مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1847|ئىنكاس: 16

‹‹قانلىق ئىز››دىكى مۇناپىقلارغا بىر تەستەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4931
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانلىق ئىز»دىكى مۇناپىقلارغا بىر تەستەك
قاراخان

قەلەم ساھىبى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ «قانلىق ئىز» ناملىق رومانىدىكى «مۇناپىق»لارغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيىنى پەملەپ باقتىم. توق-تولۇق بولمىسىمۇ تونۇشۇم، قارار تېپىپ ئەسەبىي مۇناپىقلارغا بىر تەستەك سالدىم. بۇنىڭ جاۋابى بەدىلىگە  ماڭا يەنە بىر تەستەك تەگمەس دەپ ئويلايمەن .
بىزدە ئەقىل ۋە ھېسسىياتقا مۇراجىئەت قىلىپ ،تۈرلۈك مۇقامدا ئەسەر يېزىۋاتقانلارمۇ، خىلۋەت جايدا تۇرۇپ ئاشۇ سۈرەن–سادالارغا تۇيغۇن يۈرەكتە قۇلاق سېلىۋاتقانلارمۇ خېلى بار .ئۆزىنىڭ «سوغۇق تام»،«ئارمان»، «يىمىرىلىش» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن كىتابخانىلار ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ تارىخىي رومانى «قانلىق ئىز» بىر تاۋاق ھالال نېسىۋىدەك كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولغىنىدا يازىدىغان ۋە يازمايدىغانلار بۇ پەخىرلىك ئەمگەككە ئىپتىخار بىلەن تەشەككۈر ئېيتىشتۇق .
ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى ، بەدىئىي قىممەتلىرىنى كۆڭۈل تەستىقىمدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ بىردىنلا بىر پۈتۈن ئەسەر گەۋدىسىدە لەيلەپ يۈرگەن زۇلمەت كۆلەڭگىسىگە دىققىتىم ئاغدى .
            ئەنە تەڭسىزلىك ھامىيسى ،ھاكىمىيەتنىڭ رايىش ئىجراچىسى.مۆمىنلەر ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ،قېرىنداشلار دۈشمىنى تۇرسۇن تىڭتىڭ ،زاكىر قۇلاق ، ھوشۇر پالاق ، ئايسىخان جۈيجاڭ شۇنداقلا ۋىجدان سوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسىي- خائىن بولۇپ كەتكەن ئەمەتلەر...ئۇنىڭ قارىشىسىدا تۇرغان ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى ،ئەل- يۇرت غېمىدە كۈل بولغان، كۈن- تۈن ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئانا يۇرتىغا پاسىبان، خەلققە قالقان بولۇپ يۈرگەن شامالخان ۋە بارات پالۋانلار...ئالدىنقىسى كېيىنكىلەر ئالدىدا تولىمۇ چۈپرەندە، تولىمۇ شەرمەندە سۈپەت تەسۋىرلەنگەن يىرگىنچلىك ئاسىيلار توپى بولۇپ گوياكى بىزگە بىر دۆۋە نىجاسەتتەك كۆرۈنىدۇ.
بىز پسىخىك ئانالىز ئارقىلىق ئاپتور قەلىمى ياراتقان پېرسوناژلار يۈرىكىدىن شەپە ئاڭلايدىغان بولساق ئىجابىي قەھرىمانلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇتاشتۇرغىلى بولمايدىغان چوڭقۇر ھاڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلىمىز .ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئاپتور ئەسلى زاتىغا مۇناسىپ ھالدا بېجىرىم ۋە سۇمباتلىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن . باھادىر پالۋانلارنىڭ ئاشۇ ئۆلمەس روھى، تەسلىمسىز يۈرۈشلىرى مېنى ھاياجانغا سېلىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا، ھەققانىيەت ئاسىيلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى قويۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ، ئاداۋەتكە سالاۋات قىلمايدىغان نازارەتچى كۆڭلۈمنى توپان بالاسىدەك پاراكەندە قىلدى. نەتىجىدە، دېڭىز ئاستىدىمۇ چاقماق چاققاندەك مېنىڭ ئۈمىد قىلغىنىمدىن ئارتۇق بىر نەرسە زېھنىمغا زوق، روھىمغا مەدەت تارتىپ ئىپتىخار تۇغۇمنى يەنىمۇ لەپىلدەتتى. بارات پالۋان باشچىلىقىدىكى غازى ۋە شېھىتلەرنىڭ بىزگە- مەزلۇملارغا ئاسايىشلىق يارىتىش يولىدا باسقان قانلىق ئىزلىرىنى ئويلاپ ئورۇنلۇق سەۋەب ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار ھامان ھەققانىيدۇر، دېگەننى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم .
            رومان ماڭا رەڭگە- رەڭ مۇناپىقلار شۇنداقلا ئىنقىلابى ھايانكەشلەرنىڭ  سۇيىقەستىدە  قاسىراق تاشلىماي گۆھەردەك خىسلىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن شامالخاننى كۆرسەتتى. ئاپتور ئەسەرنى رېئالىستىك ئىجادىيەت مېتودىغا تارتىشىپ يازغان بولسىمۇ، قىسمەن يەرلەردە ئەسەر ئېھتىياجىغا يارىشا رومانتىك ئېلېمېنتلارنىمۇ ماھىرانە ئىپادىلەپ نىشانلىق ئوق ئۈزەلىگەن. رومان تېكىستلىرىدە بىز شامالخاننىڭ گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي، كۆرۈنسىمۇ ئېزىلگۈچىلەر قەلبىگە بىر ئىشتىياق ئوتنى سېلىپ قويۇپ گوياكى تاشقى پلانېتا ئادەملىرىدەك تەركى غايىب بولۇشنى ئىزتىراپ ئىلىكىدە ئويلانماي تۇرالمايمىز. ئۇنىڭ قىسمەتداشلىرى  ئۈچۈن بارلىقىنى پايخان قىلىپ تۇرۇقلۇق قارا يۈز ۋە ئار- نومۇس خىيانەتچىلىرى ئارىسىدا يېتىم، ھىمايىچىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشلىرى، ئاشۇنداق تەتۈر قىسمەتنىڭ ئۇزاق  ۋاقىت  داۋاملىشىشى بىزنى خائىن- ساتقىن، دەيۈز، مۇناپىقلارنىڭ ھەر قاچان غالىب كېلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا ئەسىرلەپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بىرلىرى ئادالەتكە قاراپ جاسارىتىنى ئاقساتقان بۇرچقا ھاياتى كۈچ بەخش ئەتمەكچى،يەنە بىرلىرى زالالەتكە قاراپ تەقدىر- چۇلۋۇرىنى ئۆزگىلەرگە تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاسىيلىق مۆھۈرىگە ئۆز شەرىپىنى نەقىش ئەتمەكچى. ئىككى خىل ھايات تاللىشى، ئىككى خىل ھايات كۆرۈنۈشى بىزگىمۇ دېۋەيلەپ، بىزنىمۇ ئېتىقاد مەيدانى كۈرىشىگە دالالەت  قىلىدۇ. بىز ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى تاغ يۈرەك ئوغلان، ئىنقىلاب سەركىسى بارات پالۋانغا قارىساق ئۇ بەك كەڭ قۇرساق.شۇغىنىسى ئۇنىڭدا ھەمىشە بىر خىل داھىيانە خىيال ھۆكۈمران. لېكىن ئۇنىڭدا ئەجەللىك بىر ئاجىزلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مەنىۋى دۇنياسى توزغاقنى ئەسلىتىدىغان زامان كورلىرىغا يەنى خائىن- ساتقۇنلارغا دوست تارتىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىش ياكى ئۇلارغا “ھازىدار» بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە پۇرسەت بېرىش.مانا بۇ ئۆلۈكتىن «ئىمان» تىلىگەندەك بىھۇدە كۈتۈشتۇر.ئۇنىڭ بۇنداق زىيادە «ئىلتىپاتى» قول ئاستىدىكىلەرگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكى  بولۇپ خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ تارىخىي ھاياتنىڭ قەھرىمانى ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقى، قارام ۋە تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ كاتتا ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمەيدۇ ، يەنى قولغا كەلتۈرگىنى، قولغا كەلتۈرىدىغىنىدىن ھەسسىلەپ ئاز بولىدۇ. كۆڭۈلچەكلىكنىڭ ئاقىۋىتى غەپلەت، ئاق كۆڭۈللۈكىنىڭ خۇلاسىسى پۇشايمان ۋە دۆتلۈك بىلەن ھەسرەتلىك تىنىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ . خالاس! ئۇنىڭ مۇشۇ سەۋەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك، ئۇ بىر سېپى ئۆزىدىن مىللىي قەھرىماننىڭ تىپىك نامزاتى بولالايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرىگە تۇغىنى تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى غالىبلار تەنتەنىسىدەك پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەممە يېرىگە قىزىل ئېقىندەك سىڭگەن بولۇپ، بىز بىردە  «باتۇرلۇق» ھەققىدىكى جۇشقۇن بىر سىمفونىيىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تەسىراتلار دېڭىزىغا شۇڭغۇساق ،  بىردە مەجرۇھ قەلبىمىز تەقدىرى باشقىچە بولغان بىر ئىنقىلابنىڭ زەئىپ ساداسى ۋە نىمجان داۋرىڭىنى ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. قەلبكە ئۈمىد، زەپەر نەقىشلەنگەن ئاسايىش ئەلچىسى، ئاخىرى ئېلاستىك ئىستەكنىڭ مەغلۇپ قۇربانىغا ئايلىنىپ بارلىق ئەلۋەك نېمەتتىن تەلتۆكۈس مەھرۇم قالىدۇ. بۇنداق غايەت زور بەدەل تۆلەشنىڭ سىرى زادى قەيەردە؟!
             ئاپتورنىڭ جەمئىيەتكە بولغان سەزگۈر سېزىمى، زامان- ماكانغا بولغان سېلىشتۇرما ھالدىكى تەمكىن بايقىشى بۇ نۇقتىنى بىزگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئەسەردىكى نادانلىق، ئاسارەت- جاھالەت- زۇلمەت ئىلىكىدە نەپەس ئېلىۋاتقان، ئاز ئۇرۇق بىلەن كۆپ ھوسۇلدىن بەھرمەن بولۇۋاتقان ئاسىي كورلارنىڭ قىسمەتلىرىدىنمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى  پاجىئەنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشنىڭ دەل ئاسىلار گۇرۇھىنى يىتىم قالدۇرۇشتىن   ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس... مۇنۇ دىئالوگغا نەزەر سالايلى:«- جىم تۇرۇڭلار، ئەنە قاراڭلار، زاكىر قۇلاق، تۇرسۇن تىڭتىڭ، ھوشۇر پالاقلارنى... ئاۋۇ ئايسىخان جۈيجاڭنى كۆردۈڭلارمۇ؟» يۇقىرىقى دىئالوگلارنى ئوقۇۋېتىپ ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژلار بىلەن بىرلىكتە ئەتراپتا باقتىم ۋە خىيالەن ئۆزۈمگە قايتتىم، نەچچە مىڭ گېزەندە لالما ئىتتەك ئەتراپىمنى چۆرگىلەپ يۈرگەن بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا زاھىرلىنىپ ئىچىم ئاچچىققا تولدى. يىراق- يېقىننى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرۈپ، كىمگە؟ نېمىگە ؟ ئۆپكىدەپ كېتىشىمنى ئۆزۈممۇ قارار قىلالماي تولغاندىم .ئاخىرى: «مېنىڭ ئىشىم سەن بىلەن،
سېنىڭ ئىشىڭ كىم بىلەن»
  -دېگۈم كەلدى- دە،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېغىز ئاچتىم. روماندىكى مەزكۇر مۇناپىقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئەپتىنى كۆرمەسكە، رەسۋا قىلمىشلىرىنى بىلمەسكە سالاي دېسەم قىيامەتتە ‹بارات پالۋان›› لارنىڭ ئالدىغا يۈزۈمنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ باراي دەپ، قەلەمگە ئىلتىجا قىلدىم.
بىزدە خۇش- خۇشامەتچىلىك، ئىككى يۈزلىمە، كۆتۈرمىچىلىك ماكان- زاماننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىيالمايدىغان بىر خىلتارىخى  ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا كېرەك...بۇنىڭغا نەپرىتىم چەكسىز بولغاچقا، سۈكۈت قىلغۇم، مۇرەسسە قىلغۇم كەلمەيدۇ. خۇددى ئوت بىلەن سۇ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە بولمىغىنىدەك. ھاياتتا رەزىللىك بىلەن يۈكسەكلىك تاڭدىكى ئۇپۇق بىلەن زاۋالدىكى يوپۇقتەك بىر- بىرىگە خىرىس قىلىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، ئۆزگىلەر بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەسىز قارشىلىق بىر خىل قانۇنىيەتتەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۆزىمىزدىكى نائەھلىيلىك بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئازابقا سالماي قالمايدۇ. چۈنكى بىزدە «ئىچىڭدىن چىققان ئوت يامان، ئۆزۈڭدىن چىققان يات يامان» دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارە بار. ئەسەردىكى مۇناپىقلار دەل ئىچىمىزدىن چىقىۋاتقان «يات»لاردىن ئىبارەت. ئۇلار ھاياتتا كېرەكسىز نام- شۆھرەتكە مەستانە بولۇپ ماددىي پاراغەتنىڭ ھاياسىز قۇلى بولۇش ئۈچۈن پەيتى كەلگەندە خوتۇن- بالىلىرىنى دوغا تىكىپ دوستىغا، قېرىنداش- يۇرتدىشىغا جۈملىدىن مىللەتكە خائىن-ساتقىن بولۇشتىن ھېيىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەرمەندە ئاسىيلىقى ئاۋام ۋە كېيىنكىلەرنىڭ بەختسىزلىكىگە پىلتا بولۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەسىرلىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ . بىز يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىن ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈزلىمە، بىر باشلىق ئادەمدىن قورقۇشنىڭ نەقەدەر بىباھا سۆزلۈكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمايمىز. بۇ ھەقتە سۇخوملىنىسكىي مۇنداق دەيدۇ:«مۇناپىقلىق، خۇشامەتچىلىك، ئىككى يۈزلۈك ئەڭ زور ياۋۇزلۇق، نىقابلانغان بۇ ياۋۇزلۇقنى سېزىۋال، ئۇنىڭغا نىسبەتەن شەپقەتسىز ۋە مۇرەسسەسىز بول!»
      ئاپتورنىڭ قەلىمى نەچچە مىڭ مۇناپىق ئارىسىدىن تىپىك ھالدىكى تۆت مۇناپىقنىڭ ( ئەسەردىكى ئاساسلىق) سەسكىنىشلىك «سۆلەت»ىنى كۆز ئالدىمىزدا، كۆندۈرۈلگەن ئىت سىياقىدا كەلتۈرۇۇپ  ئوبرازلىق  سۈرەتلىگەن. ئۇلارنىڭ بىر قېتىم قاۋاپ قۇيۇشىلا ئۇلارنى بىر تال سۆڭەككە خېرىدار قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويۇلغان ئوغرىدەك مال ئىگىسىنىڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى دائىملا پايلاپ يۈرىدۇ. خۇددى بىر تۈننىڭ مىڭ ئوغرىسى بار، دېيىلگىنىدەك...
     تەمەگەرلىك ۋە ئۆزگىلەردىن شەپقەت كۈتۈش مۇناپىقلارنىڭ جان بېقىش ۋە يۇقىرىغا يامىشىشدەسمايىسى. ئاپتور ئەسەردىكى ئاشۇ مۇناپىقلارنى ئۇلۇغ شەخسلەر بىلەن مۇغەمبەر، كېڭەيمىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە تەدرىجىي يېتىلدۈرۈپ، پىشۇرۇپ، تاڭنى چۈشەپ ئۆلگەن قەھرىمانلارغا يۈز ئاچقان نادامەت ۋە مەڭگۈلۈك بەختسىزلىكنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ.
