ئالىي مەكتەپتە
شۇنچە تېتىك ئاڭلايمىز ھەر دەرىسنى دۈشەنبە،
يامان ئەمەس ئۆتىدۇ خۇداغا شۈكرى سەيشەنبە.
بەك بىزارلىق ھەم ئېغىر ۋەزىپىمىز چارشەنبە،
ئىنتىلىمىز شەنبىگە كەلگىنىدە پەيشەنبە،
بۈگۈن قاچان كەچ بولار دەپ يۈرىمىز ھەر جۈمە.
شەنبە ئۆتەر شىكەردەك قالدۇرۇپ ئىز-ئەسلىمە،
يەكشەنبىمىز كەلمەستە ئەسكە چۈشەر دۈشەنبە.
كەتسە ئارام كۈنىمىز تولغىنىمىز ھەسرەتتە.
كۈتۈپ ئنتىزارلىقتا ئۆتەر يەنە بىر ھەپتە،
دەرىس بولسا قۇلاققا ھېچ كىرمەيدۇ سۆز-جۈملە.
بىر ھەپتىلىك دەرىستىن ئەستە قالماس ھېچنىمە،
يېڭىلىقتىن سۆزلەيمىز "ۋەزىيەت"تىن بەس-بەستە.
ۋاقىت چىقماس كىتابنى بىر ۋاراقلاپ كۆرۈشكە،
ئالدىراشلا ئۆتىمىز كۈندە بىكار ھەر كەچتە.
تېلفۇن چۈشمەس قوللاردىن ئېرىشكەچكە بەك تەستە،
كېچە،كۈندۈز،يول،سىنىپ...ئايرىلمايدۇ كۆنگەچكە.
ئېچىلمايدۇ سائەتلەپ كىتاپ ئەسلا يوق ئەستە،
دەرىسخانا مۇھىم جاي ئۈندىداردا سۆزلەشكە.
بەزى قالار گاڭگىراپ مۇئەللىملەر "ھەۋەس''تە،
ئوينالمىغاچ بىزلەردەك كۆز-كۆز قىلىپ دەرىستە.
شۇ رىتىمدا ئۆتىدۇ ھەر بىر كۈنلەر،ئاي،ھەپتە،
باش قېتىشقا باشلايدۇ ئىمتاھانغا كەلگەندە.
ئىمتاھاندا ئۆتىدۇ ۋاقىت بەك تىز ھەم قەسىتتە،
بويۇن سوزۇپ يۈرىمىز ئازراق كىتاپ كۆرگەنگە.
ياخشى بەرسەك يا ناچار ،تەسىر قىلماس بىر قەترە،
قالار قەغەز ئاق پېتى ئىشلەنمىگەچ دەرت-غەمدە.
مانا شۇنداق ھاياتتا بارمۇ بىرەر غەم-غۇسە،
نە ئنتىلىش نە ئارمان يوق ھېچ ئىشتا ئەندىشە.
ئويلىمايمىز بۇ مەكتەپ ھاياتىمىز تۈگىسە،
ماڭالامدۇق دەۋىرگە تەڭ قەدەمدە تەڭ دەمدە.
مەقسەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەمەس ئالىي مەكتەپتە،
ئەمدى سىلكىپ بۇ باشنى بىز يۈرمەيلى غەپلەتتە.
ئاپتور:مەلىكە
2013-يىلى 3-ئاينىڭ15-كۈنى يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 12:20 PM