ئاپتۇرى: تۈن لېرىكىسى
ئۆشبۇ شېئرنى دوستۇم قاراسۇنىڭ 3.21.ئاتۇش قاراسۇ نورۇزغا تەكلىپ بىلەن قاتناشماقچى بولۇپ ئېزىز يۇرتى ئاتۇشقا ماڭغاندا بىز كونا دوستلار ئۈرۈمچىدە تاساددىپى ئۇچرىشىپ قالدۇق
دوستۇمنىڭ يۇرت سۆيگۈسىگە ئاپرىن ئىيتماي تۇرالمىدىم.
تۆۋەندىكى شېئرىمنى رۇستەم قاراسۇ دوستۇمغا بېغىشلايمەن.
دىدارىڭنى ئوخشاتتىم يۇرتقا
دىدار نىسپ بوپتۇ بۈگۈن جىنىم دوستۇم،
شۇنچە يۇرتنى ئاتلاپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە.
ئايلانغاندەك بولۇپ قالدىم سۆزلىرىڭدىن،
ئاتۇشۇڭنىڭ قايناق بازار يۇرت ئىچىدە.
نورۇز ئۈچۈن ئاتلنىپسەن يۇرتۇڭ تامام،
خەيىرلىك ئىش بولماس بەلكىم بۇندىن بۈلەك.
ئاتۇشلۇقلار پۇللا دەيدۇ بىلەلمىدىم،
شېئر دەيدۇ ئەمما سەندە يانغان يۈرەك.
ئۆزگە يۇرتتا بولساڭمۇ گەر قەلىمىڭدە،
كۈيلەپ تۇردۇڭ ئاتۇشۇڭنىڭ ياز-قىشىنى.
مەمنۇن بولدۇم سەندىن بەتەر خەلىقىڭدىن،
سۆزلەپ بەرسەڭ ئەلنىڭ بەرگەن ئالقىشىنى.
چىن پۈتمەيمەن يېلتىزىمنى ئاتۇش دىسە،
ئىلخۇنىڭ سۈت قايمىقى ئەر قىلسىمۇ.
ئەنجۈرىڭگە ئوخشاتمايمەن ئۆزگە يۇرتتا،
قوغۇن-تاۋۇز،ئالتۇن-كۈمۈش زەر تىلسىمۇ.
بىر بارماقنى ئارزۇ قىلىپ يۈردۈم شۇڭا،
شىرىن مېۋە ئۈزگۈم كېلەر باغلىرىدىن.
يىلتىزىمدىن قالغان خۇيۇم تۇتۇپ قالسا،
سودا-سېتىق قىلغۇممۇ بار بازىرىدىن.
سالام دەپ قوي ئارمىنىنى بىللە يەيمەن،
ئېتىزلاردا ئەمگەك سۆيەر خەلىقىنىڭ.
ئەلدىن ئاۋال تەبرىكلەيمەن نورۇزىنى،
ئاستىن ئاتۇش.ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ.
نىياز ئەلى ئادىل تۈن لېرىكىسى
2013.3.17.كۈنى ئۈرۈمچىدە دوستۇم قاراسۇ بىلەن دىدارلاشقاندىن كىيىن يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 07:07 PM