       گەرچە مۇناپىقلار ھەر خىل سىياقلاردا تاتلىق سۆزلۈك، سىنچى كۆزلۈك، سىپايە- سالاپەتلىك يارىتىلغان ئەسەرلەرنى كۆپ ئۇچراتقان بولساقمۇ ، بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ قەلىمى مەخسۇس مۇناپىقلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئارخىپىنى تۇرغۇزغان ھەم ئۇلارغا قويۇلغان لەقەملەرمۇ خىزىر قۇيغاندەكلا سىڭىپ، خاراكتېرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن. ئۇلاردىكى ئارتۇقچە ئىتائەتمەنلىك، رايىشلارچە پۈكۈلۈش پسىخىكىسى ئۇلارنى ئاخىردا ئازغىنە لوقمىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى غەيرىي نىسپىي ھالدىكى ‹‹غالىب››لار  تەنتەنىسىگەچۆمۈلگەندەك ھالەتنى پەيدا  قىلىدۇ. گەرچە قۇللارچە باش ئېگىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇللۇق ۋە مۇناپىقلىق تامغىسىنى بېسىۋېتىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما تاپان يالاشقا مۇتلەق كۆنگەن ۋە شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ دەسمايىسىنى تاپىدىغانلارنى ئەلۋەتتە شانۇ- شەۋكەتلىك تەقدىرىگە كۈشەندە بولغۇچى ۋە ھاياتىنى بۇلغىغۇچى پارازىت قۇرۇتقا ياكى سىركىدىن قېچىپ، ھەسەلگە دۈم چۈشكەن چىۋىنغا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى ئاشۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە رىزقى ئۈچۈن خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك ئاسىسى  بولۇپ قېلىشىنى ئالدىن قىياسقا ئالالمايدۇ. بۇ بىزگە «ئەزىمەت شەرەپكە تۇرار، يامان ئادەم نەپكە تۇرار» دېگەن ھېكمەتنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان رېئاللىق. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئىشلىرىغا ئالەمچە مۇشەققەت روزغارىغا مۇدھىش كۈلپەت رەھىمسىز قۇلىنى تەڭلەپ تۇرسىمۇ، قەلبى ئالتۇندەك پارقىراپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى ساقلاپ قالالىغان باھادىر پالۋانلىرىمىز، يىراقنى كۆرەر مەردانىلىرىمىز تۇمانلىق مۇھىتتا ياشاۋاتسىمۇ، قانداقتۇر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئەل غېمىنى، ئەر غېمى دەپ ياشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەسىرلىك مەمنۇنىيەت ۋە ئىپتىخار بىلەن تىلىمىزدا، دىلىمىزدا نامىنى زىكرى قىلىدىغان قىيامەتلىك شېھىتلىرىمىز.
         قەلەم ساھىبى ئەسەردىكى مۇناپىقلاردا شۇنداق بىر ئەزمە روھى ھالەتنى ھۆكۈمران ئورۇنغا كۆتۈرگەنكى، ئۇلار ئەمگەك- تەرسىز، مېھنەت - رىيازەتسىز شاپائەت ۋە شاراپەتكە ئېرىشىشكە ھېرىسمەن مەستانە، ئۇلار ئۈچۈن تىزلىنىپ- پۈكلىنىپ ياشاشنىڭ ئۆزىلا ھاياتتا ئېرىشمەكچى بولغان لوقمىنىڭ ئاددىي بەدىلى، خالاس! ئۇلاردا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان شەرمەندە قىلمىشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە قارىتا ۋىجدانەن چەكلىمە يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى شەرەپ، پەخىر تۇيغۇسىغا ئەمەس، بەلكى ئار- نومۇس ، پەس- پۇچەكلىككە مەھكۇم.
بىز ئەسەردىكى قىسمەن «ئەر قەھرىمان»لىرىمىزنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە «ئەرنىڭ ھېلىسى بىر، خوتۇن ھېلىسى مىڭ» دېگەندەك ئاپتور ئايسىخاننى بىردىنلا مەيدانغا چىقىرىپ، بىزنى تېخىمۇ قىيىن تاللاشقا دالالەت قىلىدۇ. بىز بۇ چاغدا :«مىڭ بىر كېچە»دىكى ئەپسۇن- چۆچەكلىرى بىلەن پادىشاھنى ئەسىرگە ئالغان ئايالنى، «رامزاننىڭ ئون يەتتىسى»دىكى ئايال جاسۇس قەتامنى،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە كۈشەندە بولغان  سوفىيە بائىزنى  ۋە بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردىكى ئايال زاتىدىن بولغان جاسۇسلارنىڭ تولدۇرغۇسىز زىيانكەشلىكىنى بىر- بىرلەپ ئەسكە ئالىمىز.
        ئەسەردە ئايسىخان ئۆزىنىڭ سۇيۇق ناز-كەرەشمىسى، ئىتتەك سۈركىلىپ ئەركىلەشلىرىبەدئىلىگە ئېگىزدىن ھەم پەستىن ئاسانلا قولغا كېلىدىغان نېسىۋىسىگە قانات سۆرەپلا  يۈرىدۇ، بىز ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان بۇ چىشى يولۋاسنى قانداق تەرىپلەشكە قارىتا ئامالسىز قالىمىز...
        ئەزەلدىن ئاياللار ئائىلە ئاسارىتىدىن تەلتۆكۈس خالىلىققا ئېرىشىشنى تىلەيدىغان روھى ئىنتىلىش بىزدە يوق ئەمەس، دەپ قارىغاندىمۇ :ئايسىخان ئۆزىدە بار بولغان مېھنەتسىز مەئىشەت قوغلىشىشتەك تەييارتاپلىقى، تەنھالىق ئىلىكىدىكى زېرىكىش تۇيغۇسى ئاستىدا قانداقتۇر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، ئۆزگىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۆزىگە خۇشاللىق ئىزدەشتەك چاكىنىلىقى ۋە غورىگىل، موھتاجلىق ئىچىدە قالغان قاششاق تۇرمۇشىنى نىسپىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە «سېپى ئۆزىدىن ئاق نانچى» بولۇشقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنى ھالال ئەمگەكتىن ئىبارەت لەڭگەردىن چوتلا ئۈزۈۋېتىپ، مەۋھۇم كېلەچىكىنى قاراڭغۇ زۇلمەتكە دەپنە قىلىدۇ- دە، «مەلئۇنلار مەڭزىدە ئەڭلىك، قۇللارغا بولماسكەن تەڭلىك» دېگەن غېرىب كۈينىڭ غوللۇق  ئىجراچىسى بولۇپ قالىدۇ.
مەلۇمكى، دۇنيا بىر ئىبرەت سارىيى، بۇ سارايدا ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئارتىسىلەر، ئىبرەت ئالىدىغان تاماشىچىلار بىر گەۋدە ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئايسىخان ۋە ئايسىخانغا ئوخشاش نان كۈچۈكى بولۇپ ياشايدىغانلارنىڭ ئۈمىدسىز ھاياتى ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق ياكى تۈرمە ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بۇرۇقتۇم ھالەتكە ئەسىر قىلسىمۇ، ئۇلار بۇ خىل ئىزتىراپلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن ئاخىرقى چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ھاياتقا، ھالال قىسمەتكە بۇلغان تەلپۈنۈشىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، باشقىچە بولغان نەيرەڭلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئورۇندى . ئۇلاردا ھۆرمەت تېپىشمۇ، خورلۇق كۆرۈشمۇ ئەركىنلىكى بار تۇرۇقلۇق، تۇغۇلغان يېرىگە چۈشكەن ئىزلىرىنى ئىللەت سۈپۈرگۈسىدە سۈپۈرۈپ تاشلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى،. ئۇلارنىڭ بۆك- باراقسان ئورمانلىقتا قۇزغۇن بولۇش ئارزۇسى باركى، يېشىل بوستانلىقتا بۇلبۇل بولۇش ئىستىكى كەمچىل!
       ئايسىخانغا قاراپ باقايلى، ئۇ كۆڭۈل كۆزى قارىغۇ، نەپسى-خاھىشى تاقىلداپ تۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ نايناق نازاكىتى بىلەن باشقىلارنى دەم تارتىدىغان خورلۇققا ئىگە خاراكتېرى بىلەن، بىزگە تىنچ ۋە تولغىنىپ ئېقىشى بىلەن گىرۋىكىنى يالاپ كېتىدىغان دەريانىڭ  ئەبەدىيلىك لاي سۇيىدەك  تەسىرات بېرىدۇ  .قەلەم ساھىبى ئەسەر لىنىيىسىدە تۆت چۈپرەندىگە ئۆزلىرىمۇ يۇيۇپ بولالمايدىغان ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي،مەنىۋىيەت  نۇقسانلىرىنى  يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بەدئى توقۇلما قىلىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ھايات دۇقاللىرىمىزدىكى نەپرەتلىك، ئىبرەتلىك كۆلەڭگە قىلىپ كۆرسىتىپ بەردى. دېمەكچىلەردىن، ئىككى يۈزلىمە ئادەم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ يامان، ئەڭ خەۋپلىك ئادەمدۇر. بىز بۇنداق كۆڭلى بۆلۈنگەن، مەيدانسىز مۇناپىقلارنى تۇرمۇشتا دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. ھەتتا بەدىئىي ئەدەبىياتتىمۇ خائىنلارنىڭ يېقىمسىز شولىسى كۆڭۈل ئېكرانىمىزنى غەش قىلىدۇ. مەسىلەن: «ئىز» «چالا تەگكەن ئوق» «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» «قاينام ئۆركىشى» ‹‹ئانا يۇرت››،«ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»...قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مىللەت سەركىلىرىنىڭ قاتىلى بولغان مۇناپىقلار.
ھەر قاچان دۈشمەن تىلىگەن يامانلىق، ئەل تىلىگەن ئامانلىقتىن غالىب كەلگەچكە،«دۈشمىنىڭ بىر بولسىمۇ كۆپ بىل، دوستۇڭ مىڭ بولسىمۇ ئاز دەپ بىل» دەپ قاقشايمىز.ھارماي تەكىتلەيمىز. شۇغىنىسى، ھەسرىتىنى يەڭگەن قەھرىمان دېگەندەك بىز بۇ دەردلەرنى يېڭىشكە، ئۇنى ئىچىمىزگە يۇتىۋېرىشكە كۆنۈك.
قومۇشلۇقتا ئۆز تېنى ھەم روھى ئارقىلىق يالقۇن چىقىرىپ، ئاداققى يورۇقلۇقىنى زۇلمەتكە تەڭلىگەن نۇزۇگۇممۇ بىر ئانا. يوقسۇزلۇق، روھى نامراتلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مەشئەل ياندۇرغان بوستانلىقتىكى ئايخانمۇ بىر ئانا. كۈلپەتلەرگە تەسلىم بولماي، ۋىجدان، غۇرۇرى بىلەن ياشاۋاتقانلارمۇ ئانا!
ئاپتور مەقسەتلىك ھالدا بىزنىڭ نومۇسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان ئايسىخاننى مەيدانغا سۆرەپ چىقىرىپ، خوتۇن- قىزلار گۈلىستاندىكى بىر شۇم بۇيىنىڭ قۇلىدىن كېلىۋاتقان ئەسكىلىككە بىزنى شاھىت قىلدۇرغان. بىز دەل مۇشۇ پەيتكە شاھىت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە شۇنداق چۇقانسالىمىز.

«مۇناپىقلار ياخشىلارغا تائەزەلدىن قىلىپ قەست،
سادىق مەردكە ئەل قۇرۇشقا يول قويمىغان ھېچ نەپەس.
پەرۋەردىگار تارتسا ئەگەر بۇ شۇملارنى جازاغا،
ئەرلىرىنى ھاپىز ئەيلەپ، ئايالىنى قىلسۇن پەس.»
-( «سۇ بۇيىدا»دىن)

                   ئايسىخان ئۆزىنى ئازغىنە نەپ ئۈچۈن يات تائىپىدىكى ۋەن گوتەينىڭ ئامراق بانۇسى بولۇشقا تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا ‹‹سەلتەنەت» سۈرمەكچى بولىدۇ، ئۇ شۇ تەرىقىدە قوپال كۆيۈنۈشكە قارىتا غىلتاڭ مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ روھىي دۇنياسىدىكى داتنى بىزگە ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.بىز بۇ خىلۋەتتىكى ھېيىقماس، قانائەتسىز شەپەرەڭ باچكىسىنى مەڭگۈلۈك زۇلمەت قوينىغا بەند قىلىۋېتىشكە ئالدىرايمىز. ئەسەر راۋاجىدا يېپىق مۇددىئادا يۈرگەن بۇ چۈپرەندە ئاخىرى ئۆز ئەپتى- بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ بولالماي كوچىغا چىقىپ قالىدۇ. ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ گەرچە ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشتە چامى يار بەرسىمۇ ئاپتور ئۇلارنى قەستەن ئىرەن قىلمىغان قىياپەتتە تەسۋىرلەپ، يىلاننىڭ خەۋپىدىن ئامان- ئېسەن قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى پاجىئەسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا بىزنى ئويلاندۇرىدۇ...
ئاپتور بىر كۆرۈنۈشكە ئاپەتنى، بىر كۆرۈنۈشكە غەپلەتنى قىستۇرۇپ تۇتاش ھالەتتە ئەسەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ماڭىدۇ ھەمدە ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ دەسلەپتىلا مەسىلىنى ئاددىي چاغلاپ ئۆز ئىچىدىن چىققان خائىن- ساتقۇنلارغا يول قويۇشنىڭ ئۆزىلا ئۆزلىرىگە كەلگەن بالاسى- ئاپەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىگە چىن  پۇتكۈزىدۇ. مانا بۇ دەسلەپكى يېڭىلىشقا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىدىن كەلگەن نادامەتلىك قىسمەت. مانا بۇ ئۆزىمىزنىڭ بىپەرۋالىقى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن ئېرىشكەن مەغلۇبىيەتنىڭ‹‹قانلىق ئىز››دىكى  ئاچچىق تەستىكى ! مانا بۇ ئاپتورنىڭ مۇدھىش ئۆتمۈشلەردىكى تولدۇرغۇسىز ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبەگە كەلگۈسى چۈشلەردىن ئورۇن بەرمەسلىك توغرىسىدا بىزلەرگە سۇنغان مەسئۇلىيەت دەستىكى !
داۋامى بار- ئەسلى 2002-يېزىلغان. <<قۇمۇل ئەدەبىياتى >>2007-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 08:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91347
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇزۇگۇم قۇشاقلىرى، كۆچ-كۆچ  قۇشاقلىرى، لازىم ئىدى، بىلدىغانلار يۇللاپ قۇيۇڭلار دوسلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91347
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەك لازىم بۇلۇپ قالدى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇروماننى مەنمۇ ئوقۇغان،ماڭا ئەڭ ياقمىغىنى ئايسىخاننىڭ يالاقچى ئىرى ھەمدە بارات پالۋاننىڭ ئالدىراڭغۇ مىجەزى،ئىسىمدە قېلىشىچە بۇروماندا شىنجاڭ تارىخىدىكى بۆرتالانىڭ ئۇرۇش ۋەقەلىكى يېزىلغانغۇ دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستىمىز يولداشقا تەكلىپ؛

سىز كىتاپىخانىغا كىرىپ ‹‹ئۇيغۇرخەلق قوشاقلىرى››دىگەن كىتابنى كۈرۈپ بېقىڭ،بەلكىم ياردىمى تىگىپ قالار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92877
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈر،ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن بۇ

hacker TvNnetexplorer

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32111
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4518
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
جەمىيەت كۆرمىگەن ئادەم رىياللقتىكى ھەقىقەتنى چۇشەنمەي دۇ ئۆزىنى بەك يوغان چاغلاپ ۋاختى كېپ قالسا مەن نىم بولدۇم  دىگەن ناخشىنى تولايدۇ....جاجىسى پۇل~!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3392
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بۇروماننى بۇرۇن ئوقۇماپتىكەنمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتابنى ئەمدى سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن ئاڭلا ۋاتىمەن بۇ كىتابنى ھازىرمۇ بازاردا تاپقىلى
بولامدىغاندۇ

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93566
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق مۇناپىق خائىنلارغا بىر تەستەك ئەمەس مىڭ دەررىمۇ ئازلىق قىلىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش