مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 8

ئۆمۈر داستانىدىن تەرمەچلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « ئۆمۈر داستانى » ناملىق تارىخىي ئەسلىمىسىدىن تەرمەچلەر

ئەركىن ئابلىمىت ئاتچاپا

  مۇئەللىپ ئىلاۋىسى: مەن يېقىندا ئاتاغلىق رەھبىرىمىز، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي ئۇستازىمىز مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1990- يىل 12- ئايدا نەشىر قىلغان « ئۆمۈر داستانى » ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخىي ئەسلىمىسىنى زور ئىشتىياق ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. بىر قېتىم ئوقۇپ قانائەت قىلماي، يەنە بىر قېتىم تەكرار ئوقۇۋەتتىم. ئەسەردە ئاپتۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئوقۇش، ئىنقىلاپقا قاتنىشىش جەريانىدىكى شانلىق ھاياتى ۋە شىنجاڭنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى ئەھۋالى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانلىق ئىنقىلابىي كۆرەشلىرى، كۆرەش جەريانىدا چېنىقىپ، يىتىشىپ چىققان بىر قىسىم    ئىنقىلابىي سەبداشلىرىنىڭ جەسۇرانە پائالىيەتلىرى قاتارلىق يېقىنقى زاماندىكى مۇھىم تەپسىلاتلار تەسىرلىك  قىلىپ، يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ۋە چىن ھىسىيات بىلەن تولىمۇ ئوقۇشچانلىققا ئىگە قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئەسەر بىزنى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئاز بولمىغان تارىخىي مەلۇماتلار، ئۇچۇرلار ۋە قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم نەچچە كۈنگىچە چوڭقۇر خىيالەتلەر قاينىمىغا غەرق بولماي قالمايدۇ. خۇددىي مەنمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، ھاياتى ۋە بارلىقىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەخت سائادىتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئاشۇ ئەجداتلارنىڭ نۇرانە سىماسى كۆز ئالدىمدا شۇنچە جەسۇرانە ھالدا قايتىدىن زاھىر بولدى. ئاشۇ يىللاردىكى قانلىق كۆرەشلەر ۋە جاپالىق تۇرمۇش مۇھىتى كۆز ئالدىمدا خۇددىي   رەڭسىز تەۋەرۈك سۈرەتتەك غۇۋا نامايەن بولدى. مېنىڭچە مەزكۇر ئەسەردە ئۇچرايدىغان تارىخىي بىلىملەرنى داۋاملىق تەكىتلەشىنىڭ 80-، 90- يىللاردىن كېيىن توغۇلغان ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي تارىخىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلىنىشىدە ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشتا يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە رىئال ئەھمىيىتى بار. مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى بۇ بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق قانلىق بەدەللەر ئارقىلىق قولغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ بىرنەچچە كۈنگىچە خامۇش بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، مەزكۇر ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم ئاساسىدا ئەسەرنىڭ ئەسلى پاكىتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تۆۋەندىكىلەرنى خاتىرلىدىم.

  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قۇربان بولۇشىنىڭ تەپسىلىي جەريانى

يولداش ماۋ زېدوڭ باشچىلىغىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇزاق يىللىق توغرا يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىشچى دېھقان قىزىل ئارمىيسى 1948- يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1949- يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، 1949- يىل 4- ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 22 يىللىق پايتەختى بولغان نەنجىڭنىڭ ئازات قىلىنىشى بىلەن جياڭ جيېشى خانىدانلىقىنىڭ سەلتەنىتى پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقى جاكارلىنىدۇ. ئارقىدىنلا شاڭخەي، شىئەن، چاڭشا، فۇجۇ، لەنجۇ قاتارلىق  چوڭ شەھەرلەرمۇ ئازات قىلىنىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدا شىنجاڭمۇ تىنچ يول بىلەن ئازات قىلىنىدۇ. 1949- يىل 6- ئايدا مەملىكەتنىڭ شۇ چاغدىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە پارتىيىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شۇ يىلى 9- ئايدا مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئومۇمى يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىنىدۇ ۋە پۈتۈن جۇڭگودىكى دېموكراتىك پارتىيە گوروھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىنىڭ ۋەكىللىرى، ئازات رايۇنلار، دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەركىۋىدە، شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يولداش ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىغىدىكى رەھبەرلىرىگىمۇ بۇ پەۋقۇلئاددە يىغىنغا قاتنىشىش توغرىسىدا مەخسۇس تەكلىپنامە ئەۋەتىلىدۇ. پارتىيە مەركىزى كومېتىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قۇماندانى ئىسھاقبېك مونۇنوۋ ( قىرغىز )، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى دەلىلقان سۇگۇربايوۋ ( قازاق )، ئىلغار زىيالىي ياش لوجى ( خەنزۇ ) لاردىن تەركىپ تاپقان ۋەكىللەر ئۆمۈكىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى قارار قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە كېرىموۋ، ئابدىرىشىت قاتارلىق تەرجىمانلىق، كاتىبلىققا سەپلەنگەن خىزمەتچى خادىملارمۇ بار ئىدى. ۋەكىللەر ئۆمۈكى شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاجرىتىپ بەرگەن مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى قازاقىستاندىكى ئالمۇتا ئايرۇدۇرۇمىغا قونىدۇ.‹ ئۇ چاغلاردا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كاشىلىسى ۋە ئىچكى جايلارنىڭ ھاۋا يولى تولۇق ئېچىلمىغانلىقىدەك سەۋەبلەردىن، غۇلجىدىن بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانلار سوۋېت ئىتتىپاقى، مانجۇرىيە قاتارلىق جايلار ئارقىلىق ئۇچاتتى › شۇ ئاينىڭ 25- كۈنى قازاقىستان تەۋەسىدىكى بايقال كۆلى بويىغا جايلاشقان ئېركۈتىسكىي شەھرىدە قونىدۇ. 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ھاۋارايى شارائىتى ناچار بولغاچقا ئۇچالمىغان. 27- كۈنى يەنىلا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئۇچۇش قېيىن بولغان ئەھۋالدا ۋەكىللەر يىغىنغا ئالدىراپ تەۋەككۇل قىلىپ ھاۋاغا كۆتۈرىلگەن. ئۇلار بايقال كۆلى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىۋاتقاندا قاتتىق بۇران چىقىپ، ھاۋانى بۇلۇت قاپلاپ كەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيسى تەرەپنىڭ شۇ چاغدىكى ئالاقىلىشىش خاتىرسىدە كۆرسۈتىلىشىچە، ئايرۇپىلان بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە بۇران سەۋەبىدىن كۆتۈرىلەلمەي ئۇچۇش لېنىيەسىدىن تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئايرىدۇرۇم دائىرلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ قايتىپ كېلىشىنى بۇيرىغان. ئايرۇپىلاندىن « ماقۇل، قايتتۇق...، ئەللىك گىرادۇس بۇرۇلدۇق...، 90 گىرادۇس بۇرۇلدۇق...، بىر يۈز يىگىرمە گىرادۇس...» دېگەن سادادىن كېيىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان. ئايرۇدۇرۇمدىكىلەر ئۇلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ خېلىۋاققىچە ساقلىغان بولسىمۇ ئايرۇپىلان قايتىپ كەلمىگەن. كېيىنكى قونۇش نوقتىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىتا شەھرى ئايرۇدۇرۇمى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئۇ يەرگىمۇ قونمىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۇلار ئاخىرى بىرەر ھادىسە چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن. تەكشۈرۈش گورۇپپىسىدىكىلەر بايقال كۆلىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تاغنىڭ ئالما داۋىنى دېگەن يېرىدىكى بىر ئورمانلىق جىلغىدا قويۇق ئىس- تۈتەك كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايرۇپىلاننىڭ مۇشۇ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇ چاغدا ئايرۇپىلاندا يۇقىرقى بەش نەپەر ۋەكىل، ئىككى نەپەر خىزمەتچى خادىمدىن باشقا، ۋەكىللەرنى شۇ چاغدىكى مانجۇرىيە چېگرىسىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇشقا مەسئۇل بولغان ئۈچ نەپەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەمەلدارى ۋە ئايرۇپىلان خادىملىرى بولۇپ جەمئىي ئون يەتتە نەپەر ئادەم بار بولۇپ، ھادىسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇربان بولغان. ئايرۇپىلان، ماتىرىيال، نەرسە كېرەك، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كەتكەن. كەڭ بىر پارچە ئورمانمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. پارچىلىنىپ، كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن جەسەت پارچىلىرى تېخنىكىلىق سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سەپلەپ پۈتۈنلەنگەن. پەقەت ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ جەسىتىلا باشقا جەسەتلەردىن يىگىرمە مېتىرچە يىراقلىقتىكى بىر پارچە قۇرام تاش ئۈستىگە چۈشۈپ، بېشى ئېغىر زەخمىلىنىپ ۋاپات بولغان، جەسىدى پارچىلىنىپ كەتمىگەن.

