مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4543|ئىنكاس: 34

مەن ئۆزەمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93823
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 794
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 08:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندا ئالىم ئەھەتنىڭ ۋە باشقا قىرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن Windows8ئۇيغۇرچىلاشتى.ھەممەيلەن خۇشاللىق بىلەن بۇسېستېمىنى سېتىۋالدۇق.چۈنكى بىز بىر تىل كرىزىسقا دۇچ كەلدۇق ،بۇ كېرزىسنى ئازراق ئەقلى بار ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى  خېلى چوڭقۇر ھېس قىلدى .مەنمۇ بۇسېستېمىنى سېتىۋېلىشى ئارقىلىق بۇ كرىزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم ،بۇسېستېمىنى ئىشلىتىش ۋە<قانۇنى يول>،<گۈلەن>قاتارلىق ھەققى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تور يۈزىدە كۆرگەندىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەققىدە ۋە ئائلەمنڭ ئۇيغۇر ئائېلسى، پەرزەنتىمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇشى ھەققىدە ئويلىنىپ مەن ئۆزۈمنى ئائىلەمنى ئۇيغۇرلۇققا قايتۇرمىسام،پەرزەنتىمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.مەن ئۆزۈمنى ۋەئائلەمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇچۇن تۆۋەندىكىلەرنى قىلمىسام بولمايدىكەن دەپ ئويلىدىم
1.ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ۋە ئايالىمنڭ ئېغىز تىلىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش.تېلىمىزدا يوق سۆزنىلاباشقا تىلدا دەپلا قالماستىن تىلىمىزدا بار سۆزنىمۇ باشقا تىلدا دەيدىكەنمىز ،مەسىلەن تېلفۇن نۇمىرى ساپما كەش (توشەي) ئىمتىھان سوئالى(جۇەنزە)،ئورۇندۇق(بەندىڭ)سۇيقاش(خۇيمەن)...... بۇجەھەتتە خەن يولداشتىن ئۆگەنسەك بولغۇدەك مەن تونۇيدىغان بىرسى بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى كەسپىدەئوقۇغان ،ئۇيغۇرچە گەپ قىلساڭ چۈشەنمىدىم دەپ خەنچە سۆزلەشكە مەجبۇرلايدۇ لكىن بىرئېغىز تىللاپ قويسا مەنىسىنى دەرھال چۈشىنىپ خەنچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
2.  پۇل خەجلەشنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى.
ھەممە ئادەم بىلىدۇ پۇل ناھايىتى مۇھىمى پۇل خەجلەش تىخىمۇ مۇھىم
يېقىندا توردا شىنجاڭلىق پۇتبول چولپانلىرى ئېقدىسات سەۋەبىدىن
بىچارە ھالغا چۈشۈپ  قالغانلىقى بەس-بەستەئېلان قىلىنغاندا كۆپچىلىك دەرھال (ئارمان)،(ئىخلاس)..قاتارلىقلارنى ئەسكە ئېلىشتى لېكىن ھېچكىم بۇ شىركەتلەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىىرغىچە بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قانچىلىك سېتىۋالغانلىقىنى،تاپقان تەرگىنىڭ خىلى كوپ قىسمىنى باج قىلىپ ئالغانلارنى ياكى داڭلىق ماركا،بەك ياخشى دەپ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان كارخانا،شىركەتلەرنى ئويلاپ باقمىدى ئويلىسىمۇ بىكار چۈنكى ئۇلار ياردەم قىلمايدۇ.لىكىن بىز ياردەم كۇتكەن <ئارمان>،<ئىخلاس>نىڭ ياردەم قىلاي دىسمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرماننى يوق ،ئەسلى ئۇلارنىڭ <دەرمان>نى بىزنىڭ قولىمىزدا بار ئىدى لكىن بىز بەرمىدۇق.
دىيارىمىزدا 10مىليون ئۇيغۇر بار،بىر ئۇيغۇر كۇندە بىر يۇەن خەجلىسە بىر كۇندە ئاز دىگەندە 10 مىلىيۇن خەجلەيدۇ ئۇلار كۈندە يەيدۇ كىيىدۇ ئىچىدۇ.يېمەك -ئىچمەك كىيىم كېچەكنى ئۆزىمىزنىڭ مېللى كارخانىلار نىڭكىنى،مېللى دۇكانسارايلارنىڭكنى  سېتىۋالساق.ئۇلارمۇتىرىشىپ سۈپەتنى ياخشىلىماسمۇ،داڭلىق ماركا ياراتماسمۇ،باشقا كۈن چۈشكەندە .ئېغىركېسەل بولۇپ ئېقدىسات قىينىلىپ ئازابلىق تەلمۈرگەندە ياردەم قىلماسمۇ؟.... خۇدابەرگەن تۇغما بەدەن ساپاسىغا ئىگە لېكىن ئېقدىسات سەۋەبىدىن ياخشى تەربىيلىنەلمىگەن ئۇيغۇر  پۈتبۈلچلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە چولپان بولۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرمەسمۇ؟.... گۇنا كېمدە؟؟.. ئالتۇن تاۋاق كۆتۇرۋىلىپ تىلەمچىلىك قىلىش كىرەكمىكەن؟...
3.  ھېيت-بايرامنى ئورۇپ ئادەتنى ئۇيغۇرچىغا قايتۇرماقچى..ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ، تۇغۇلغان كۈن....سۈننەت توي ،ئات توي ،ئېشەك توي...دېگەندەك بايراملارنى تۇرمۇشۇمدىن  يوقاتماقچى .نېمە ئۇچۇن يوقاتماقچى-مەن تونۇيدىغان بىر نەچچە ئامانلىق ساقلىغۇچى بار ئىدى ئايلىق مائاشى 600يۈەن ئەتراپىدا ،بىر كۈنى بىللە ئامانلىق ساقلىدۇق ئۇلار گەپ ئارىلىقىدا ئاشىق-مەشۇقلاركۈنى ئىلگىرى تۇتۇپ قۇيغان ئاشنىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنى ھەر بىر نىڭ يېندىن1000يۈەن ئەتراپىدا پۇل سەرپ قىلىپ گۈل ئىلىش ،كتۋغاچىقىش ،ياتاق ئىچىشكە سەرپ قىلغانلىقنى ،ھازىر ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باللىرىمۇ بىر نەچچە ئاي پۇل جۇغلاپ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى   زوق شوخ بىلەن سۆزلىدى ،كىيىن بىر نەچچە ئاي بايرام ئۆتكۈزگەننىڭ دەردىنى تارتاتتى.......ئۇنداق قىلمىسام مېنىڭ بالاممۇ<مىرزا چاغان >دەك چاغاندا مەسنەۋى يېزىپ ئاتا-بوۋىسىغا ھاقارەت قىلمىسۇن- يەنە.
4.  يېمەك –ئىچمەكنى ئۇيغۇرچە قىلماقچى ،تۇرمۇشىمىزغا ھارام ياكى شەك بار نەرسىلەر ئۇن تۇنسىز سىڭىپ كىرمەكتە .بىزنىڭ دانا ئاتا بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى تەجرىبىلەرئارقىلىق نىمنى يېيىش نىمنى يىمەسلكىنى خۇلاسىلەپ بەرگەن ،ئىلگىرى يېمەك–ئىچمىكىمىز ساپ بولغاچقا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى ،70-80گە كىرىپ قالسىمۇگۇس گۇس دەسسەپ ماڭدىغان كۇچتۇڭگۇر پالۋانلار چىققان بۇ يۇرتتىن،كۈندىن –كۈنگە40-50كە كىرىپ بولغۇچە دوختۇر خانىدىن كېلەلمەيدىغان كېسەل كۆرپىلىرى ،ئىسمىدىن بىلمىسە قىز ياكى ئوغۇللۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئەۋلادلار بارلىققاكەلمەكتە..2003-يىلى دۇنيانى چۆچۈتكەن سارىسنىمۇ خەنلەر مولۇن(مۈشۈكنىڭبىر تۇرى)يەپ تاپقان .ئەيدىسمۇ ئورانگۇتاندىن تارالغان.....شۇڭا يېمەك –ئىچمەكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى
5.   كىيىم –كېچەكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى نېمە ئۇچۇن؟.....كىم خوتۇن قىزلىرىنىڭ پاھىشىدەك كىيىنىپ كوچىلاردا مېڭىشنى ،ئەرلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن خوتۇن قىزلىرىڭىزنىڭ كاسا ،يوتا،ئەمچەكلىرىگە قارىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.كاسىلىرىنى سويمىدەك چىقىرىپ يوتا–ئەمچەكلىرىنى ئوچۇق قويغانلار بىلەن نورمال كىيىنگەنلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ،ھىندىستاننىڭ باسقۇنچىلار دۆلىتىگەئايلىنىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى ھاۋا سەۋەبىدىن ئايالارنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشى ،ئەرلەر نىڭ مېڭىسىنى شەھۋانىينى ئۇچۇر بىلەن غىدىقلاش سەۋەبىدىن  كېلىپ چىققان ،نورمال ئەركىشى بولسا ئاشۇنداق ئاياللارغا قارىسا جىنسى ھەۋىسى قوزغىلىدىغانلىقى ھەممە ئەر-ئايال بىلىدۇ قوزغالمىسا ھەيران قالسا بولىدۇ .يېرىم يالىڭاچ كىينشنى پاھىشىلەر ۋە پاھىشە خانا خوجايىنلىرى ئارزۇ قىلىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالۋۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 08:26 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
furkat2 + 15 تەپەككۇرى كۈچلۈك
孤独———狼 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
quwax + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
چىقىن + 50 ماختاشقا تېگىشلىك يار.
zumrettash + 100 سىزدەك ئۇيغۇرلىرىم كۆ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 275   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:28:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۈر،ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىپسىز ،ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا ۋە قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلار ،ئەتراپلىق ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:30:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى مەن بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يېزىپتىمەن . بىز نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر بولغانكىن ئۇيغۇرچىلىشايلى . ئۇيغۇر بولۇپ توغۇلدۇق ئۇيغۇر بۇلۇپ ئۆلەيلى ھەم ئۇيغۇر بولۇپ ياشايلى .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11349
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5112 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:48:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىرىڭىزنى قوش قوللاپ قوللايمەن!!تىما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام سۈننەت توي ئۇيغۇرنىڭ ئۆرىپ-ئادىتىگە زىتمۇ؟..تەپسىلى چۈشەنچە بەرسىڭىز.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DAWRAN0991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 11:49 AM  


مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 11:58:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللاشقا تېگىشلىك ياخشى تېما، مەن نادىرلاشقا بىربىلەت تاشلاي.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر  نېمىدىگەن يېقىملىق ئىسىم - ھە!

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92355
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2013-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:53:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن  مۇشۇنداق  ئۇيلىساق  بەك  ياخشى  بۇلتى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:30:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن.ھەقىقەتەن ئەمىليەتچانلىقى كۈچلۈك بىر تىمىنى يوللاپسىز.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90462
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1322
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 02:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە ياخشى تىمىغىمۇ ئاران بىر بەت ئىنكاس چۇشۇپتۇ.قارىغاندا ئۈزىنى ئۇيغۇرلاشتۇرماقچىلا  بەك ئاز ئوخشايدۇ

ئوتى ئۆچكەن كۈلدىن چوغ تىلىگىچە،يېنىپ باقمىغان ياغاچلارغائوت ياق!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 02:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىك ما تېمىنى ئوبدانراق ئويلىشىلى ھە

تېما ئىگىسىگەرەھمەت

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش