەركىسى سەن نامى مەشھۇر «ئانا يۇرت»،

مىللىتىمنىڭ گۆھىرى سەن پەخرىمىز سەن «ئانا يۇرت».

نامى مەشھۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېزىلغان،

ئۇيغۇرۇمنىڭ قەھرىمانلىق رۇمانى سەن «ئانا يۇرت».

ھەر ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بىر ئوتنى سېلىپ،

ئۇنتۇلمايسەن ئوۇرقۇرمەنلەر تەرپىدىن سەن «ئانا يۇرت».

مەزمۇنىڭ بەكمۇ ئېسىل،تەربىيەڭ بىزگە شۇنچە زور،

خەلقىمىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بولدۇڭ سەن «ئانا يۇرت».

يۇقالمايدۇ چىن تارىخ،ئۆزگەرتەلمەس ئۇنى ھېچكىم،

ئاشۇ چىن تارىخىنىڭ پاكىتى ئىدىڭ سەن «ئانا يۇرت».

ئۆزگەرتىلدىڭ شۇڭىلاشقا،چىن تارىخ يېزىلغاچقا،

باشقا رۇمانلار ئالدىدا بىچارە سەن «ئانا يۇرت».

تۇنجى باسماڭ شۇنچە قىممەت چىقتى باھا بىرمىڭغا،

تاپالمىغان كىشىلەرگە بىباھا سەن «ئانا يۇرت».

قىممىتىڭدىن قىسمىتىڭ كۆپتۇر سېنىڭ شۇنچە ھەسسە،

ئەمما لېكىن يەنىلا شۇنچە مەغرۇر سەن «ئانا يۇرت».

سۈيۈپ ئوقار سېنى خەلقىم،مەزمۇنىڭ بولغاچ ئېسىل،

ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى سەن، گۈللە مەڭگۇ سەن «ئانا يۇرت».



مەنبە:قەلىمىم

ئۇيغۇر ئوغلى

جېجاڭ خاڭجۇ

2013-1-21









ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 88 شېئىرلار ياخشى چىقىپت.
tamken + 100 ئەھمىيەتلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 188   باھا خاتىرىسى

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2223
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7640
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈگرەپ يۈرەر ئوتتۇز ئىككى ھەرپ،
دوخمۇشلاردا قايمۇققان پېتى.
مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇر دەپ سورار،
تۇرسىمۇ گەر ئۇيغۇر دەپ ئېتى.

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرنىڭ ئىدى،
تۇرغان يېرى ئىچكەن سۈيىمۇ.
ئۇيغۇر تىلدا ئۇيغۇردىن تېنىپ،
كۆچەر نەگە ۋەتەن ئۆيىمۇ.

سۆزلەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تىلدا،
ھەجەپ تاندىم ئۇيغۇرلىقىمدىن.
يات ئەل ئۇچتى ئايغا مارىسقا،
يات ئەل كۈلدى كۆز كورلىقىمدىن.

ئىلىم بىلەن ئىمان-ئېتىقاد،
بىر تەن بىر روھ ئىشى ئىدىغۇ.
قاپقام قۇردۇم ئۆزۈمگە ئۆزۈم،
ھالىم مۇشۇ يات ئەت كۈلدىغۇ.

ھەركىم بېرەر ھىساپنى ئۆزى،
بۇ دۇنياغا سالمىغىن زۇلۇم.
ئەقىل -ئىلىم سەندىمۇ تاشار،
سەنمۇ ئىزدەن، ئۇچقىن ئۇيغۇرۇم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 77 بەك ياقتۇردۇم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 77   باھا خاتىرىسى

نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2223
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7640
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرلىرىڭىز ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ.

نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مىللىتىڭنىڭ نامى دىسە ئۇرغۇي دەيدۇ نۇمۇس قىلماي،

ئۇيغۇر دېگەن  نامىمىزنى دېيەلمىدى چۈشەنمىدىم


ئېسىل   ...ئېسىل

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92969
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى ئانا يۇرت دىگىنى ياخشى چىقىپتۇ،،..قالغانلىرىنى نەسىرى شەكىللگە ئۆزگەرتىپ تىلنى تېخىمۇ پۇشۇرۇپ ئاندىن قايتىدىن بىز بىلەن يۈز كۈرۈشتىرسىڭىز بولغۇدەك قېرىندىشىم،گىپىم مۇشۇنداق تۈزلا خاپا بولمىغايسىز

بىر ئەلنى قۇرۇش قىيىن  ئەمەس،لېكىن بىر ئەل بۇلۇپ تۇرۇش قىيىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12076
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ئېسىل  غەزەللەرنى ئوقۇپ بېرىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم . مەزمۇنى شۇنچىلىك ياخشى ئەمما غەزەل شەرىتلىرىنى تولۇق ھازىرلىيالماپتۇ ،سۆزلەر ئېغىر، قوپال...تىرىشىڭ

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1790 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن رەسمىي ئۆلچەملىك غەزەل بولوپتۇ.ئۇيغۇر شىئېريتىدىكى غەزەللەرنىڭ ئۆلگىسى بولۇشقا تىگىشلىك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 10:25 AM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kalamiy يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 10:07 AM
نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ئې ...

رەھمەت،كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بىرەرسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kalamiy يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 10:07 AM
نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ئې ...

مەن ئەمدى تېخى ئون يەتتە ياش دەڭە،تېخى شېئىرىيەت توغۇرلۇق ئەتراپلىق ئىزدىنىپ  باقمايلا شېئىر يېزۋاتمەن.ئاللا خالىسا چوڭ بولغۇچە تىرىشىپ ھەقىقىي قائىدىلىك شېئىر يېزىشقا تىرىشىمەن.

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 859
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10602
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 887 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قاچانمۇ ئىگە چىقارقىن تاڭ؟

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش