كاككۇك بىلەن زەينەپ
ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تارىختىن بۇيان يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەن ئورتا ئاسىيا ۋەئورتا شەرق كىشىلىرى ئارىسىدا ئورتاق تارقالغان يۈسۈپ بىلەن زىلەيخا ، پەرھاتبىلەن شېرىن،لەيلى بىلەن مەجنۇن،غېرىپ بىلەن سەنەم،تاھىر بىلەن زوھرا،ۋامۇق بىلەنئۇزرا،رابىيە بىلەن سەئىدىن شەرق تارىخىدىكى مەشھۇر 7 ئاشىق-مەشۇقلاردۇر،ئۇلار ئۆزسۆيگۈسىنى ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بىلەن جۈپلەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىيىنكىلەر ئۈچۈنئۆچمەس مەنىۋىي زوق ۋە گۈزەل تەربىيۋىي ھىكايەتلەرنى قالدۇرغان.
چۆچەكلەردەكاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ مۇھەببىتى ۋىسالىغا يىتەلمىگەن ئەنە شۇنداق ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ.
ئەلقسسە،بۇرۇنننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر يىگىت بىر قىزغا كۆيۈپ قاپتۇ، يىگىتنىڭ ئىسمى كاككۇك،قىزنىڭ ئىسمى زەينەپ ئىكەن، قىز دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا ئولتۇرىدىكەن،يىگىت بىلەن قىز پەقەت بىر يىلدىكى بىرلا پەسىلدە بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلەيدىكەن،يىگىت جۇدالىققا تاقەت قىلالماي دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ مەشۇقى بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپتۇ، دەريانىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئۈزۈپ بارغاندا تۇيقىسىز كەلگەن قىيان يىگىتنى ئېقىتىپ كىتىپتۇ، شۇندىن بېرى قىز يىگىتنى ئىزلەپ دەريا بويىدا ئۇياق-بۇياققا مىڭىپ توختىماي «كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...» دەپ چاقىرىدىكەن، يىللار ئۆتۈپتۈ،ئاللاھنىڭ قىزغا رەھمى كىلىپ ئۇنى قۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ، قىز دەريا ۋادىسىدائۇچۇپ يۈرۈپ ئاشىغىنى ئىزلەپ «كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...» دەپ سايرايدىكەن،تا قىيامەتكىچە زەينەپ يىگىتىنى ئىزلەپ شۇنداق سايراپ چىقارمىش، ئىنسانىيەت بۇ بىرجۈپلەرنىڭ سەزگۈرەشتىسىنى 7 ئاشىق-مەشۇق بىلەن بىللە تىلغا ئىلىپ كىيىنكىلەرگەقالدۇرۇپتۇ، شۇغىنىسى كىشىلەر ۋاپادار زەينەپنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ ، كاككۇكنىڭ پىراقىدا يۈرىگى لەختە-لەختە بولغان زەينەپنى كاككۇك دەپ بىلىدىغان بولۇشۇپتۇ....ئەسلىدەبۈگۈن بىز كاككۇك دەپ ئاتىغان قۇش ۋاپادار قىز زەينەپ ئىكەن......
…………………..
ئىسلامدابىر ئاشىقنىڭ سۆيگۈنىگە قارىتا ئىسلام چەكلىگەندىن ئارتۇق تەلەپتە بولماي ياشاپ،مۇبادا ۋىسالىغا يىتەلمەي ئۆلۈپ كەتسە ئۇ ئاشىقنىڭ دەرىجىسىنى شەھىدلەر قاتارىدىندەپ ساناشلار بار.
بوۋىلار«يۈزۈڭدىن پەردىنى ئالغىن جامالىڭنى كۆرەي دىلبەر» دەپ ناخشا توۋلىشاتتىكەن، مانابۈگۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ يۈزىدە پەردە-ھىجاپمۇ يوق، ئاشىقلىرى ئۇنداق دەپ ناخشاتوۋلاپمۇ يۈرمەيدۇ،ئەكسىچە ئەقلى بارلىرى « يۈزۈڭگە پەردىنى سالغىن، كىيىمنىئۇزۇنراق كەيگىن، ھايايىڭنى كۆرەي دىلبەر» دەپ ناخشا توۋلاپ يۈرۈپتۇ.
ياشلارئارىسىدا نىكاھ ۋە مۇھەببەتكە بىر قۇر كىيىمگە مۇئامىلە قىلغاندەكمەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارايدىغانلار كۆپەيمەكتە.شۇنىڭغا ماس ياشلار ئارىسىدائاجرىشىشمۇ شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە، بۇ دەۋر «ئاشىق-مەشۇق»لۇق ياشلىرىمىزتەرىپىدىن دەپنە قىلىۋىتىلگەن دەۋردۇر!...
بۈگۈنكىياشلار زاۋالدا «تىپىشىپ» خۇپتەندە «ۋىسالىغا» يىتىشىپ، سەھەردە بىر-بىرىنى«ۋاپاسىز»، «بۇزۇق» دەپ تىللىشىپ ۋىدالىشىدۇ....
ئىسلاممەدەنىيىتىنىڭ شەرمى-ھايا سىپىلىنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن غەرەزلىك ئىشلىنىۋاتقانھوللىۋودنىڭ شەھۋانىي كىنولىرى ياشلىرىمىزنىڭ ئېڭىدىن لەيلى-مەجنۇن، غىرىپ-سەنەم،يۈسۈپ-زۈلەيخالارنىڭ گۈزەل ئوبرازلىرىنى تەلتۆكۈس چىقىرىپ تاشلىدى، بۈگۈنكىياشلىرىمىزغا نىسبەتەن «مۇھەببەت» دىمەك تەشنالار خالىغان يەردىن سىتىۋىلىپ بىمالالئىچىدىغان كوكاكولاغا ئايلاندى.نىكاھ بولسا كوكاكولانىڭ كىرەكسىز قۇتىسىغائايلاندى.
پەرھاتتىكى قەيسەرلىك،شىرىندىكى ۋاپادارلىق، غىرىپتىكى غۇرۇر، سەنەمدىكى پىداكارلىق،مەجنۇندىكى ئۆزىنى بىغىشلار روھى، لەيلىدىكى پەزىلەت، يۈسۈپتىكى شەرمى-ھايا، زۈلەيخادىكى ئوتلۇق ئېشق،تاھىردىكى ئىنتىلىش،زۆھرەدىكى قەدىرلەش، رابىيە بىلەن سەئىدىندىكى قۇربان بىرىش روھى، ۋامۇقبىلەن ئۇزرادىكى پاكلىق... يۇرتمىز ياشلىرى ئېڭىدا ئاتىلار نەسىھەتلىرىدىن قالغان يارقىنلىقىنى يوقاتتى.
ئۇلارئۈچۈن كاككۇك بىلەن زەينەپتەك بىر-بىرىگە باغلانغان ۋاپادارلىق ئەقىدىسى «ساراڭنىڭ ئىشى» بولۇپ قالدى.
كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...
ئىھۋاپادار زەينەپ!...
سەن بۈگۈنمۇ جەنۇپنىڭ توپىلىق يوللىرى بويىدىكى سىپىلدەك ھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يىشىللىقلاردا ئاشىغىڭ كاككۇكنى ئىزلەپ ۋاپادارلىق مىلودىيەسى ياڭراتماقتا سەن!...
كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...
ئىھ غۇبارسىزدىلبەر!...
سىنىڭ پاك مۇھەببىتىڭ تا قىيامەتكىچە ئۆمۈر كۆرگۈسى!...
كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...
ئىھئويغاق مەشۇق!...
دېلى ئۆلگەنلەرېنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ھەر ئۆتكىنىڭدە كاككۇك!...كاككۇك!...كاككۇك!...دەپ چاقىرغايسەنكى، نەپس قۇربانلىرى شەھۋەت ئالۋۇنلىرىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،ئېشق بوستانىغا قايتىپ كەلگەي!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 09:00 PM