ۋەسلىڭسىز ئىشقىڭدا كەتسەم "شەھىد"مەن
سائىلدەك مېھرىڭگە تەلمۈرۈپ باردىم،
دىل قەسرىڭ ئىشىكى ئالدىغا قانچە.
زەررىچە "سەدىقە" قىلمىدىڭ پەقەت،
قايتۇردۇڭ يۈرەكتىن ئاقتۇرۇپ تامچە .
روھىم چۆللەردە بولدى سەرگەردان ،
قەلبىمنى ئازاپلار قىلدى ھەم خاراپ .
چېھرىڭنى كىبىرلەر بۇلۇتى توسقاچ ،
قەلبىمگە بىر سوغۇق ئېقىملار تاراپ .
نە سەۋەپ ماڭا ھېچ سۆز قىپ بەرمىدىڭ،
دىدارىڭنى كۆرسەتتىڭ -يۇ،"كۆز" قىپ بەرمىدىڭ.
ھېكمەتتە-"سۆيگەننىڭ گۈلى بول" دېسە،
گۈل كەبى ئېچىلىپ قۇچاق كەرمىدىڭ .
ھەر كۈنى كېزەرمەن ماڭغان يولۇڭنى،
خىياللار ئىلكىدە باسقان ئىزىڭدىن.
ئۈمۈتۋار ئىدىم مەن دەسلەپتە ماڭا،
بەرگەن شۇ ۋەدىلەر ،قىلغان سۆزۈڭدىن.
ھەيرانمەن سىرىڭنى بىلىپ بولالماي،
ھەيرانمەن سېنى يا كۆرۈپ بولالماي.
كەئبىدەك ئۆيۈڭنى تاۋاپ قىپ كۈندە،
ھەيرانمەن ئايلىنىپ كېتىپ بولالماي .
بىلمىدىم نە سەۋەپ ئېتىك ئۈن دىدار ،
ئويلىنىپ تۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم بىدار .
قاچانمۇ بال كەبى سۆزۈڭنى ئاڭلاپ ،
بەخىتكە چۈمۈلۈپ كۆرىمەن دىدار ؟!
بەخىتتۇر سۆيگۈمگە بولسا ئىجازەت،
رازىمەن بىر ئۆمۈر چەكسەم رىيازەت.
ۋەسلىڭسىز ئىشقىڭدا كەتسەم "شەھىد"مەن،
قىلىمەن "بەخىت"تە جەننەت زىيارەت.
خەيرى -خوش ئامان قال !سۆيۈلگەن جانان،
سەن بىلەن جۆر بولۇش بولمىسۇن ئارمان .
"كىبىر"لەر بۇلۇتى توسمىسۇن قۇياش،
"جەننەت"سىز ھالىمىز بولمىسۇن يامان .
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىراج تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 12:44 AM