يولداش سەيپىدىن ئەزىزى 1950- يىلى ماۋ زېدوڭ باشچىلىغىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەكشۈرۈش، زىيارەت ئۆمىكى تەركىۋىدە مۇسكۇۋاغا بارغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۇلارغا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىدى تېپىلىپ، ئالاھىدە شارائىتتا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر جۇڭگو تەرەپ خالىسا ئېلىپ كېتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەيپىدىن ئەزىزى يولداش ماۋ زېدوڭ، جۇ ئىنلەيلەرگە جەسەتلەرنى ئېلىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەندە، ماۋ زېدوڭ: ئەلۋەتتە ئېلىپ كېتىش كېرەك. ئاپىرىپ شىنجاڭدا يەرلىكىدە قويۇپ قەبرىسىنى تىكلەڭلار، خەلق ئاممىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي رەھبەرلىرىنى يادلاپ تۇرسۇن- دەپ يوليۇرۇق بەرگەن. يولداش سەيپىدىن ئەزىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، ئالمۇتاغا كېلىپ جەسەتلەرنى ئۆتكۈزىۋالغان. جەسەتلەر ئالاھىيدە ياسالغان ئەينەك ساندۇقلار ئىچىدە خېمىيىلىك دورىلار بىلەن قاتۇرۇپ ساقلانغان بولۇپ، مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ ناھايىتى داغدۇغىلىق دەپنە قىلىنغان ۋە مەخسۇس خاتىرە ئابىدىسى تىكلەنگەن.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن پارتىيە مەركىزى كومېتىتى، جۈملىدىن ماۋ زېدوڭ، جۇ ئىنلەي قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى قاتتىق قايغۇ ئۇرۇپ، ئالاھىدە تەزىيەنامىلارنى يوللىغان. شۇ چاغدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىغىدىكى ئۈچ نەپەر ۋەكىل بېرىپ قاتناشقان. يىغىن ئارىلىقىدا بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يۇقىرقى ئىنقىلابى قۇربانلارغا ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ قايغۇلۇق ماتەم بىلدۈرگەن.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق خەلق قەھرىمانلىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئاتمىش نەچچە يىل مابەينىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك ئىنقىلابىي ئەجداتلىرىنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ياد ئېتىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازاتلىقى، ئەركىنلىكى ۋە بەخت- سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە يادنامە بولۇپ قالغۇسى.

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يولداش ماۋ زېدوڭ، جۇ ئىنلەيلەر بىلەن تۇنجى كۆرۈشىشى ناھايىتى كومىدىيىلىك بولغان.

مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئولتۇرغان ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ، ۋەكىللەر قۇربان بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى مەخسۇس تەزىيە تىلگىراممىسى يوللاپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىدۇ ۋە مۇمكىن بولسا ھىچ بولمىغاندا يىغىنغا يەنە بىر نەچچە نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ تۇرىۋاتقان يولداش سەيپىدىن ئەزىزى، ئۈرۈمچىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىۋاتقان يولداش تۇ جى ‹ خەن زۇ ›، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ئالىمجان ھېكىمبايوۋ قاتارلىق ئۈچ كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ يىغىنغا بېرىشى قارار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قوشۇلۇپ بىر نەچچە نەپەر كاتىپ، تەرجىمانمۇ بىللە بارىدىغان بولىدۇ. ئۇلار 1949- يىل 9- ئاينىڭ 8- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ يولداش ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئالاھىيدە ئاجرىتىپ بەرگەن، مەشھۇر سوۋېت ئىتتىپاقى گېنىرالى مولوتوۋ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان، خاس كارۋاتلىق ياتاق بۆلۈمى، دەم ئېلىش ئۆيلىرى بولغان، دۇنيادا تېخنىكا جەھەتتىن ئەڭ ئىلغار سانىلىدىغان « ئىل-12 » بەلگىلىك ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىققان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېسوۋ قاتارلىق بىر نەچچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىتا شەھرىگە قونغان. ئۇ يەردىن پويىز بىلەن يولغا چىقىپ، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى مانجۇرىيەگە كېلىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پويىزىغا ئالماشقان. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئەمەلدارلار ۋەكىللەرنى بېيجىڭدىن كەلگەن يولداشلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قايتىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار 9- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭغا سالامەت يېتىپ كەلگەن. مەركەز رەھبەرلىرى ۋە مەخسۇس كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل خادىملار ئۇلارنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ياتاق، تاماق قاتارلىق ئىشلىرىنى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدا ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بېيجىڭغا كېلىپ ئەتىسى يولداش جۇ ئىنلەي، ئىككىنچى كۈنى يولداش ماۋ زېدوڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئىككى قېتىملىق تۇنجى كۆرۈشۈش ناھايىتى كومىدىيىلىك تۈس ئالغان بولۇپ، ئۇلار يولداش جۇ ئىنلەي بىلەن خۇەي رىنتاڭ زالىدىكى بىر ئۆيدە كۆرۈشكەن.

جۇ ئىنلەي كېرىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى ئاددىي يىپ رەختتىن كۆك پەشمەت، شالۋۇر كەيگەن بىر يىگىت چاي قۇيۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇددىي ئاشۇ يىگىتكە ئوخشاش كىيىم كەيگەن، يۈرۈش- تۇرۇشى ناھايىتى كەمتەر بىر ئادەم سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ كەلگەن. سەيپىدىن ئەزىزى ئۇ كىشىنى بايىقى يىگىتنىڭ سەبدىشى ياكى خىزمەتدىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ پەرۋاسىز ئولتۇرىۋەرگەن. ئۇ كىشى ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىگە « سىز يولداش سەيپىدىنغۇ دەيمەن؟ » دېگەن. سەيپىدىن ئەزىزى يەنىلا بىپەرۋالىق بىلەن « ھە » دەپ قويۇپ ئۆز خىيالى بىلەن بولۇپ ئولتۇرىۋەرگەن. ھېلىقى كىشى « ياخشى كەپسىز، مەن جۇ ئىنلەي بولىمەن » دېگەچ سەمىمىيلىك بىلەن قولىنى سۇنغان. سەيپىدىن ئەزىزى شۇندىلا چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇدۇققىنىچە جۇ ئىنلەي بىلەن قول ئېلىشقان. جۇ ئىنلەي سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ « قىزغىن قارشى ئالىمىز، كۆپ جاپا چەكتىڭلار...» دېگەچ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەنمۇ بىر- بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. ئاندىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سېلىپ قارىغان. بۇ چاغدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۈستى بېشىدا پۈتۈنلەي ياۋروپاچە نۇسجىدىكى ئالىي دەرىجىلىك پۇزۇر كېيىملەر بولۇپ، قارىماققا كاتتا باي مۆتىۋەرلەرگە ئوخشايتتى. ئۇ يولداش جۇ ئىنلەينىڭ ھېلىقى چايچى يىگىتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ئىنتايىن ئاددىي ئۈستى بېشى بىلەن ئۆزىنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ، قاتتىق خېجىل بولغان.

9- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئويۇن كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئويۇن قويۇلىدىغان تىياتىرخانا ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئويۇنمۇ بەكلا قىزىقارلىق، سەھنە دىكراتسىيىسىمۇ ئاجايىپ كۆركەم بېزەلگەن، ئارتىستلارنىڭ كېيىمىدىن تارتىپ قىلغان پەدازلىرىغىچە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە لاھىيلەنگەن بولغاچقا، ئويۇن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ئالاچەكمەن بولۇشقىنىچە پۈتۈن دىققەت ئېتىبارى سەھنىگە مەركەزلەشكەن. دەل مۇشۇنداق بىر چاغدا ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى بىر ئورۇندا ئويۇن كۆرۈۋاتقان يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئالدىنى كىمدۇر بىرى كېلىپ توسۇپ قويغان. سەھنىدىن باشقا جاي تازا يورۇق بولمىغاچقا، سەيپىدىن ئەزىزى ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىگە تازا پەرۋا قىلمىغان ۋە قىزىق ئويۇننى تولۇق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بېشىنى ئىككى يانغا ئېگىپ ھە- دەپ سەھنىگە قاراش بىلەن بولىۋاتقاندا يەنە بىر كىشى يان تەرەپتىن كېلىپ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دولىسىنى تۇتقان، سەيپىدىن ئېزىزى شۇندىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە كۈلۈمسىرىگىنىچە قاراپ تۇرغان جۇ ئىنلەينى كۆرگەن. جۇ ئىنلەي پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا « بۇ كىشى يولداش ماۋ زېدوڭ بولىدۇ، ئۇ سىلەر بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى » دەيدۇ. شۇندىلا ئۇ ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ رەئىس ماۋ زېدوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ رەئىس ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان باش قوماندان جۇ دې قاتارلىقلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. ئۇلار قىسقىچە تونۇشۇپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن يولداش ماۋ زېدوڭ ئۇلارنىڭ ئويۇن كۆرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ يەنە شەپە چىقارماستىن ئارقا تەرەپكە كەتكەن.

ئەسلىدە يولداش ماۋ زېدوڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭمۇ بۇ ئويۇنغا كەلگەنلىكىنى جۇ ئىنلەيدىن ئاڭلاپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى رەتتىن باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقماستىن كېلىپ، سەيپىدىن ئەزىزىدىن ھال سورىغانىدى.

شۇ قېتىم يولداش سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىغىدىكى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى ۋە باشقا مۇھىم مەمۇرىي، سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ زور، مۇھىم ئىشلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلغان، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازات قىلىنىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇنىڭدىن كېيىن يولداش ماۋ زېدوڭ، جۇ ئىنلەي قاتارلىق مەركەزدىكى مۇھىم رەھبەرلەر يولداش سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرۇشۇپ، سۆھبەتلىشىپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. 1949- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىدا يولداش ماۋ زېدوڭ تىيەنئەنمىن راۋىقىنىڭ بىر چېتىدىرەك تۇرغان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاپىرىپ، تۈمەن مىڭ كىشىلىك بۇ زور مۇراسىمدا ئۇنى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ بۇ مەشھۇر سەركەردىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

« ئون بىر ماددىلىق بىتىم » قانداق ئىش؟ ئۇنىڭ مەزمۇنى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟

گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ  يەرلىك مۇشتۇمزور ئەمەلدارلىرىنىڭ، قۇراللىق چېرىكلىرىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭلىرى ۋە مىللىي زۇلىمىنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىپ ئىلكى قۇرۇپ كەتكەن ھەر مىللەت نامرات ئاۋام خەلقى خاتىرجەملىككە، ئەركىنلىككە تەشنا بولۇپ تۇرغاندا، 1944- يىل يازدا نىلقا ناھىيىسىدىكى بىر تاغدا 120 نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر قوزغۇلاڭچىلار ئەترىتى گومىنداڭغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئارىدىن بىر- ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە قوزغۇلاڭچىلارنىڭ سانى 600 نەپەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇلار گومىنداڭنىڭ نىلقا ساقچى ئىدارىسىدىن ئۆزلىرىنى تازىلاشقا چىققان 50 نەپەردىن ئارتۇق قۇراللىق ساقچى- چېرىكلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بىر نەچچە تال ئوۋ مىلتىقى ۋە كالتەك- تاياقلارغا تايىنىپ يوقۇتۇپ، تۇنجى قېتىملىق غەلبىگە ئېرىشىدۇ ۋە بىر بۆلۈك قۇرال- ياراق، ئوق- دورىغا ئىگە بولىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ غەلبە خەۋىرى ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ، غۇلجا، سۈيدۈڭ ( قورغاس ) قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقا- ئارقىدىن پارتىزانلار ئەترەتلىرى تەشكىللىنىپ، قۇراللاق ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى ئاساسى بارلىققا كېلىدۇ. پارتىزانلار تەرەپ- تەرەپتە گومىنداڭ چېرىكلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئارقا- ئارقىدىن نۇسرەت قازىنىدۇ. غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ دائىرلىرى بۇ ئىشتىن قاتتىق چۈچۈپ، ماشىنا ۋە ئايرۇپىلانلارنى چىقىرىپ، نۇرغۇنلىغان ئوفېتسىر ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ قوزغۇلاڭنى تىنجىتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئارقا- ئارقىدىن بۇرنىغا يەپ نۇرغۇن چىقىم تارتىدۇ ۋە قاتتىق غالجىرلىشىپ پۇتىنى قويالماي قالىدۇ. قوزغۇلاڭچىلار بولسا 1944- يىل 10- ئايدا نىلقا ناھىيىسىنى، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى غۇلجا شەھرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ. ئارقىدىن گومىنداڭنىڭ ئاساسىي كۈچى مەركەزلەشكەن سۈيدۈڭ قاتارلىق جايلارنىمۇ ئازات قىلىدۇ ۋە 11- ئاينىڭ 12- كۈنى غۇلجا شەھرىدىكى مەدەنىيەت ئاقارتىش ئويۇشمىسى كۇلۇبىدا تەنتەنىلىك چوڭ يىغىن ئېچىپ، « شەرىقى turk جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسىنى ۋە ئەزالىرىنى تەيىنلەيدۇ، مەمۇرىي، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ تەيىنلەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي پروگراممىسىنى ئېلان قىلىدۇ. 1945- يىل 1- ئايدا مىللىي ئارمىيە تەرتىپكە سېلىنىپ، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ قۇماندانلىرىنى تەيىنلەش، ھەربىي ئۇنۋانىنى بېكىتىش، جايلىشىدىغان ئورنى ۋە ئۇرۇش يۆنىلىشلىرى، قۇراللارنى سەپلەش، تەلىم- تەربىيە... قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابنىڭ غەلبىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، شۇ يىلى 8- ئايدا ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتمۇ ئارقا- ئارقىدىن تولۇق ئازات قىلىنىدۇ. كۆرەشنىڭ ئىستىراتېگىيسىگە ئاساسەن، بىر پولك ئەسكەر مۇزات داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچى تەرەپتىن كېلىدىغان ئارقا سەپ تەمىنات مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە باي ناھىيىسىنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئاقسۇنى قامال قىلىپ، ئۇ يەردىكى گومىنداڭچىلارنى سېپىل ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە تۇرپان، قۇمۇلدىكى خەلقمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەڭ غەلبىلىرىدىن كۈچلۈك ئىلھام ئېلىپ، جاي- جايلاردا گومىنداڭچىلارغا قارشى قوزغىلىپ چىقىدۇ. قەشقەرنىڭ تاشقورغان، قاغىلىق، پوسكام، كونىشەھەر قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردىمۇ مۇھىم غەلبىلەر قولغا كەلتۈرىلىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا بولسا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيسى غەلبىسىرى ئالغا ئىلگىرلەپ، دۈشمەننىڭ تۈمەنلىگەن ئادىمىنى يوقىتىدۇ. نەچچە ئون مىڭ ئەسكىرىنى ئەسىر ئالىدۇ، 54 دانە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى، نەچچە ئونلىغان ئاپتومۇبىل، مىڭلىغان زەمبىرەك ۋە تۈرلۈك ئېغىر- يىنىك تىپلىك ئىلغار قۇرال، زور مىقداردىكى ئوق- دورىلىرىنى ئولجا ئالىدۇ. 1945- يىل 9- ئايدا مىللى ئارمىيە زور غەيرەت بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ غەربى- شىمالىي دەرۋازىسى بولغان ماناس ۋە ساۋەنلەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا توپلۇشۇپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى كونتىروللۇق ئورنى زور تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇراللىق بېسىقتۇرۇش چارىلىرىنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ قالغانلىقتىن، باشقا چارە بىلەن شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي تارمار بولۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمەي، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىگە  شىنجاڭ مەسىلىسىنى شەرتسىز ھالدا تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قازانغان ۋاقىت بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپۇنغا قارشى سەككىز يىللىق جاپالىق ئۇرۇش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇرۇش غەلبىسى ئاساسىدا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاپنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپقا تەييارلىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىۋاتقانىدى. شىنجاڭدىكى مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە ئاساسەن، جاڭ جيېشىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ « تېنچلىق » پەردىسى ئاستىدىكى غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ باقماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي ئىنقىلابنى كۈچلۈك ھەربىي ياردەم بىلەن قوللاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ مۇشۇ خىل ئىستىراگىينى ياقلىغانىدى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ ۋە 1945- يىل 10- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە؛ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپتىن جياڭ جىجوڭ باشچىلىغىدىكى ۋەكىللەر ئۆمۈكى ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە كۆپ قېتىم جاپالىق سۆھبەتلىشىش، كەسكىن تالاش- تارتىش قىلىشلارئارقىلىق ئاخىرى 1946- يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىككى تەرەپ « ئون بىر ماددىلىق تېنچلىق بىتىم » دەپ ئاتالغان تېنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشقان. « بىتىم » نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

« مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن شىنجاڭ قوزغىلاڭچىلار رايۇنىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن قۇراللىق توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بىتىم:

1. ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقىغە ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان يەرلىك زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا سايلايدىغان سايلاش ھوقۇقى بېرىدۇ. بۇ ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەرتىپلەر بەلگىلەندى؛ ۋەقە ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى خەلق ناھىيەلىك كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ، ناھىيەلىك كېڭەشنى قۇرىدۇ. ناھىيەلىك كېڭەش ھاكىمنى سايلايدۇ. مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنسەپتىكىلەرنى ھاكىم تەيىنلەيدۇ. بۇ سايلام يولغا قويۇلغىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنلاردا ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى ھازىرقى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ تۇرىدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى بىلەن مۇئاۋىن ۋالىيسىنى شۇ يەردىكى خەلق كۆرسۈتۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ. ۋالىي مەھكىمىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ۋالىي تەيىنلەيدۇ. ناھىيەلەردە ناھىيەلىك كېڭەش قۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىرى سايلىنىپ، ئۆلكىلىك كېڭەش قۇرۇلىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىدۇ ھەمدە، ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدۇ. ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغىچە ۋە ئومۇمىي سايلام بېكىتىلگىچە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش چارىسى 9- ماددىدىكىدەك بولىدۇ.

2. ھۆكۈمەت دىنىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە خەلققە تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىدۇ.

3. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت- ئالاقىلىرىدە خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى تەڭ قوللىنىلىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان خەت- ئالاقىلىرىدە ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى قوللۇنۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

4. باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا دەرس ئۆتىلىدۇ، ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەنزۇ يېزىقى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسلىك قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش زۆرۈرىيتىگە قاراپ، دەرس ئۆتۈشتە خەنزۇچە بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭ قوللىنىلىدۇ.

5. ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت بىلەن سەنئەتنى ئەركىن راۋاجلاندۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ.

