مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم

ۋىسالىڭغا تەلمۈرگەچ يۈرەك ،
گۈللەر ئارا ئىزلەيتى كۆزۈم .
سېنى تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،
تاپالمىدىم ئۆزەمنى ئۆزۈم .

مۇھەببىتىم چاقنايتى كۆكتە،
سەن باغرىمدا ئاچقاندا چېچەك.
سېنى ئىزلەپ قالدىم ئادىشىپ ،
يوك تۇرىدۇ تېنىمدە يۈرەك .

تاللاپ سېنى ئۆزۈمگە ھەمرا ،
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.
ھاياتىمغا يانداش بولسۇن دەپ،
ساڭا زەينەپ ئىسمىنى قويدۇم .

سېنى ئىزلەي ئۆزۈمنى تاشلاپ ،
سەنسىز مەننىڭ نېمە كېرىكى .
سەن تېپىلساڭ ئىزلەي ئۆزۈمنى،
بولغاچ سەندە مەننىڭ يۈرىكى .

مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قوۇدۇم،
مەھەللەڭدىن تاپتىڭمۇ مېنى .
تېپىپ بەرگىن ئۆزۈمنى ماڭا ،
ئاندىن ئىزلەي بىرگە بەخىتنى .

باغراش كاككۇكى...
2013.03.24
شەھرى--ئۈرۈمچى