مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1360|ئىنكاس: 30

ئەقىل يامانمۇ كۆڭۈلمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 02:03:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ:
_ بولدى قىلايلى، بەرىبىر ئىشىمىز باشقا چىقمايدۇ، _ دېدى.
مەن ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنى بىلەتتىم. لېكىن بۇنداق تېز دەپ قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
ئادەم ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنىمۇ يامان تەرىپىنىمۇ ئويلىشى كېرەك. شۇڭا مەن ئەقىل بىلەن ھېسسىيات يەنى كۆڭۈل ئارىسىدا تەمتىرەپ قالدىم. ھامان ئىشلارنى ئەقىل بىلەن ئويلاپ كېلەتتىم كۆڭلۈم بۇ جەھەتتە ماڭا 200 پىرسەنت قايىل ئىدى شۇنداقلا ماڭا قول قوياتتى. ھەر دائىم بېشىنى ئېگىپ قوللىرىنى جۈپلەپ ماڭا تازىم بېجا كەلتۈرۈپ بۇيرۇقۇمنى كۈتەتتى. مەن ئەقىلنى قايرىپ قويۇپ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن مەغرۇر ئىدىم. گوياكى تىيانشان تاغلىرىدەك.
لېكىن...
شۇ چاغدا مەن ئىككىلىنىپ قالدىم. زادى ئەقىلگە بويسۇنۇش كېرەكمۇ ياكى كۆڭۈلگىمۇ؟
مەن ئەقىلنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇنىڭدىن ياخشى مەسلىھەت ئېلىشقا كۆزۈم يېتەتتى.
بارسەم ئۇ تاماكا چېكىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. سورىدىم:
_ قىماردا ئۇتتۇردۇڭما؟
_ ھەئە، _ دېدى ئۇ.
مەن كىمگە ئۇتتۇرغانلىقىنى پەرەز قىپ بولدۇم. بۇ ئىنتايىن ئاسان چۈنكى ئەقىلنىڭ كۆڭۈلدىن باشقا قىمارغا  يارىغۇدەك بۇرادىرى يوق.
_ بۇنداق دېمە! _ دېدىم مەن زەردە بىلەن، _ سەن تالاي يىللاردىن بېرى مېنى غەم - ئەندىشىدىن، چۈشكۈنلۈكتىن، ئۈمىدسىزلىكتىن، يالغۇزلۇقتىن...قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇق ئەمدى ئاشۇ قىز بالىغا ئۇتتۇردۇڭما؟
_ ياق، ئۇتتۇرغىنى سەن! _ دېدى ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي، _ ئىقرار بولغىن! سەن ئۇ قىزنى كۆرگەن چاغدىن باشلاپ مېنى تاشلىۋەتتىڭ! مەن ساڭا نەسىھەت قىلاي دېسەم ئۆزۈڭ ‹‹سەن تېخى كىچىك، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيسەن...›› دەپ مېنى قوغلىۋەتتىڭ. ئەمدىلىكتە مېنى نېمە قىلسۇن دەيسەن؟
مەن ئويلىنىپ قالدىم. ھەقىقەتەن ئۇ قىزنى كۆرگەندىن باشلاپ مەن ئەقىلنى قايرىپ قويغان ئىدىم. ئەقىل ماڭا ھەردائىم ھەمرا قاچان چاقىرسەم شۇ چاغدا كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. شۇئان كۆڭۈلنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ گاڭنام ستايلىغا چۈشۈپتۇ.
_ ھەجەپ خوشالغۇ سەن؟
_ ھە... سەنمۇ كەلمەمسەن؟ بىرگە ئوينايلى!
_ سەن بىلەن مەسلىھەتلىشەي دەپ كەلدىم. ئۇ قىز بىلەن ئىشقا باشقا چىقمىغۇدەك لېكىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىمەن، _ دېدىم مەن بېشىمنى سېلىپ خۇددى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغاندەك.
_ ياخشىغۇ؟ مەن قاچانغىچە ساڭا ئۇتتۇرىمەن. غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇن! ئوپپا گاڭنام ستا!
ئۇ يەنە ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.
...
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن. مەن ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم، ياقىسغا ئېسىلدىم، يىغلاپ باقتىم، ئۇرۇپ باقتىم، تىللاپ باقتىم...ئۇ جىڭ بىر دۆشىكەن...
ھېچنېمە ئۆتمىدى.
ئاخىرىدا ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ قالدىمۇ مۇنداق بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قالدى:
_ مەن ساڭا دەي، مەيلى ئەقىل بولسۇن ياكى مەن بولاي بىز سېنىڭ ئىككى ۋەزىرىڭ، ساڭا بويسۇنىمىز لېكىن قايسىمىزغا يېقىن بولسا شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىڭ كېرەك.
_ بىلىمەن، _ دېدىم مەن ۋارقىراپ تۇرۇپ.
_ ئەمسە سەن گېپىمنى ئاڭلا! ھېچكىم ئەقىل بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بەختلىك بولغان ئەمەس. سەن ئۇتتۇردۇم دەپ چۈشكۈنلەشمە! نەچچە يىلدىن بېرى بۇرۇقتۇرما بوپ ئۆتكەن كۆڭۈلنى ئاخىرى ئازاد قىلدىڭ! ياخشى كۆرسەڭ يامان كۆرسەڭ بىز ساڭا بويسۇنىمىز! لېكىن ئىقرار بولغىنكى سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ. ئەقلىڭ بىلەن ھەم كۆڭلۈڭ بىلەن بۇنى ئەقىلمۇ چۇشىنىدۇ شۇڭا ئۇ سەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىشتىن بۇرۇنلا سەندىنمۇ بەك ئازاپلىنىپ بولدى. چۈنكى ئۇ دېگەن ئەقىل، باشقا چىقمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغان. سەن ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت مەن بىلەن ئۇلۇغدۇرسەن!
مەن ئارقامغا قايتتىم. قانداقلا ئىش بولسا ئەقىل بىلەن كۆڭۈل ماڭا ھەمرا!
جېنىم، سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھەممە بىلىدۇ. مەيلى نېمە دېسەڭ..مەيلى نېمە ئويلىساڭ...لېكىن ئۇنتۇپ قالمىغىنكى قەلپ گوياكى بىر قۇلۇپكەن. ئۇنىڭ ئاچقۇچى كىمدە بولسا كىرىدىكەن. بەزىلەر 10 يىلدىمۇ كىرىپ بولالمايدىكەن ھەتتا توي قىلىپ بالىلىق بولسىمۇ چۈنكى ئاچقۇچ يوقتە؟!
بىزگە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت بولدى. لېكىن قەلبىمنىڭ ئاچقۇچى سەندىكەن. شۇڭا سەن ئىنتايىن تېزلا كىرىپ بوپسەن. ئەمدى كىرگەن ئىكەنسەن چىقىپ كەتكۈچە قەلبىمنى قۇلۇپلاپ قويۇپ چىقىپ كەت! بولمىسا مەن يەنە كۆڭۈلگە خار بولۇپ ياشاشنى خالىمايمەن. ئادەمدە قانچە كۆڭۈل بار دەيسەن؟
پەقەت شۇ بىرلىغۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يازغۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 02:11 AM  


مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە ئەقىل يامان بولسا توغرا بولاتتى ...لېكىن ھازىرقى جەمىيتىمىزدە كۆڭۈل ۋە ھېسىيات مۇھىم بولۇپ قىلىۋاتقان ئشىلار بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ .
ئەقلىمىز ئات مىنىگۈچى بولسۇن دەيمەن . ھەرگىزمۇ كۆڭۈل ، ھېسىيات دىگەنلەر ئات مىنگۈچى بولىۋىلىپ ، ئەقىلىنى ئات قىلىپ  مىنىپ يۈرمىسۇن . ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان بولايلى ~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 01:21 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىل بىلەن ھىسسىيات ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گاڭگىرىغان، ئىككىلەنگەن ۋاقتلىرى بولغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا ئەقىل ھىسساتقا  قۇل بولۇپ قالماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6477
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىل بىلەن كۆڭۈلنىڭ توقۇنۇشىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز !
ئەقىل دەيدۇ :بولدى قىل ، ئۇنىڭ بىلەن مۇمكىن بولمايدۇ ،ئاخىرى چىقمايدۇ ،تەلتۈكۈس ئۇنۇت دەپ ..
كۆڭۈل دەيدۇ: شۇنداقلا بەل قويۋىتەمسەن ؟ ئۆمرۈڭدە نەچچىسىگە كۆڭۈل بېرىشكە رازىسەن؟...
ئەقىل بىلەن تاڭ ئاتىدۇ ،ھېسيات بىلەن تۈن كېلىدۇ !
باشلاردا ئۆز-ئۆزەڭ بىلەن تىركىشىپ كۆپ چارچايسەن ، كېيىن  كۆنۈپمۇ قالىسەن ، بىر كۈنلىرى ئادەمنىڭ ياشلىق دىگەن چاغلىرىدا بولدىغان ئىشلاركەنغۇ دەپ مېيىقىڭدا كۈلۈپ قۇيۇپ ،ئاۋالقى ناخشاڭغا غىڭشىپ كارۋانىڭنى داۋاملاشتۇرسەن !

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىغا خىلى يېقىن كېلىدىغان بىر مىكرو ئىتوت بار ئىدى . ھېلىقى رېھىم قان ئورۇنلاپ چىققان . مەزمۇنى ئايالى بار لېكىن بىر يامغۇرلۇق كۈندە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ ، ئارىىدا خىلى جىق تۇرمۇش ھىكايسى بار . كىيىن ئۇنىڭ ئايالى بىلىپ قىلىپ ... شۇنداق سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ، ھېلىقى ئازغان قىز ئايالدىن سىز بۇنداق سەۋىرنى قەيەردىن ئۆگەندىڭىز دەپ سورايدۇ . ئايال بولسا مۇقەددەس كىتابتىن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .
شۇ مىكرو ئىتۇتنىڭ ئىسمى نىمە بولغىيتى ، كىم ياردەم قىلىپ دەپ بىرىدۇ ماڭا ...؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
urhunbaturi + 10 نىكاھنىڭ تەمى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق. ئەقىل بىلەن ئىش قىلغان ياخشى. لېكىن ھەردائىم ئەقىل قوماندانلىق قىلىپ كېتەلمەيدىكەن. كۆڭۈل ئالدىغا ئۆتۈۋالدىمۇ بولدى ... يا تاغدىن يا باغدىن دەيدىغان گەپكەن...



مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-29 12:54 PM
مۇشۇ تېمىغا خىلى يېقىن كېلىدىغان بىر مىكرو ئىتوت بار ئ ...


ئۇ ئىتوتنىڭ ئىسمى ‹‹نىكاھنىڭ تەمى››.
لېكىن مەزمۇنى بۇ تېما بىلەن ئوخشاشمايدۇ. ئۇ ئىتوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى ئادەمنىڭ ياخشى يامان ئىككى تەرىپى. بۇ تېمىدا بولسا ئەقلى بىلەن ھېسسىياتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يازغۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 01:12 PM  


مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-29 12:54 PM
مۇشۇ تېمىغا خىلى يېقىن كېلىدىغان بىر مىكرو ئىتوت بار ئ ...

نىكاھنىڭ تەمىيۇكۇدىكى ئادىرسى

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2013-3-29 01:12 PM
ئۇ ئىتوتنىڭ ئىسمى ‹‹نىكاھنىڭ تەمى››.
لېكىن مەزمۇنى بۇ ...

لېكىن يەنىلا خۇلاسە قىلىدىغان بولسىڭىز بىر فورمىلادىن چىقىدۇ .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەيدىغاندۇ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش