|
|
|
|
چوكانتال بايرىمى ھەققىدە -yultuzpari24
چوكانتال بايرىمى ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدائۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئەن ئەنىۋى بايرام ،ئۇ قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يېڭىيىل بايرىمى ،چاغان بايرىمى،پانۇس بايرىمى ،تاڭزوڭزا بايرىمى ،تاۋۇز چاغىنى قاتارلىقبايراملارغا ئوخشاش مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى. ئادەتتە بۇ بايرام مىلادىيە كالىندارىبويىچە 4-ئاينىڭ 5- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ بايرام مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ 4-ئاينىڭ 5- كۈنىدن 10كۈن بۇرۇن باشلىنىدۇ ياكى شۇ كۈندىن 10كۈن كېيىن ئاياقلىشىدۇ .مۇشۇئارىلىقتىكى 10-12كۈننىڭ ھەممىسى چوكانتال بايرىمى مەزگىلى بولىدۇ. چوكانتالبايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى قەدىمقى زاماندىكى خانلىقنىڭ سالغۇنىنىڭ قەبرىنىسەجدە قىلىش رىۋايىتىدىن تارقالغان بولۇپ،كېيىن خەلق ئارىسىدا ئاشۇ سالغۇننى دوراپ شۇكۈنى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈپ نەزىر چىراق قىلىدىغان ئەھۋال بارلىققا كېلىپ ، تارىختائۆتكەن سۇلالىلەرمۇ بۇ ئەنئەنىگە ۋارسلىققىلىپ، بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇقىم ئۆرپ ئادىتىگە ئايلانغان. بۇبايرامنى ئاساسلىقى ئېلىمىزدىكى خەنزۇلارنىڭ ئەن ئەنىۋى بايرىمى دىيىشكە بولىدۇ. چوكانتالبايرىمىدىن كېيىن يامغۇر كۆپ ياغىدۇ ،يەر زىمىن باھار تۈسىگە كىرىپ دىكراتسىيەكەبى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ.بۇ مەزگىلدە بارلىق مەۋجۇداتلار كونا كىيىمىنى سېلىپيېڭىچە قىياپەتكە كىرىپ،مەيلى تەبىئەتتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بولسۇن ياكىتەبىئەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپتۇرىۋاتقان ئادەملەر بولسۇن ھەممىسى قىشلىق تونىنى تاشلاپ باھارنىڭ پەيزىنىسۈرىدۇ.
قەدىمدە چوكانتال بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىسوغۇق تائام بايرىمى دەپ ئاتالغان .سوغۇقتائام بايرىمىدا كىشىلەر ئۆيىدە ئۈچ كۈنئوت ياقماي ئالدىن تەييارلاپ قويغان سوغۇق يىمەكلىكلەرنى يەيدۇ. كېيىن تەدرىجىھالدا چوكانتال بايرىمى بىلەن سوغۇق تائام بايرىمى بىرلىىشپ كەتكەن .تاڭ سۇلالىسىدەۋرىدە كىشىلەر سوغۇق تائام بايرىمى كۈنى قەبرە سۈپۈرگەن ،سوڭ سۇلالىسى دەۋرىگەكەلگەندە ئۆزگۈرۈپ قەبرە سۈپۈرۈش چوكانتال بايرىمى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان .
رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە شيا دەۋرىدە ئۆتكەنبىر پادىشاھ تاشقىن سۇنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ،كىشىلەر "چوكانتال" سۆزى بىلەن تاشقىن ئاپىتىنىڭتىزگىنلەنگەنلىگىنى تەبرىكلەپ،پۈتۈن ئالەمنىڭ تىنچلىقىنى تىلىگەن .بۇ ۋاقىت دەل گۈللەر ئېچىلىپ، پۈتكۈل كائىنات ئويغۇنۇپ،يەرجاھان جانلىنىپ، كۆكلەم سەيلىسى قىلىدىغانياخشى پەسىلگە توغرا كەلگەن.كۆكلەم سەيلىسى قىلىش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلاباشلانغان بولۇپ،تارىختىن بۇيان داۋااملىشىپ ئۆرپ ئادەتكە ئايلانغان .كۆكلەمسەيلىسىدە تەبىئەتتىكى تاغ دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىشپائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ مەنىىۋى تۇرمۇش بېيىتىلغان.
چوكانتال بايرىمىدا قەۋرە سۈپۈرۈش مودابولۇپ،قەبرە سۈپۈرۈش ئەمەلىيەتتە چوكانتال بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى سوغۇقتائام بايرىمىنىڭ مەزمۇنى.تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شۈەن زوڭ مىلادى 720 –يىلىسوغۇق تائاملارنى قەبرىگە ئەپچىقىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن .سوغۇق تائامبايرىمى بىلەن چوكانتال كۈنى ئۇلىنىپلا كەلگەچكە كېيىنچە تەدرىجى ھالدا چوكانتالكۈنى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىنى سۈپىرىدىغانئادەت شەكىللەنگەن .مىڭ ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىلىرىدە قەبرە سۈپۈرۈش تېخىمۇ داغدۇغۇلۇق كاتتا ئېلىپ بېرىلغان.قەدىمدە قەبرە سۈپۈرگەن كۈندە بالىلار لەگلەكئۇچۇرۇشقان.بەزى لەگلەگلەرنىڭ ئۈستىگە بامبۇكتىن ياسالغان كىچىك نەينى ئورنۇتۇپقويۇپ ،شامالدا ئۇچقاندا لەگلەكلەر مۇڭلۇق ئاۋاز چىقارغان. لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدەچوكانتال بايرىمى ناھايىتى مۇھىم بايرام دەپ قارىلىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتبېرىلگەن.يۇقۇرىسى ئوردىدىكى پادىشاھ ۋەزىر ۋۇزرالاردىن تارتىپ تۆۋىنى ئاۋامپۇقرالارغىچە ئىلەڭگۈچ سېلىپ ئوينۇشۇپ ،قىز يىگىت نەۋرە چەۋرىلەر يىراقتىن كېلىپجەم بولۇشۇپ بىللە كۆلەم سەيلىسى قىلىشقان. چوكانتال بايرىمىدا يەنە كىىشلەرئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن نۇرغۇنلىغانئۆرپ ئادەتلەر بار بولۇپ ئېلىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا قەبرە سۈپۈرۈش، ياۋائۆسۈملۈكنىڭ شەربىتىنى چىقىرىپ ئېتىلگەن يېشىل كۇمۇلاچ يىيىش، باھار سەيلىسىقىلىش، لەگلەك ئۇچۇرۇش،سۆگەت شاخچىلىرىدىن باشلىق ياساپ كىيىۋېلىش قاتارلىق ئۆرپئادەتلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن .سۆگەت شاخچىلىردا باشلىق ياساپ كيىۋېلىش ياشلىققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ،قىز يىگىتلەرنىڭياشلىققا قەدەم قويغانلىقىنى ،ياشلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 04:13 AM
|
|
|
|
|
|