1elkelem يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 04:41 PM 
ئۇكام مېنىڭ گەپ چۈشەنمەيدىغان شوشماق بالىلار بىلەن پ ...
ئۇندا شۇ تېمىنى يازغان كىشىنىڭ تېما مەنبەسىنى سىز يوللاپ قويمامسىز،
ئۇيغۇرلار تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈنلا مايمۇنغا، سۇنۋۇكوڭغا ئوخشىتىۋېلىشنى كىم يازغان تارىخ ئۇ؟
شۇنىڭغا ئائىت بىر نەرسە تاپالمىغاچ، ھەم بۇنىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ماتىرىياللارنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ھەم ئۇ تېما ئىگىسىنىڭمۇ شۇ تېما مەنبەسىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ يازغىنىنى ئىلمىي ئىسپاتى يوق پەرەز دەپلا بىلدىم.
بۇ تېمىدا يېزىلغان ئىشنىڭ تارىختا بايان قىلىنمىغان ئىش ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتۈپسىز، مانا مۇشۇنداق ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى بىلىدىكەنسىزغۇ.
شۇندا تۇرۇپ ئۇ شەپەرەڭنىڭ باشتىكى تېمىسىدا نورۇزنى بىدئەتكە چىقىرىشقا كۈچۈنۈپ، نورۇزغا مىنگەن شەيتان دىگەن تېمىسىنى قوللىدىڭىز.
بىز ئۇ تېمىسىدىن نورۇز بىدئەت دىيىشكە چۇشلۇق قايىل قىلارلىق يەرلىرىنى تاپالمىدۇق، ئۇنىڭ ئۇ تېمىسى بىزلەر تېخى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ياكى بىزگە ئوقۇش نېسىپ بولمىغان تارىخنى قالقان قىپ تۇرۇپ، ئۇ تارىخنى ئۆز ھىسسىياتى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇ تېمىسىنى دىنىي جەھەتتىكى سۆز ئىبارىلەر بىلەن پەدازلاپ، ئۆزىنى خۇددى پەيغەمبەر ئەۋلىيا ھىساپلاپ قالدىمۇ نورۇزنى بىدئەت دەپ، يوقتىن پەتىۋا پىچىپ، نۇرغۇن بۇرمىلاش ۋە قايمۇقتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (ئۇ تېمىسى بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.)
پەيغەمبىرىمىز نىمىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، بەندىلەرگە پەقەت شۇنى بىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە قالدۇرغان تۇرسا، ما يەردە بىرسى بەندە تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا پەتىۋا پىچىپ كەتسە، سىزنىڭ ئۇنى قوللىغىنىڭىز توغرىمۇ؟
ئۇ تارقاتقان مەنبەسى يوق، ئەپسانىدەك رىۋايەتتەك نەرسىلىرىگە ئىشىنىپ ئۇنى قوللىغىنىڭىز توغرىمۇ؟
بۇ تېما ئىگىسى بولسا بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋېلىش ئۈچۈن تېما يازغىنى بولماپتىمۇ؟
ئۇ شەپەرەڭ ئاشۇ تارىخنى نەدىن كۆچۈرۈپ يېزىۋاتىدۇ؟ سىز بىلەمسىز؟ سىز نىمىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئەپسانىلىرىگە ئىشىنىپ، بۇ يەردە بولسا شۇنداق ئەپسانىلەر بولغانمۇ دەپ، بىلىشنى ئىزدەۋاتقانلارغا رەددىيە بېرىپ كەتتىڭىز؟
سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز قانداق ماتىرىيال، ئۇ تېما يازغاننىڭ كۆرگىنىچۇ؟
سىز باشتىلا بۇ تېمىدا دىتيىلگەندەك ئىش بولمىغان دەپلا ئىسپات كۆرسەتسىڭىز گەپ تۈگەيتتى.
راست-يالغان ئەپسانە تارقاتقانلارنى قوللاپ، راست يالغىنىنى بىلمەكچى بولغانلارغا بىر نەرسە دىيىشىڭىز نىمە سەۋەپتىنكىن.