ئەنگىلىيەدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن:بىر كۈنى بىر كەمبەغەل ئاتلىق سىرىتقا چىقىپتۇ.چۈش مەزگىلى بولغاندا بىر جايدا چۈشۈپ ئېتىنى بىر دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ،ئۆزى ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا باشلاپتۇ.بۇ چاغدا بىر باي كىلىپ،ئۇمۇ ئېتىنى شۇ دەرەخكە باغلاپتۇ.
-ئېتىڭىزنى ئۇ دەرەخكە باغلىماڭ،مىنىڭ ئېتىم كۆنمىگەن شاشراق ئات،ئېتىڭىزنى تىپىپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن،-دەپتۇ ھېلىقى كەمبىغەل ئادەم.
-ئېتىمنى قەيەرگە باغلىغۇم كەلسە،شۇ يەرگە باغلايمەن،-دەپتۇ ھېلىقى باي.شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ئاشۇ دەرخكە ئېتىنى باغلاپتۇ-دە،ئولتۇرۇپ غىزالانغىلى تۇرۇپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئاتلىرى قورقۇنۇشلۇق كىشنەپتۇ،ئاتلارنىڭ تىپىشىۋاتقانلىغىنى كۈرۈپ يۈگۈرەپتۇ،بىراق ئۈلگۈرەلمەپتۇ، قارىسا باينىڭ ئېتى ئۈلۈپ قاپتۇ.-ئېتىڭنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆردۈڭمۇ،ئەمدى ئېتمنى تۆلە،-دەپتۇ ھېلىقى باي كەمبىغەلنى سوتقا سۆرەپ.
-ئېتىڭ راستىنلا ئۇنىڭ ئېتىنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويدىمۇ؟-سوراپتۇ سوتچى كەمبەغەلدىن.
كەمبەغەل جاۋاپ بەرمەپتۇ.سوتچى كەمبەغەلدىن يەنە بىرمۇنچە نەرسىلەرنى سوراپتىكەن،كەمبەغەل لام-جىم دىمەي تۇرىۋاپتۇ.
-ئەمدى بۇنىڭغا نىمە ئامال،ئۇ گەپ قىلالمايدىغان گاچا بىر نىمىكەن،-دەپتۇ سوتچى ئىلاج قىلالماي.
-مەن باياتىن ئۇنى كۆرگنىمدە،ئۇ ماڭا گەپ قىلغان ئىد،-دەپتۇ ھېلىقى باي ھەيران قالغان ھالدا.
-راسىت گەپ قىلغانمۇ؟ئۇ نىمە دىگەن؟
-ئەلۋەتتە راست،ئۇ،ئېتىڭىزنى ئۇ دەرەخكە باغلىماڭ،مىنىڭ ئېتىم كۆنمىگەن شاشراق ئات،ئېتىڭىزنى تىپىپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن،دىگەن.
-ماۋۇ گەپنى قاراڭ!-دەپتۇ سوتچى،-مۇشۇ بۇيىچە بولغاندا،سىزنىڭ دەۋا قىلىشىڭىز يولسىزلىق بۇپتۇ،چۈنكى ئىشتىن بۇرۇن ئۇ سىزنى ئاگاھلاندۇرغانىكەن،ئەمدى ئۇنىڭ سىزگە ئات تۆلەپ بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ چاغدا سوتچى كەمبەغەلگە بۇرۇلۇپ،ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن سورالغان گەپلەرگە جاۋاپ بەرمىگەنلىگىنى سورىغان ئىكەن،كەمبىغەل مۇنداق دەپتۇ:
-مەن سىزنىڭ بايلارنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى،كەمبىغەلنىڭ بىر ئېغىز گىپىگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم.بۇ بىر سەۋەپ.يەنە بىر سەۋەب،ئىشنىڭ جەرياننى ئۇ ۆزى سۆزلىسۇن دەپ جىم تۇرىۋالدىم.مانا قاراڭ،كىمنىڭ ھەق،كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىگى ئايدىڭلاشمىدىمۇ؟!
مەنبە:‹‹ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھىكايىلەر››
قىزىقساڭلار داۋاملىق تېما شەكلىدە يوللاپ تۇرىمەن،باللىرىڭلاغا،ئىنى سىڭىللىرىڭلاغا ئۇقۇپ بىرەرسىلە