6. ھۆكۈمەت مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

7. ھۆكۈمەت باج نىسبىتىنى خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. خەلق ھۆكۈمەت ئالدىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن سېلىقنى ئۆزى كۆتىرىدۇ، ئەمما بۇنداق سېلىقنىڭ مىقدارىدا خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

8. ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە ئىچكى- تاشقىي سودا ئەركىنلىكى بېرىدۇ، ئەمما چەتئەللەر بىلەن سودا قىلغۇچى سودىگەرلەر مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن چەتئەللەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سودا شەرتنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

9. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىنى مەركەز تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 25 بولىدۇ. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 25 ئەزاسىنىڭ ئونىنى مەركەز بىۋاستە بەلگىلەيدۇ، قالغان 15 ىنى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى كۆرسىتىپ، مەركەز تەيىنلەيدۇ. مەركەز بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ئون ئەزا رەئىس، باش كاتىپ، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، سەھىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىككى مەخسۇس ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى كۆرسىتىپ، مەركەز تەيىنلەيدىغان 15 ئەزا ئىككى مۇئاۋىن رەئىس، ئىككى مۇئاۋىن باش كاتىپ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە بەش نەپەر مەخسۇس ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ( قالغانلىرى ھەققىدە « قوشۇمچە ھۆججەت 1 » گە قارالسۇن )

10. مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئۇنى مۇسۇلمانلاردىن تولۇقلاش پرىنسىپ قىلىنىشى شەرت. بۇ ئارمىيە بۇ قېتىمقى قوزغۇلاڭغا قاتناشقان ئارمىيە تەرىپىدىن، دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلىشىگە قاراپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ ئارمىيەنىڭ ئادەم سانى ۋە تۇرار جايى ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىپ، « قوشۇمچە ھۆججەت 2 » قىلىنىپ ئىمزالانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئارمىيىنىڭ مەشق ۋە بۇيرۇقلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق تىل- يېزىقلىرىنى قوللۇنۇش پرىنسىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارمىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار بۇرۇنقى مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلى بىلەن، مۇددەت بويىچە ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ ئوفىتسېرلىك بىلىمىنى تولۇقلايدۇ. بۇ ئارمىيىگە ھۆكۈمەت تەلىم- تەربىيە خادىملىرى ئەۋەتىپ مەشق ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرىدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز ئارمىيسى بۇ ئارمىيە بىلەن بىر يەردە تۇرمايدۇ ھەمدە، ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ، بىر- بىرى بىلەن ئۆچەكىشىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ ( قالغانلىرى ھەققىدە « قوشۇمچە ھۆججەت 2 » گە قارالسۇن ).

11. ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ قولغا ئالغان زاتلار ۋەقە ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق باھانە- سەۋەپ بىلەن كەمسىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى: جاڭ جىجوڭ.

خەلق ۋەكىللىرى: رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى.

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى ».

ئوخشاش ۋاقىتتا « قوشۇمچە ھۆججەت 1 » ئىمزالانغان. يېرىم يىلدىن كېيىن يەنى 1946- يىل 6- ئاينىڭ 6- كۈنى « قوشۇمچە ھۆججەت 2 » ئىمزالانغان. « قوشۇمچە ھۆججەت 1 » نىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

« مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن شىنجاڭ قوزغۇلاڭچىلار رايۇنىنىڭ خەلق ۋەكىللىرى ئىمزالىغان « قۇراللىق توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بىرىم » نىڭ 9- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش چارىسى توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللىقى بىلەن تۆۋەندىكىچە قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈلدى:

1. ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى خەلق ۋەكىللىرى كۆرسىتىپ، مەركەز تەيىنلەيدىغان 15 نەپەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ ئالتە نەپىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈچ ۋىلايەت كۆرسەتسە بولىدۇ.

2. يۇقىرقى ئالتە ئەزا بىر مۇئاۋىن رەئىس، بىر مۇئاۋىن باش كاتىپ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ياكى قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ياكى مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىر ماخسۇس ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3. قالغان يەتتە ۋىلايەت توققۇز ئەزا كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر مۇئاۋىن رەئىسنى شۇنىڭدەك، مەركەز بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۈچ ۋىلايەت كۆرسىتىدىغانلىرىدىن باشقا، بىر نازىر، بىر باشقارما باشلىقى ياكى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، بىر مۇئاۋىن باش كاتىپ، بىر مۇئاۋىن نازىرنى شۇنىڭدەك، تۆت مەخسۇس ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ » ( ئىمزالىغان ۋەكىل، ۋاقىت ۋە ئورۇن ئالدىنقى بىلەن ئوخشاش ).

  « قوشۇمچە ھۆججەت 2 » نىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

« مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنلىرىنىڭ خەلق ۋەكىللىرى مۇشۇ يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىمزالىغان « قۇراللىق توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بىتىم » نىڭ 10- ماددىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنلاردا ۋەقەگە قاتناشقان قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈلدى:

1. ۋەقەگە قاتناشقان مىللىي قىسىملار دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلىشىگە قاراپ، ئۈچ ئاتلىق ئەسكەرلەر تۈەنى، ئۈچ پىيادە ئەسكەرلەر تۈەنى قىلىپ تۈزىلىدۇ. ئومۇمى ئادەم سانى 11 مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولىدۇ. بۇ ئالتە تۈەننىڭ ئىككى ئاتلىق تۈەنى بىلەن بىر پىيادە ئەسكەرلەر تۈەنى دۆلەت ئارمىيىسى بولىدۇ. ئىككى پىيادە ئەسكەرلەر تۈەنى بىلەن بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر تۈەنى ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسمى بولىدۇ.

2. ھۆكۈمەت ئىلى تەرەپنىڭ شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلاردىن بىر ئادەمنى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەت قوشۇنىغا قۇماندان قىلىپ كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالتە تۈەنگە قۇماندانلىق قىلىدۇ. بۇ قۇماندان غەربىي شىمال ھەربىي، مەمۇرى مەھكىمە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن شىتات بويىچە قۇماندانلىق شىتاپ تەشكىل قىلىدۇ. بۇ قۇماندانلىق شىتاپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزون باش قۇماندانى ۋە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قۇماندانىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ قۇمانداننى قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قۇماندانلىق شىتاپىغا مۇئاۋىن قۇماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

3. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالتە تۈەننىڭ تۇرىدىغان جايى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي- ئۈچ ۋىلايەت بىلەن چەكلىنىدۇ. ھۆكۈمەت مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى مۇشۇ قۇمانداننىڭ قول ئاستىدىكى ئالتە تۈەنگە تاپشۇرىدۇ. دۆلەت چىگرىسىنى ساقلاش ئىشىغا مەركەزنىڭ چىگرا مۇداپىيە قىسىملىرى مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭ چارىسى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى چارە بويىچە بولىدۇ.

4. بۇ قۇماندان تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىكى ئامانلىق ساقلاش قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇنى تولۇقلاشتا شۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلقلىرىدىن تولۇقلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

5. مەزكۇر ئالتە تۈەننىڭ ھەق- تەمىناتى ۋە كەلگۈسىدىكى قۇرال- جابدۇقلىرىغا كەلسەك، ئۇنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى بولغان ئۈچ تۈەنىنى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ نىزامى ۋە ئۆلچەملىرى بويىچە مەركەز تەمىنلەيدۇ. ئامانلىقنى ساقلايدىغان ئۈچ تۈەنى ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ نىزامى ۋە ئۆلچەملىرى بويىچە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئامانلىقنى ساقلاش قۇماندانلىق شىتاپىغا ئاجرىتىپ بەرگەن خىراجەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

6. ۋەقەگە قاتناشقان مىللىي قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش ئىشىنى مۇشۇ قۇماندان ھۆكۈمەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ قىسىملار ئالتە تۈەن قىلىپ تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۇرار جايى شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزون باش قۇماندانىنىڭ ۋە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قۇماندانىنىڭ ترەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە مەلۇم قىلىنىدۇ. مۇشۇ ئالتە تۈەننىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قۇرال- جابدۇقلىرىنىڭ نەق سانى گارنىزون باش قۇماندانىغا ۋە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قۇماندانىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرىلىدۇ ». ( ئىمزالىغان ۋەكىل ۋە ئورۇن ئالدىنقى بىلەن ئوخشاش ).

