مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4104|ئىنكاس: 69

مىليونىر تىلەمچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3449
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 05:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىليونىر تىلەمچى


ھىكايە
ئايشەمگۈل بارات

16049.jpg





دەرىسلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇزاق بوپتىكەن بازار ئارىلىمىغىلى،ئىمتاھانلار تۈگەپ تەتىلگە ئازلا قالغاچقا ئاكامنىڭ باللىرىغا بىرە نەرسە ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بۈگۈنكى يەكشەنبىلىك پىلانىمنى بازار ئارىلاش قىلدىم.
كىرەكلىك نەرسىلەرنى تىزلا ئەپ بولدۇم .بالدۇرلا قايتقۇم كەلمەي دوڭ كۆۋرۈك ۋە كونسۇل كوچىسى دىكى مىللى پۇراقلارنى سېغىنىپ شۇياقلارنى بىردەم ئارىلاشنى مەخسەت قىلىپ كىتىپ باراتتىم .
بۈگۈن يەكشەنبە بولسىمۇ كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدىكى قايناقچىلىقلار سەل پەسەيگەنمۇ ياكى يول رەستىلەر تەرتىپكە سېلىنغانمۇ يايمىچىلار ھېچ كۆرۈنمەيتتتى ،ئەكسىچە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان تىلەمچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم ئارامخۇدامۇ ماڭغىلى بولمايتتى.بۇلارغا قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى شۇنچىلىك ئېچىشاتتى.
كىتىۋېتىپ ، چوڭ يولنىڭ يان تەرىپىگە ئىككى مىتىردا بىر جايلىشىپ ئۇرۇن ئالغان بىر قانچە تىلەمچىلەرگە ئىختىيارسى كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا ،ئۇچىسىغا كۈلرەڭ كۆينەك كىيىپ بىلىنى قارا رەخ بىلەن باغلىۋالغان ئوتتۇز ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەر، قول ھارۋىسىدا ياتقۇزۇلغان ،يۈزىدىن تارتىپ ئايىغىغىچە ئاق رەخىت بىلەن يوگەپ قۇيۇلغان بىر ئايالنى يەلپۈپ ئولتۇراتتى،قول ھارۋىسىدا ياتقۇزۇلغان ئۇ ئايالنىڭ بەل تەرىپىدىكى ئالقانچىلىق يەردىن ماي تەپچىرەپ تۇرغان بولۇپ قارىغان كىشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشاتتى .
ئۆتكەن كەچكەنلەر ھەممىسى دىگۈدەك بۇ ئايالغا قارىشىپ ئۆتەتتى ، تۈۋىنى بىر يۈئەندىن يۇقۇرىسى ئون يۈئەنگىچە بولغان پارچە پۇللار ئايالنىڭ ئاياغ تەرىپىگە خېلىلا دۆۋىلەشكەن بولۇپ، كۆرگەن كىشى ئىچى ئېچىشقان ھالدا بارىنى تاشلاپ ماڭماي يانالمايتتى. ئاندا ساندا بېشىنى چايقاپ قۇيۇپ كىتىپ قېللىشىدىغانلارمۇ چىقىپ قالاتتى .مىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتقىنى ئايالنىڭ يېنىدا تۇرغان تۇنۇش چىراي بولدى .باشتا دەماللىققا ئەسلىيەلمىدىم ،ئەمما ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرى بىلەن كۆزۈم ئۇچراشقان ھامان چۆچۆپ كەتتىم.قەدەملىرىم كالۋالىشىپ،تۇرغان جايىمدا خېلىغىچە تۇرۇپ قالدىم .
ئىسىمگە بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىشلار كىلىشكە باشلىدى.
ئۇ ئۆتكەن يىلى قىشلىق تەتىلدىكى ئىش ئىدى .مەن ئاكامغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ دۇككىنىغا قارىشىپ بىرىۋاتاتتىم . ئاكامنىڭ دۇككىنىغا ئايالچە كىيىم -كىچەكلەر سېلىنغان بۇلۇپ ،سودىسى تولىمۇ ياخشى ئىدى .بۇ كۈنى ھەم يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا ئادەتتىكىدىن بەكرەك ئادەم كۆپ ئىدى .
دۇككاندا ئادەم كۆپ بولغاچقا مەن كىرگەن چىققانلارغا قاراپ ئىشىككە يېقىنراق جايدا ئورە تۇراتتىم .شۇ ئارىدا يان تەرىپىمدە بىر ئايالنىڭ ،-
- ھوي بالا ئاۋۇ نوركا پەلتۇنى ئالە ،-دىگىنى ئاڭلىدىم ئۇ تولىمۇ سىمىز بۇلۇپ ئىتىنىڭ كىلەڭسىزلىكىگە باقماي ناھايىتى پوزور كىيىنىۋالغان بۇلۇپ،ياغلىقنى زاڭقىدىن ياقۇت كۆزلۈك قىسقۇچ بىلەن بىرسى تارتىپلا ئېلىۋېتىدىغاندەك چىڭڭىدە قىسىپ قويغان ئىدى . ئۇستىدىكى تۈلكە ياقىلىق پەلتۇسى نىڭ تۈگمىلىرى ئارانلا ئىتىلگەن بۇلۇپ ،بىر يەرلىرىدىن ئۈزىگە خوپ كەلمىگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ھەر بىر قولىنىڭ تۆتتىن بارمىقىغا سېلىۋالغان ئالتۇن ئۈزۈكلەر ،كىرلاشقىنىدىن پاقىراقلىقىنىمۇ يۇقاتقان .يېنىدا شۇ ئايالغا ئوخشاشلا كىيىنىۋالغان ياشراق يەنە توت چوكان تۇراتتى .
- ئانىكا ،مۇشۇ پەلتۇ زادى سىلىنىڭكىكەن جۇمۇ ، ئەڭ يېڭسى ،ھەم ھەممىدىن قىممىتى مۇشۇ. ئۈلۈشكۈن كۆرۈپ قويغانىدىم ، سىلىگە بەك يارشىدۇ چۇقۇم،- دىدى ئارىدىكى ياداڭغۇراق كەلگەن بىرسى ،- كىيىپ باقسىلا بىر كۈرەپ باقىلى ئانىكا
مەن ئۇلارنىڭ كىينىشلىرىگە قاراپ ،قايسى سودىگەرلەرنىڭ خۇتۇن، قىزلىرىدۇ بۇ دەپ خىيال بىلەن قالغان ئىدىم.
-ۋۇيىت غوجام ھوي،ماۋۇ پەلتۇنى سورىدۇق سىلىدىن ،نىمانداق بەز يگەن مۈشۈكتەك ھاڭ ۋېقىپ تۇرىدۇ بۇ بىر نىمە ؟ -دىدى ھېلىقى ياشتا چوڭ ئايال ھاياسىزلىق بىلەن .
ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۈزۈمنى بېسىۋېلىپ ،ئاكامدىن پەلتۇنىڭ باھاسىنى سوراش ئۈچۈن ئىچكىركى دۇككانغا مېڭىشقا تەمشەلدىم .
-ۋاي نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ يالاڭتوش ھارىمى،ساڭا گەپ قىلدۇق بىز،-دىدى ئۇ ئايال
شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ،غەزەپ بىلەن ھېلىقىلارغا قاراپ تۇرۇپ،-
-بۇ سەت سىمىىز ئىتىڭگە ،بۇ نوركا پەلتۇنى كەيسەڭ خۇددى قارا ئېيىققىلا ئوخشاپ قالغۇدەكسەن چوڭ ئا.....،-
گىپىم تۈگە -تۈگىمەيلا ،چاڭڭىدە تەككەن بىر تەسسەكنىڭ كۈچىدىن كەينىمگە سەنتۈرىلىپ يېقىلىپ كەتتىم .
ھېلىقىلار ئەتراپىمنى ئورىۋېلىپ تۇرۇپ، ھەدەم مىنى تىللىغىلى تۇردى .
- ھۇ ھارامى قانجۇق ،كىمنى دىدىڭ سەن ھې؟ مەن دىگەن ئىخلىمخان پاشا جۇمۇڭ بىلىپ قوي ،كۆتەكتەك يەتتە ئوغلۇم بار بۇنداق مايماق دۇككىنىڭدىن يۈزنى سېتۋالغۇدەك كۈچۈم بار،قېنى داداڭ دىگەن پوق ساقال، چىقە ۋاي قېرى ھاجىم ماياققا.......
ئاكام ئىچكىرىدىن چقىپ ،ئۇلارنى ئىتتىرىپ دۇككاندىن چىقىرىۋەتتى. مەندىن بۇئىشلارنى سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا دۇككان ئىچىگە بىر- بىرىدىن بەستىلىك كەلگەن توت بەشدەك ئەر كىشى ھۆكىرەپ ئارقا- ئارقىدىن باستۇرۇپ كىردى .
ئاكام كەمسۆز ، ئىسىل ئادەم ئىدى . چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ چاققىچە بىرەسى بىلەن تالاش- تارتىش قىلغىنىنىمۇ ئۇقمايتتىم .مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ،ئۇلار دۇككاندىكى كىيىملەرنى يەرگە ئاتقىلى تۇردى. بىردەمدە ئەتراپقا ئادەم دوۋىلىشىپ كەتتى .دۇككان قوشنىلار ، بۇلارغا توغرا گەپنىڭ ئاقمايدىغىنىنى بىلىپ چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىشقا چۈشتى .ئاكام خۇددى مىڭ تۈمەن تاش بېسىۋالغاندەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېغىر تىنىپ ،قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا گەپ- سۆزمۇ قىلماستىن قاراپ تۇراتتى .
ھايال ئۆتمەيلا قولىغا قىرىق سانتىر كەلگۈدەك قىڭراق كۆتۈرىۋالغان چېقىر كۆز بىرسى كىرىپ كەلدى ۋە ئاكامنىىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى .
مەن ئوقتەك بېرىپ ئاكامنىڭ ئالدىغا ئۈتىۋالدىم .
ئۇ مىنى گەدىنىمدىن تۇتۇپ ،خۇددى قۇچقاچنى كۈتۈرگەندەك كۈتۈرىۋىدى ئاكام ۋە ئەتراپتىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇڭشقا باشلىدى . مەن خۇددى قىسماققا چۈشكەن چاشقان بالىسىدەك ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراش ئۈچۈن تىپىرلايتتىم .
- قادىر ئۇكام، .ئۆزۈڭگە ھاي بەر ،- دىدى ئارىدا ياشقا چوڭراق كەلگەن بىرسى ،- ساۋۇت ھاجىم بۇ ئۇكىمىزنىڭ ئاچچىقى يامان .ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز گەپ قىلسىلا ،-دىدى ئاكامغا
- سىلى قانداق بولسۇن دىسىلە شۇنداق قىلىلى ، ئاۋال ئۇكامنى قويىۋەتسۇن دىسىلە ،-دىدى ئاكام يۈزلىرى پوكاندەك قىزارغان ھالدا جىددىلىك بىلەن

- بۇ كۇسپۇرۇش ئانامنى ھاقارەت قىلىپتۇ بۇنىڭ بەدىلىنى تولىسۇن ئەمدى
- ھاي، ھاي ئۆزڭگە ھاي بەر ئۇكام ،- دىدى ئاكام يالۋۇرۇپ ،
ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەممىسى ھەيرانلىق ئىچىدە ياقىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىشىپ تۇراتتى .
- بىز سىلەرنى ئوبدان رازى قىلايلى
ئاكامنىڭ گىپىدىن كىيىن ،ئۇ مىنى بىر ئىتتىرگىنىچەقۇيۇۋەتتى .مەڭزىلىرىم ئوتتەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .
ئاكام بىلەن چوڭ ئاكىسى ئىچكىركى دۇككاندا بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن .دۇككان ئالدىغا قاتار توختىتىپ قۇيۇلغان ئۈچ دانە داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارغا ئولتۇرۇشۇپ كىتىپ قېلىشتى .ھېلىقى چېقىر كۆز ماڭا دىۋەيلەپ بىر كىلىۋېتىپ ،ساپسېرىق ئۈستى ئۇچۇق جىپ ماشىنىنى غەزەپ بىلەن ئېچىپ ،بولىشىغا تولغىما مۇزىكىنى قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن ،چىقىرىتىپ تۇرمۇز قىلغان ھالدا ئۇچقاندەك ھەيدەپ كىتىپ قالدى .
مەن ھازىر قاراپ تۇرغان چېقىر كۆز دەل ئاشۇ ئىدى .
كىيىنكى ئىشلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم تېخىمۇ غەش بۇلىدۇ .
دۇككاننى تاقاپ ئويگە كىرسەك ،رەھمەتلىك دادام ،ئاچا- سىڭىل ئاكىلىرىم بىلەن يىغلىپ ،خۇددى ماتەم بولغاندەك ئۈن- تىنسىز ئولتۇرىشاتتى .دادامنىڭ يېنىدا ئاغىنىسىنىڭ ئوغلى ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىمىتكاممۇ بار ئىدى .
ھىمىتكام مىنىڭ بېشىمنى يىنىك نۇقۇپ تۇرۇپ،
-ۋۇ ئالدىراڭغۇ كەپسىز، ھەممىسىگە خاپىىلىق تېرىپ بەردى مانا،- دىدى مەن خىجىللىقتا تېخىىمۇ ئوپكىدەك قىزىرىپ كەتتىم ،- مۇنداق بولسۇن ھاجىكا، بۇ ھېلىم پاشا دىگەن« تىلەمچى مەھەللىسى »نىڭ زومىگىرى ،ھەمىمىز بىلىمىز بۇنى .قانۇننى بىلمەيدۇ ، يۈزمۇ يوق خەق بۇ،نوچىلىق قىلغىنى بىلەن قىش بولسىلا چوڭ شەھەرلەردە خۇتۇن بالا چاقىسىنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىنى تېپىپ قۇيۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ. يازدا مۇشۇنداق تاپقىنىڭ راھىتىنى سۈرىدۇ ،بىر سىلى ئەمەس نۇرغۇن ئادەمگە ئاھانەت قىلغان پەسەندىلەر بۇلار ،بىز قانۇن بۇيىچە چارە كۆرسەك ، ھاكىم لارنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېلىپ جىدەل تېرىيدۇ . مۇشۇندق پالتا -پىچاق كۆتۈرۈپ جىدەل تېرىيدۇ . پۇل بىرىپ خەقنى يالغان گۇۋالىققا سېلىپ بىزنىمۇ بەك ئوسال قىلغان. سىلى ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر يۇرتنىڭ چوڭى، ساۋۇت ھاجىممۇ يۇز- ئابرويلۇق كىشى ،بۇلار بىلەن ئېتىشساق ئۈزىمىزنىڭ يۈزىمىزنى تۈكىۋالىمىز ھاجىكا .پوققا چالما ئاتساق يۈزگە چاچرايدۇ دىگەن گەپ بار .ئانىمىزنى ھاقارەت قىلدى تولەم بەرسۇن دەپ بۇ يۈزسىزلەر ئىدارىغا كىلىپ ئولتۇرىۋالدى . .ئەمدى بىز ئېغىر - بېسىق بولايلى .ئۇنىڭ جاجىسىنى بىردىغانلارمۇ چققىپ قالار .قىز باللا داستىخان تەييارلىسۇن ، ھاجىكا سىلى چىقمىسىلا مەن ساۋۇت ھاجىم ،بىلەن بىرگە چىقىپ ھۆزۈر قۇيايلى،- دىدى تولىىمۇ ئېغىر تىنغان ھالدا
- رەھمەتلىك دادامنىڭ ئاپئاق ساقىلى يىنىك تىترەپ تۇراتتى .ئىنىقكى ئۇ ئاكامنىڭ بۇخورلۇققا ئۇچرىشىنى خالىمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتتى ئاكاملار ھېلىقى نەچچە ئونمىڭ- يۈئەنلىك پەلتۇنى ئېلىپ چىقىپ ئۇلاردىن ھۆزۈر تىلىگەن بولدى بۇ ئىشمۇ شۇنىڭ بىلەن بېسىقتى .
نەچچە ئايغىچە ئاكامنىڭ چىرايى پەقەت ئېچىلمىدى ،ئۇ پەلتۇ ئۈچۈن ئەمەس ئەكسىچە بۇ ئىزا- ئاھانەتتىن بەكمۇ تەستە ئەسلىگە كەلگىنىنى ھەمىمىز سىزىپ تۇراتتۇق .
ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئادەمگە نەپرەت بىلەن قاراپ ئۇزاققىچە تۇردۇم . ئايالنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتنى ئېلىپ ئەپتى- بەشرىسىنى ئېچىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى .ئەمما يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدىم .

كىتىۋاتىمەن ،يول بۇيى ئۇچراۋاتقان بارتلىق تىلەمچىلەر ئۇلارنىڭ جەمەتىدەك كۆرۈنۈپ نەپرەت بىلەن قارايمەن .بۇ جاھاننىڭمۇ سورىقى باردۇ،ئۇلاردىنڭمۇ سورىقىنى ئالىدىغان ۋاقىت كىلەر دەپ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ مېڭىۋاتىمەن .



يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 09:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇ تىلەمچىلەر قاچانمۇ بۇخىل ناچار ئىللەتنى تاشلا

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2627 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 09:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز كەچۈرمىشىڭىزما ھەدە ، يەنە بىر يېڭى كومىدىيە ،،،،،،،،،،،،،،،راستىنلا باتۇركەنسىز جۇمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 01:25 AM  


باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

^_^سۈبىھى ^-^

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4100 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 10:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھا....
ئا چېقىر كۆز  نېمىدىگەن ھازازۇل ....
بۇ جاھاندا خىلمۇخىل ئىشلار ...خىلمۇخىل  ئادەملەر ئۇراپ تۇرىدىكەن ئادەمگە..
جاھان  شۇنچە كەڭرى بولىسمۇ .....بەزىدە .....بەزىلەر بىلەن .....بەزىدە شۇنداق  ئۇچرىشىپ قالدىغان ئىشكەن ..بەزىدە...



ۋاي ،  بولمىدى  چېقىر كۆز  دەپ  ساپتىمەن ئەمەسمۇ ....خېتىمنى كۆرۈپ قېلىپ  ...يەتتە   بالىىسنى چاقىرىپ ئەكەپ مېنىمۇ  ياسىۋەتمىسۇن ...ھې..ھې..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 10:48 PM  


مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 10:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئۇشۇقلارغا راسلا ئامال يوق ..بىزنىڭ مەھەلىدىمۇ بار بۇنداق بىر ئائلە ..بىراق تىەمچلىك قىلمايدۇ ئۇرىمەن سوقىمەن دەپلا تۇرىدۇ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93797
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:30:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئېھسان قىلغۇچى  كېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ؛ سەدىقە بېرىش ياخشى ئىش ،لېكىن سەدىقە ئوز ئورنىنى تېپىش كېرەك،كوچىلاردىكى تىلەمچىلەرنىڭ بەدىنىدىن ئاققىنى قانداقتۇر يىرىڭ ئەمەس، ‹‹ خوڭ مىسۇ رۇەن گاۋ›› دەپ ئاتىلىدىغان دورا بارغۇ دورىخانىلاردا بەش موچەن، شۇنى سۇرىدۇ، بىر ئازدىن كېيىن خۇددى  ئېقىۋاتقان يىرىڭغا ئوخشايدۇ، ئەگەر بىز بەرگەن پۇللارغا كەيىپ -ساپا قىپ قالسا ،ئۇلارنىڭ گۇنايىغا بىز سەۋەپكا بۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا خەير -ئېھسان قىلغاندا ئاۋال ئوزىمىز بىلىدىغان موئمىن كىشىلەرنى ئاساس قىلايلى ياكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشتىن قىينىلۋاتقان كېسەللەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.ئۇ تىلەمچىلەرنى بىرەر يات ئەلدىن كەلگەن كىشى ‹‹ بۇلار كىملەر ›› دەپ سورىسا ئەلۋەتتە ‹‹ئويغۇرلار›› دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىك تاپلىقىغا ، تاماخورلۇقىغا،  مىللەتنىڭ نامىنى سېسىتىشىغا يول يول ئېچىپ بەرمەيلى.

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13918
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلىكمۇ بىر كەسىپ جۇما................

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:12:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا     ھازىرقى     تىلەمچىلەنىڭ   كۆپىنچىسى   ئالدامچىكەن

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلتەنەت ئەپەندىم سىلى ئۇ گورۇھتىن ئەمەستىلا ھە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش