ھەرگىز مائاش ئۆسمىسۇن
لىۇ يۇ
دولان تەرجىمىسى
باشقىلارنىڭ مائاش تۇۋەن دەپ ئاغرىنغانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى مائاش قاتلىمىدىكىلەر بەش يىللىق مائاشقا بىر يۇرىش ئۆي سەتىۋالالايدۇ، بىراق دۆلىتىمىزدىكى مائاشلىقلار يىمەي-ئىچمەي 15 يىل پۇل يىغسىمۇ بىر يۇرىش ئۆي سەتىۋالالمايدۇ، كەمىنە قەلەم ئىگىسى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالنى تەكشۇرىپ كۆرمىگەچكە، يوقۇرقى قارىشىم ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ بىلمەيمەن، بىراق شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماپتۇ دىگەندەك، مائاشلىقلارنىڭ ئاغرىنىشى ئاساسسىز بولمىساكىرەك.
ئەمىلىيەتتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتنى ئۆزارا سەلىشتۇرىش ئاقىلانىلىق ئەمەس، بىزنىڭ تۇزىلمىمىز ئوخشىمايدۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كاپىتالىستىك تۇزىمدە، بىز سوتسىيالىستىك تۇزىمدە، بۇ تەرىپى ناھايىتى مۇھىم ئەلىۋەتتە.
كەمىنە پېقىر مائاشقا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ئادەم، مەنمۇ مائاشنىڭ ئۇسىشىنى ئارزۇ قىلساممۇ، بىراق مائاش ئۆسىشكە بولغان قارىشىمنى شۇكى، ھەرگىز مائاش ئۆسمىسىكەن دەپ قارايمەن.
ب ۇنداق دىيېشىمدە، ئاتا-ئانىمىز دائىم بىزگە، ئىلگىرى ھەر ئايدا 30-40 يۇەن مائاش ئالسىمۇ، تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى كۆڭىللىك ئۆتىدىغانلىقېنى سۆزلەپ بىرەتتى. بىز ھازىر گەرچە 2000 يۇەندىن ئارتۇق مائاش ئالساقمۇ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ جىددىيلىكىدىن، بەك چارچاپ كىتىمىز، پۇل چىقىم قىلىشتا تىترەپ تۇرىمىز، بۇنى مائاش ئالمايدىغانلار ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بىزنىڭ مائاشىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولسىمۇ،بىراق چىقىممۇ ئىنتايىن كۆپ. مائارىپ چىقىمىنى ئالساق 60-،70- يىللاردا مائارىپ چىقىمى ئىنتايىن تۇۋەن ئىدى، ئۇ يىللاردا گەرچە مەجبۇرىيەت مائارىپى بولمىسىمۇ،بىراق ھەر مەۋسۇملىق ئوقۇش پۇلىغا 0.5-1 يۇەنگىچە ئالاتتى، ھەر مەۋسۇملىق كىتاپ-ماتىرىيال پۇلىمۇ 10 يۇەنگە بارمايتى، ئالىي مەكتەپمۇ ھەقسىز بولۇپ، ئوقۇش پۇتتۇرسىلا خىزمەتكە تەخسىم قىلاتتى. بىراق ھازىر بىر بالىنىڭ يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇشى ئۇچۇن نەچچە يۇزمىڭيۇەن كىتىدۇ، بۇ چىقىم ئەر-خۇتۇن مائاشلىقلارئۇچۇنمۇ بەكمۇ ئېغىر چىقىم، مائاشسىزلار ئۇچۇن پەرزەنتىنى ئوقۇتىش نۆۋەتتىكى ھەقىقەتەن قىيىن مەسىلە، ئەگەر بىر ئائىلىدە بىرەرسى ئېغىر كىسەل بولۇپ قالسا شۇئائىلە ۋەيران بولىدىغان جەمىيەتتە ياشاۋاتىمىز.
مائاش ئۆسىشكە كەلسەك ھەقىقەتەن كىشى كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائاش ئۆسىدىكەن دىگەنگەپ تارقالسىلا، دەرھال مال باھاسى ئۆسىۋاتىدۇ، ئەكسىچە مائاش ئۆسمەي، مال باھاسى چۇشمەيۋاتىدۇ. ھەر يىلى يېڭىيىل كىرسىلا مائاش ئۆسىدىكەن دىگەنگەپ تارقىلىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسىشى بىرخىل قانۇنىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسىشى مائاشلىقلارقاتلىمى ئۆي سەتىۋالالمايدىغان ئىجتىمائى ھادىسە پەيدا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەممەئادەم پۇل تېپىش ئۇچۇن، ھالال-ھارامنى ئايرىمايدىغان، پۇرسەت بارلىرى ھۆكۇمەتنىڭ مۇلكىنى ئوغۇرلايدىغان ئەھۋال ئېۋىج ئېلىپ، ئىقتىسادىي جىنايەت كۇندىن-كۇنگە ئېشىپ بەرىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن مەن دەيمەنكى، مائاش ئۆسىش-ئۆسمەسلىك مۇھىم ئەمەس، مال باھاسى ئۆسمىسە دەيمەن، چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە مال باھاسى دىگەن بۇ نەرسە ئۆسىۋالسا قەتئى چۇشمەيدىكەن ئەمەسمۇ!، ھەر قەتىم مال باھاسى ئۆسسە پۇلنىڭ قىممىتى بىر قېتىم تۇۋەنلەپ، ئاۋامنىڭ باش ئاغرىقى ئېشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە يېقىنقى يىللاردامائاشنىڭ ئۆسىشىمۇ تەكشىسىز بولۇۋاتىدۇ، مائاشنىڭ قوشۇلىشى جەھەتتە يوقۇرىغا كۆپ،تۇۋەنگە ئاز، ئەمەلدارغا كۆپ، پۇخراغا ئاز قۇشىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز« چوڭ شەھەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى يوقورى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى تۇۋەن، ئەمەلدارنىڭ چىقىمى كۆپ، پۇخرانىڭ چىقىمى ئاز » دىگەن پەلىپەتىش پىرىنسىپنى دەستەك قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى مائاشلىقلار قاتلىمى، يوقۇرى مالباھاسى بىلەن تۇۋەن مائاش كىرىمى ئوتتۇرىسىدا جان تالاشماقتا.
كەمىنە قەلەم ئىگىسى شۇنداق مۇراجەت قىلىمەنكى، سەن مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى كونتۇرىل قىلالمىغان ئىكەنسەن، مائاش ئۆسىدۇ دىگەن يالغاننى ھەرگىز تارقاتما، چۇنكى مائاش ئۆسكىچە مال باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسىۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى مائاش ئۆسىش سەۋىيىسى مال باھاسىنىڭ ئۆسىش سەۋىيىسىگە مەڭگۇ يېتىلمەيۋاتىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى بۇنداق تەتۇر قىينىماڭلار!
مەنبە:
http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=5978
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 07:05 PM