بىتىمنىڭ روھىغا ئاساسەن 1946- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە مەسئۇل خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان:

جاڭ جىجوڭ رەئىس بولغان. ئەخمەتجان قاسىمى، بۇرھان شەھىدىلەر مۇئاۋىن رەئىس بولغان. ليۇ مىڭچۈەن باش كاتىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، سالىسلار مۇئاۋىن باش كاتىپ بولغان. لۇ يۈيۋېن مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ما تىڭشاڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان. ۋاڭ زوڭشيەن ئىچكى ئىشلار نازىرى، رەھىمجان سابىرھاجى مۇئاۋىن نازىرى بولغان. مۇھەممەت ئىمىن قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، گو چيەنچى مۇئاۋىن نازىرى بولغان. سەيپىدىن ئەزىزى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، سەي زوڭشيەن مۇئاۋىن نازىرى بولغان. جاۋ جيەنفىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ئېردەنى مۇئاۋىن نازىرى بولغان. دەلىلقان سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. چۈي ۋۇ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلىخان تۆرە ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئىلىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئوسمان ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئالتاينىڭ ۋالىيسى بولغان. ئابدىكېرىمخان مەخسۇم ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئىسھاقبېك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى بولغان. ئەيسا، جوڭ دېخۇا، گۇەن زىلياڭلار ھۆكۈمەت ئەزاسى بولغان. بىتىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ھەرقايسى ناھىيەلەردە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇيرۇق بىلەن تەيىنلەنگەن زومىگەر چىرىك بەگ، ئامباللار ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەلق ھىمايە قىلىدىغان ھاكىملار دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلدى. خەلق ھوقۇقى مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، نامرات ئاۋام ئۈستىدىكى زور مەجبۇرىي غەللە- پاراقلار، قالايمىقان ئۇرۇش- سولاش، ئۆلتۈرۈش... قاتارلىق ناھەقچىلىكلەر خېلى يەڭگىللىدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشى ئۈمۈدكە تولۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ كۈچەيدى. بىراق بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى. شىنجاڭغا بايلىق توپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يېنىنى چىڭداش مەقسىتىدە ئەسكەر بولۇپ چىققان بىر قىسىم گومىنداڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى بۇنداق يېڭى ۋەزىيەتتىن نارازى بولۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە يەنە بەزى چوڭ- كىچىك پاراكەندىچىلىكلەرنى تېرىشقا باشلىدى. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسىدىكى مەنسەپدارلىرىمۇ بۇ خىل قىلمىشلارغا قارىتا ئۈنۈملىك چارە قوللانمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كۆرۈنىشتە بىتىمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ، ئاستىرىتتىن ئۇلارنى قوللاپ ۋە بەزى سۇيقەستلەرنى مەخپىي پىلانلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قالايمىقان ئادەم قاماش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق فاشىستلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئىشپىيۇن، جاسۇسلارنى ئىشقا سېلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى مەخپىي قەستلىمەكچى بولغان، بىر نەچچە قېتىم ئاشكارە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ، ئۆيلىرىنى نەزەربەنت قىلىشتەك شۇملۇقلاردىنمۇ باش تارتمىغان. دېمەك، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىتىمنى ئاللىقاچان يىرتىپ تاشلىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەسلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبەرلىرى ۋە خادىملىرى 1947- يىل 3- ئايدا، بىر تۈركۈم خادىملارنى ئۈرۈمچىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزلىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

دېمەك، « ئون بىر ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » نىڭ ئىمزالىنىشى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ۋە رىيال ئەھمىيتى شۇكى: بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي باراۋەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۆرەشتە، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ئىگە دۈشمەن ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرىلگەن زور غەلبە بولۇپ، بىتىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا زور ياخشىلىنىش بولغان. ئاممىنىڭ ئىددىيسىدە يېڭى ئويغۇنۇش بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ۋە ئىنقىلابىي كۆرەش ئىرادىسى چىڭىغان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتىرىلگەن. گومىنداڭ فاشىستلىرىنىڭ ھەقىقىي رەزىل ئەپتىبەشىرىسى ئاشكارلىنىپ، زورلۇق- زومبۇرلۇقلىرىمۇ كەسكىن قارشىلىقلارغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى تېزلەشكەن. پۈتۈن شىنجاڭ دائىرسىدە زور بىر تۈركۈم ئىلغار ئىنقىلابىي زىيالىيلار، پىداكارلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. ئىزىلگەن، خارلانغان، ھاقارەتلەنگەن ئاددىي ئاۋامنىڭ قەددى كۆتۈرىلىپ، غورۇرى قەدىر- قىممەتكە ئېرىشكەن.   

ئازاتلىق ھارپىسىدا شىنجاڭدا قۇرۇلغان، گومىنداڭغا قارشى بىر قىسىم ئىلغار ئىنقىلابىي پارتىيە، تەشكىلاتلار

1944- يىلى يازدا ئىلىدا باشلانغان، گومىنداڭ مىللىيتارىست، ئىستىبدات ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ- قات زۇلۇم- سىتەملىرى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان قۇراللىق قوزغۇلاڭ ئارقا- ئارقىدىن غەلبىگە ئېرىشىپ، 1945- يىل 1- ئايغا كەلگەندە، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى ئۈستۈن ھەربىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان گومىنداڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ. بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 30 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلىرىمۇ خېلىلا كۈچەيگەن ئىدى. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىنقىلابىي كۆرەش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنىدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىمۇ يۇقىرى چەككە يېتىپ، ئۇلار بىئەجەل ئۆلتۈرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ سانىلا 100 مىڭغا يەتكەنىدى. بۇ خىل تارىخىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، كۆرەشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەخمەتجان قاسىمىي، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ۋە سەيپىدىن ئەزىزىگە ئوخشاش ئىنقىلابىي ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاساس قىلغان بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىلار قوشۇنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. ئۇلار ئىنقىلابنىڭ جاپالىقلىغى، مۇرەككەپلىكلىگى، كەسكىنلىكىنى شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىكلىگىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى پىدائىلار كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، قوشۇننىڭ ۋە خەلقنىڭ سىياسىي، ئىنقىلابىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە بەل باغلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل شارائىت زىددىيەت بىر قەدەر مەركەزلىك ئەكىس ئەتكەن غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن بىر قىسىم ئىلغار ئىنقىلابىي پارتىيە، تەشكىلاتلارنىڭ پائال مەيدانغا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تەسىرى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بىر قەدەر زورراقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى: بۇ تەشكىلات 1945- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان يولداش ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقىدا غۇلجىدا قورۇلغان. تەشكىلات رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەركىزىي كومېتىتى قۇرۇلۇپ، ئابدىكېرىم ئابباسوۋ رەئىسلىككە سايلانغان. تەشكىلات ئۆزىنىڭ نىزامنامىسى ۋە كۆرەش پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇزۇن ئۆتمەي تەشكىلاتنىڭ تەسىرى ۋە دائىرىسى ئالدى بىلەن ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگە، ئاندىن ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايىتى دائىرىسىگە كېڭەيگەن ۋە جاي- جايلاردا تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسى ۋە نىشانى؛ ئازات رايۇنلاردا مۇتىئەسسىپ، قالاق، خۇراپىي دىنىي كۈچلەر ۋە كۈەشنىڭ ئىستىقبالىدىن گۇمانلىنىپ، ئىددىيدە تەۋرىنىپ، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش غەرىزىدە بولىۋاتقان كۈچلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش. كەڭ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى دېموكراتىزملىق ئىدىيە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، سىنىپىي كۆرەش تەربىيىسى ۋە تەشۋىقاتىنى قانات يايدورۇپ، كەلگۈسى سوتسىيالىزىم بەرپا قىلىش بىلىملىرى توغرىسىدا ئاساسىي تەربىيە، تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى.

2. خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى: « خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى » قىسقارتىلىپ « خ ئى پ » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پارتىيە « ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى » نىڭ پروگراممىسى، تەشەببۇسى، پائالىيەتلىرى ۋە تەرەققىياتى كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توسالغۇ ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1945- يىل 12- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى ۋە قارارى بويىچە قورۇلغان، ئارقىدىنلا بۇ پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىل قىلىنغان. پارتىيىنىڭ پروگراممىسى، نىزامنامىسى تۈزۈلگەن، كۆرەش نىشانى بېكىتىلگەن. بۇ پارتىيە ئىچكى جەھەتتە « لېنىنچىلار پارتىيىسى » دەپمۇ ئاتالغان ھەمدە « لېنىنچى » دىگەن سۆزدىكى يەتتە ھەرىپنى يەتتە نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەر قايسىسى بىردىن مەخپىي ئىسىمنىڭ باش ھەرىپى قىلىپ قوللانغان. بۇ مەخپىي ئىسىملار « لېتىپ »، « ئىلغار »، « نۇر »، « ئىلدان »، « نىجات »، « چولپان »، « ئىجات » دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى مۇشۇ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزلىرىلا بىلىدىغان ۋە مۇھىم، مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشتا قوللۇنۇش قارار قىلىنغان. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. باشقا ئالتە نەپەر ئەزامۇ ئايرىم- ئايرىم ھالدا كونكرېت ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. پارتىيىنىڭ پروگراممىسى ۋە نىزامنامىسى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى كۆرەش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پروگرامما، نىزامنامىسىگە ئاساسلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، پارتىيىنىڭ مەقسىتى، كەلگۈسى نىشانى ئېنىق كۆرسۈتىلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىپىسى ئۈچ ۋىلايەت خەلقىگە، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىنى تولۇق غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش؛ شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش؛ پارتىيىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش- دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ماركىسىزم، لېنىنىزم- دەپ بېكىتىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەستۇر- دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پارتىيە تەشكىلاتى غۇلجا، چاپچال قاتارلىق جايلاردا فىئۇداللىق تۈزۈم ۋە دېھقانلار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، ماتىرىيال توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. پارتىيىنىڭ چاقىرىقى بويىچە، مىللىي ئارمىيە ئىچىدە خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، « ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى » نىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىلىك ئىنقىلابىي ئىدىيە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قىسقىغىنا يېرىم يىلدا پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگىچە كېڭەيگەن. 1946- يىل 6- ئايغا كەلگەندە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 4 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1946- يىل 6- ئايدا تىنچلىق بىتىمىنىڭ روھى بويىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، « خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى » نىڭ كۆپ قىسىم مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە، پارتىيىنىڭ تەسىرىمۇ شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كونتروللىغىدىكى رايۇنلارغىچە كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۈرۈمچىدە خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئىلغار ئىنقىلابىي ياشلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن « شىنجاڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى » دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنى كوللېكتىپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، پارتىيىنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايغان. « خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى » شۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان ھەمدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى بىر قاتار تەشۋىقات- تەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. 2946- يىل 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. بۇ پارتىيە شىنجاڭ خەلقىنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىنقىلابىي كۆرەشلىرى جەريانىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرۇتۇپ، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازاتلىق ھەركىتىنى قولغا كەلتۈرىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

3. ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى ۋە كەينى- كەينىدىن زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە ئەگىشىپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر بۆلۈك ھەر مىللەت ئىلغار ياشلىرى تەرىپىدىن « ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلقچىل ياشلار بىرلەشمىسى »، « خەلقچىل ئىنقىلابىي ياشلار ئازاتلىق تەشكىلاتى »، « شىنجاڭ خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتى »، ۋە « خەلقچىللەر بىرلەشمىسى » دېگەنگە ئوخشاش بىر نەچچە ئىنقىلابىي پارتىيە، تەشكىلاتلار ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلغان. ئىنقىلابىي ياشلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىگىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك كۆرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسى ۋە كۆرەش نىشانى ئورتاقلىققا ئىگە بولغاچقا، 1949- يىلنىڭ بېشىغا كەلگەندە بىرلىشىپ، « ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى » بولۇپ ئويۇشقان. بىرلەشكەندىن كېيىنكى ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى نۇسرەت شەھىدى، توختى قۇربان قاتارلىق ئىلغار ياشلار ئۈستىگە ئالغان. تەشكىلاتنىڭ ئون باپ، 49 ماددىلىق نىزامنامىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا « ئىزىلگەن ئەللەر بىرلىشەيلى! »، « ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىق جىنايەت! » دېگەندەك شۇئارلار بار ئىدى. بۇ تەشكىلات « توغرا يول » ناملىق گېزىت ۋە ژۇرنالمۇ چىقارغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ 1949- يىللىق 3- سانىدا يولداش ماۋ زېدوڭنىڭ « خەلق دېموكراتىيسى دىكتاتۇرسى توغرىسىدا » دېگەن ماقالىسى، گېزىتنىڭ شۇ يىللىق 4- سانىدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنى قارشى ئېلىش توغرىسىدا باش ماقالا ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتمۇ 1950- يىلى تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەمەلدىن قالغان.

4. ئىنقىلابىي ياشلار ۋە زىيالىيلار تەشكىلاتى: بۇ تەشكىلات 1945- يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭغا قارشى ئىلغار ياشلار تەرىپىدىن مەخپىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا گومىنداڭنىڭ ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 18 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە يەرلىكتىكى 70 تىن ئارتۇق ياشلار قاتناشقان. ئۇلار گومىنداڭ مىللىيتارىستلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارشى مەخپىي كۆرەشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، شۇ يىلى 5- ئايدا خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن پاش بولۇپ قېلىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپ بىر قىسمى دەھشەتلىك قىيناقلارغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. بىر قىسمى تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلاردىن ھايات قالغانلىرى 1946- يىل ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ دائىرلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەن.

5. شىنجاڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى: بۇ تەشكىلات 1944- يىلى ئۈرۈمچىدە خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىلغار ئىنقىلابىي ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. لى تەييۈي، لو جى قاتارلىق ياشلار باشچىلىغىدا قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات ئاخبارات، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى تەربىيەلەپ ۋە ئويغىتىپ، گومىنداڭنىڭ فاشىستىك تۈزۈمىگە قارشىي كۆرەش قىلىشقا چاقىرغان. « كۆرەش » ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە تارقاتقان. بۇ تەشكىلات 1946- يىل 6- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئالاقە باغلاپ، كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇشقان. ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆرەش قىلىش تۈپ مەقسىتى بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن چوڭراق بىر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك تونۇشقا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجىدا قۇرۇلغان « خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى » گە قوشۇلۇپ كەتكەن. « كۆرەش » ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يولداش لو جىنىڭ خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچراپ ئوڭۇشلۇق بولمىغاندىن كېيىن، يولداش ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ سەيپىدىن ئەزىزىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

6. شىنجاڭ خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى: بۇ پارتىيە ئەسلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان « خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى » بىلەن ئۈرۈمچىدىكى « شىنجاڭ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى » بىرلەشكەندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان يېڭى پارتىيە نامى بولۇپ، بۇ پارتىيە 1946- يىل 11- ئايدا يولداش ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوۋلار نەنجىڭگە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نەنجىڭدىكى ۋەكىلى يولداش دۇڭ بىۋۇ بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دۇڭ بىۋۇنىڭ يوليۇرۇقى ۋە يۇقىرقى ئىككى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىككە كېلىشى بىلەن قايتا قۇرۇلغان. يولداش ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، سەيپىدىن ئەزىزى، لى تەييۈي، ئەسئەت ئىسھاقوۋ، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، ئەنۋەرخان بابا، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، ئابدۇللا زاكىروۋ، چىن شىخۇا، لو جى، يۈي جيەنلىن، يۈي جاڭجىلەر مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. گومىنداڭ دائىرلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈشكەن « ئون بىر ماددىلىق تېنچلىق بىتىم » ىگە بىشەملىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئەسلى ماھىيتىنى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، 1947- يىل 3- ئايدا ئاتالمىش « ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت » تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، « شىنجاڭ خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى » مەركىزىي كومېتىتىنىڭ باش ئورگىنىمۇ غۇلجىغا يۆتكەلگەن. پارتىيىنىڭ لى تەييۈي، چىن شىخۇا قاتارلىق مەركىزىي كومېتىت ئەزالىرىمۇ غۇلجىغا يۆتكىلىپ، لو جى، يۈي جيەنلىن قاتارلىق ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچىدە قېپقېلىپ، پارتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىنى تاكى ئازاتلىققىچە داۋاملاشتۇرغان.

7. شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى: بۇ ئىتتىپاق 1948- يىل 8- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن غۇلجىدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق ئىنقىلابىي پارتىيسى بىلەن بىرلىشىپ « ئىتتىپاق » دەپ ئاتالغان. « ئىتتىپاق » نىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان بولۇپ، 1948- يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان ئەزالىرىنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. كېيىن شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ناھىيەلەرگىچە تەرەققىي قىلىپ، ئۆلكە ئازات بولغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى 80 مىڭدىن ئاشقان. « ئىتتىپاق » نىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى؛ تۈرلۈك تەلىم- تەربىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات، مائارىپ، ئاقارتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، خەلقنى نادانلىقتىن، ساۋاتسىزلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، گومىنداڭغا، جاھانگىرلىككە، مىللەتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، زامانغا لايىق ئىدىيە ۋە ئاڭغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش، باي رادىكال كۈچلەر ۋە ئەسەبىي خۇراپىي كۈچلەر بىلەن ئىمكانقەدەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە رايىنى قولغا كەلتۈرۈش... قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي كۆرەشنىڭ غەلبە مىۋىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ئىنقىلاب جەريانىدىكى خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى تۈزۈتىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ۋە ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبە خەۋەرلىرىنى تارقىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ تەشكىلات يەنە ئۇيغۇرچە « ئىتتىپاق »، قازاقچە « ئوداق » دەيدىغان گېزىت، ژۇرناللارنى چىقىرىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئاخباراتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان. « ئىتتىپاق » نىڭ كۆرەش نىشانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭكى بىلەن بىردەك بولغاچقا، شىنجاڭ ئازات بولغاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ، 1950- يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يۇقىرقىدىن باشقا يەنە ئەينى يىللىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ « ماركسىزمنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى »، « ماركسىزمچىلار ئىتتىپاقى »، « ياش ئۇچقۇن ئىتتىپاقى »، « مىللىي نىجاتلىق »، « ساۋاقداشلار ئويۇشمىسى »، « مىللىي ئازاتلىق تەشكىلاتى »، « ماركسىزم، لېنىنىزم ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى » دېگەنگە ئوخشاش گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسەت، تۈزۈملىرىگە قارشى بىر تۈركۈم مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلار ياكى تەشكىلات خاراكتېرىدىكى گۇرۇپپىلارمۇ مەخپىي قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىسى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولماي پاش بولۇپ قېلىپ تەقىپ قىلىنغان، بەزىلىرى ھەر خىل شارائىت ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزۇن داۋام قىلالماي تارقىلىپ كەتكەن. يەنە بەزىلىرى يۇقىرقىدەك بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

ئومۇمەن، يۇقىرقى ئىنقىلابىي پارتىيە تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىڭ پىداكار جەڭچىلىرى تۈرلۈك جاپالىق ۋە خەتەرلىك شارائىت ئاستىدىمۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مەۋجۇت بولۇشتىكى مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ سىناقلىرىغا قەتئىي تىز پۈكمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرىگە قارشى ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئازات بولۇشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 11:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 10:42:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقاي بۇ كىتاپنى بىر چاغلاردا دادام ئوقۇغان ئاداش بۇ كىتاپ ھەقىقەتتەن ئوقۇپ قوياشقا ئەرزىگۇدەك ياخشى كىتاپ ئېكەن. تارىختىن خەۋەردارقىلغنىڭىزىغا- تەشەككۈر!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 10:45 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 256
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9955
تۆھپە نۇمۇرى: 699
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:54:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز . رەخمەت قېرىندىشىم.

پىنھانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:56:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئاز يەپ ئاز كەيسىمۇ كۆڭلى ئازەدە ياشىسا ھايات دىگەن شۇنداق بەخىتلىك بولۇدۇ-دە.چۈنكى ئادەمنىڭ تەرەت قىلغۇسى كەلگەندە مىھمانخانىدىن  ھاجەتخانا ھوزورلاندۇرغاندەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا يانداشتۇرۇپ «ئەخمەتجان قاسىمنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر مەسىلىلەر» دېگەن ماۋۇ تېمىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار.

http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=851 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 12:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 03:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاب ھەقىقەتەن ياخشى. مەندە تۈنجى نەشىرى بار . قىنى كىمدە يەنە بار

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34634
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 07:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرۇپىلان ھادىسسى، بۇنۇڭغا مەن ئىشەنمەيمەن............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:05:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سەيپىدىن ئەزىزىگە تازا ئىشەنمەيمەن.مەن ئۇنى ئېنىقلا ۋەتەن خائىنىمكى دەپ قالىمەن.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85288
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 05:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش