مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 3

ئابدۇغېنى سىىيت : تەلقىننامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3982
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 03:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلقىننامە        


(شائىر ئابدۇلئەھەدقادىرىنىڭ‹‹سالامنامە ››سىگەجاۋاپ)





2000-يىللاردىن باشلاپ شائىر دوستۇم ئابدۇلئەھەد قادىرى بىلەن نورۇز پائالىيتى سەھنىسى ، ئەدەبي –ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنلىرى ، ئەدىبلەر ئەنجۈمەنى يىغىلىشلىرىدا تۆت - بەش قىتىم مۇشائىرە (شىئىرى چاقچاق ) ئوقۇشقان ئىدۇق . بۇنىڭدىن بىر قىتىملىق مۇشائىرە كۇبلىتمۇ – كۇبلىت كىرگۈزىلدى ، دەل جايىغا چۈشمىگەن ، ياكى پىكىردە يانداپ ئۆتۈپ كىتىلگەن جايلار بولسا ، قەلەم كەش دوستلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياردىمىگە ۋە ئەپۇ قىلىشىغا تىلەكداشمەن.







ئابدۇغېنى سىيىت




ئەھەدى :
سالام ئابدۇغىنى دوستۇم، تېرەن دوستانەھۆرمەتتە،                       
ھەزىل چاقچاقنى مىسراغا تىزىپ چىقتىم سالامخەتتە،
مېنىڭ كۆڭلۈم ، مىجەز –پەيلىم ئاياندۇر سىزگە ئەلۋەتتە،
قەسەمبىللا ، بۇنى يازغان ئەمەسمەن غەيرىنىيەتتە ،
شۇڭا كەتسە تىگىپ ، يۈرمەڭ گېنە ساقلاپئاداۋەتتە .



مەن :
ئەھەدى مۆھتىرەم دوستۇم جاۋابىم سىزگەھۆرمەتتە،                  
يېزىپسىز نەزمە ، بىر چاقچاق ماڭا جىق ئەجرىمېھنەتتە ،
دىبان ئۆتمەكنى ھەمسۆھبەت بولۇپ سىرداشمۇلاقەتتە،
ئايان بولدى سەمىمى دوست دىلى ماڭا ئەشۇخەتتە،
تەشەككۈر تەۋسىيەڭىزگە ناۋاتتەك گەپ بۇئەلۋەتتە.



ئەھەدى :
سالامدىن سوڭ تىلەي سىزنى ئىلاھىمساق –ئېسەن قىلسۇن     ،
كۆڭۈللەر تۆرىدە چولپان ۋە يا ھەسەن –ھۈسەن قىلسۇن ،
جىمى دەردۇ – بالارەنجى ، جاپالاردىن ئاسان قىلسۇن ،
ئاقارغانچە ساقال –چاچلارياشارتىپ نەۋقىران قىلسۇن ،
نېسىپ بولغاي يېتىپ –قوپماق باياشات ئۆي – ئىمارەتتە .






مەن :
جاۋاپتىن ئىلگىرى سىزگە تىلەي ساقلىق ،ئېسەنلىكنى ،               
سورىسا كىم ئەھەد قانداق ؟.......دېدىمتەۋسىپ بەلەنلىكنى ،
كىشىگەپەيلى خامۇشلۇق قىلار تەقدىمكېسەللىكنى ،
قىلىڭ ھەمراھ ئۆزىڭىزگە خوش چاقچاقلىق ،لەۋەنلىكنى ،
ئۈمىدىم ، ئۆمرىڭىز ئۆتسۇن ھامان شوخلۇققادەۋەتتە.




ئەھەدى :
ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى بۇرادەربىز تونۇشقانغا ،                       
بولۇپ ھەمدەم ئىجات سەيناسىدا ئۈلپەتبولۇشقانغا ،
تەلەي –قىسمەتتە ئايلاندۇق گاھى شىر ، گاھى توشقانغا ،
ۋەلەيكىن قايىتمىدۇق ئارتقا ، ئۇنامدۇقئەمدى توسقانغا ،
ئىلاھىم بىللە بولساقكەن ، ھامان بۇچەڭگىۋار سەپتە.




مەن :
ئېجىل دوستلۇقتا ئۆتكەزدۇق تالاي يىل،ۋاقتى پۇرسەتنى ،            
يېزىشتۇق، بەيگىگە سالدۇق قەلەمنى ، دىت –ماھارەتنى ،
قەلەملەر ھارمىدى ئەسلا يېزىپ چاقچاق تالايبەتنى ،
سورۇندا خۇشناۋالىقتا ئېلىپ كەلدۇققۇ ، باشرەتنى ،
تۇرۇپ سەپراس تالاي مەجلىس ، ساياھەتتە ،زىيارەتتە .








ئەھەدى :
قاچانكى ئۇچۇرۇشۇپ قالساق ،قىلارمەن بىمالال چاقچاق  ،                  
سەۋەپ : سىزمۇ مەن قىلغان ھەزىل –چاقچاققا بەك ئامراق ،
ھېسامدەك گەپكە پىششىق سىز ، ۋە لىكىن مەن تېخى خامراق ،
قىزارمايسىز ، تاتارمايسىز تىگىپ كەتسەممۇسەل چىڭراق ،
نى ئارمان ياشىسا ئادەم بۇ يەڭلىغ خۇي –پەزىلەتتە.












مەن :
قاچانكى ، نەدە ئۇچراشساق ، ماڭاچاقچاق گىپىڭىز بار ،     
ئېتىپ چاقچاق سورۇنلارنى قىزىتماققا دىتېڭىزبار ،
غېنى گەر ئۇرمىسا قامچا تۇرار –ماڭماس ئېتىڭىز بار،
جاۋاپ دەل، تېزلا قايتۇرغاق مېنىڭدەكئۆلپىتىڭىز بار ،
قىزىق چايدۇر جاۋاپ، چاقچاقلىرىم سىزگەزىياپەتتە.  




ئەھەدى :
ئۆتەرمىز ئۆي يېقىن ، ئەمماكۆرۈشمەي ھەپتىلەپ – ئايلاپ ،            
كېلىپ تۇرمايدۇ ، دەپ سىزنى كېتەرمەن بەزىدەقايناپ ،
چۆكەرمەن گاھىدا غەمگە ، بۇرادەر سىزنى كۆپئويلاپ ،
نىچۈك ھالى ، سالامەتمۇ ، ياتامدۇ ياكى ۋاي –ۋايلاپ ،
ئەگەر بىر ئىش بولۇپ قالسا، قالۇرمەن ئاھ ،نادامەتتە،




مەن :
قزىق گەپ ، كەلمىدىڭ دەيسىز ، مېنىيوقلاپمۇ كەلگەنمۇ ،      
ئۆتكەندۇ نەچچەھېيىت –ئايەم ۋەيا بىر پەتە بەرگەنمۇ ،
ۋە يا مەن سىز كىلەر يولغا تىكەن ، چاتقالمۇتەرگەنمۇ ،
بىراۋاغا مېنى ئىزدەشتىن تېنىشقا ۋەدەبەرگەنمۇ ،
ئۆتەمدۇق زادى ئىزدەشمەي ، ئۆتۈپ يىل ، ئايۋەيا ھەپتە،




ئەھەدى :
ئەزەلىدىن بۇ ساراڭ تەقدىر ، كىشىرايىغا باقماسكەن ،                  
ھاياتلىق بىر ئەزىم دەريا ، ھامان بىر خىلدائاقماسكەن ،
ۋاقىت ئۆتسە ، ئۆمۈر كەتسە ئەجەپ كەينىگەيانماسكەن ،
غەنىمەت ئۇشبۇ پۇرسەتلەر ، كۈتۈپ بىزلەرنىياتماسكەن ،
شۇڭا كەلدىم قىلىپ ئارمان ، بولاي دەپ زىكرى– سۆھبەتتە.




مەن :
كى تەقدىر ئوڭ بولىۋەرسەئىشلارتۇرماسمۇ بىر ئىزدا،
چىمەن سولمامدۇ دەريا، كۆل تاشماي ئاقسا ،پۇچقاق تېيىزدا ،
نە قىلسۇن يۈكسۈلۈش –ئۆرلەش رىقابەتسىز يېگىت قىزدا ،
ئەدىپ ، سەنئەت تاپار ھەق يول  ، ئوبزور ، ئاخباردا –تەقرىزدا ،
ئەدىپ ، سەنئەتمۇ  يۈكسەلگەي ھامان بەيگە ، رىقابەتتە ،




ئەھەدى :
مڭنىڭغۇ سىزنى تەنبىھلەپ مازاقلاشمۇددىئايىم يوق ،
ئۆزەمنى چوڭ تۇتۇپ قەستەن قۇسۇر تاپماققارايىم يوق ،
كۆيۈنمەي سىزگە بىر چەتتە تۇراي قانداقمۇلام – جىم يوق ،
ئىكەنمەن دوستىڭىز سىزنىڭ ئېغىز ئاچمايئىلاجىم يوق ،
يېقىن دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار دىگەن گەپبارغۇ ئادەتتە،




مەن :
لازىمغۇ ئەسلىدىن دوستۇم ھامان ئاتقايۈگەن ، چۇلۋۇر ،
تومۇزدا يايرىتار جاننى مەيىن- سالقىن شامال، يامغۇر ،
پولوغا لايىقكى سەۋزە ، ئۇماچ ، سۇيقاشئۈچۈن چامغۇر ،
ھېرىپ ئان توختىغاي ئەخمەق نامى ھەزىل بىلەنمەشھۇر ،
نىمىشكە ؟ يوق تەنبىھ ئاڭلار قۇلاق بەڭۋاشھاماقەتتە،




ئەھەدى :
خوتەندە كۆپ كىشى سىزنىئەزىزلاپ  مۆھتەرەم دەيدۇ ،
قەلمكەش ئەھلىمۇ ھۆرمەت قىلىپ ساھىپ قەلەمدەيدۇ ،
نىچۈنكى ، يازمىڭىزنى بىر كۆرۈپ ‹‹بىرنەرسە كەم›› دەيدۇ ،
بىلەمسىز نىمە كەم سىزدە؟ ئۇنى دەل‹‹شئېرى تەم ››  دەيدۇ  ،
يىمەس ھېچكىم ئەگەر تەمسىز ئىكەن ھەتتا پولو– بەتتە،




مەن :
مېنى ئەزىزلىغان خەلقىم ئامان ھەممۆھتەرەم بولسۇن ،
ئەقىل ، ئىلھام ، قەلەم بەرگەن دىيار باغىئېرەم بولسۇن ،
ئەدىبكە شېئىرى ‹‹كەم›› لىكنى تۈزەش غەم ، نىمە غەم بولسۇن ،
ئۇدا ئىزدەپ ‹‹تېتىتقۇ- تەم›› دېدىم نەزمەمدە تەم بولسۇن ،
ئۈمىدىم شۇ : ھوزۇرلانسا شېئىرىمدىنھەممەلەززەتتە ،




ئەھەدى :
شېئىرنىڭ تەمى –ھېسياتتۇر ، ئۇنىڭ جانۇ – جېنى چىنلىق ،
پىكىر ، ھېسياتى سۇس شېئىردا نە قىلسۇنجىلۋە – يارقىنلىق ،
ئىشەنسۇن كىممۇ ‹‹جۇتقىشنىڭ دېسە ھاۋاسى بەك ئىللىق ››
دېمەك، شائىر ئۈچۈن ئالى مىزاندۇر توغرا –راستچىللىق ،
يېزىڭ دوستۇم ، رىېئال دۇنيا نەزەردىنقالمىسۇن چەتتە ،




مەن :
كۈيۈنمەس قاي ئەدىپ –شائىر شېئىرى تەمىگە جاندىن ،
پۈتەر مىسرا كى ، ھەر كۇبلىت تەپەككۇر ساپيۈرەك قاندىن ،
سۆيۈنگەي شېئىرىنى خەلق سۆيسە ئەشۇ ئىزگۈ ،شەرەپ – شاندىن ،
ئۈمىدىم ، ھەر تىنىق بولماق خەلق سۆيگەنغەزەلخاندىن ،
قەلەمدە ، يازمىدا يەتمەك مۇقامغا پاساھەتتە،




ئەھەدى :
يېزىڭ ، ئەمما شېئىر يازماقئۈچۈنلا شامدا ئولتۇرماڭ ،
قاچان ئولتۇرسىڭىز مەيلى ، چېنىپ ماڭدامدائولتۇرماڭ ،
ئىچىڭ ئاز – ئاز ،بىراق تۇرمۇز قىلالماي جامدا ئولتۇرماڭ ،
ئۇچۇپ مەسلىكتە كەگلەكتەك تۈۋى بوش تامدائولتۇرماڭ ،
مادامىكى ، تىرىك شائىر ھامان ئابرۇي –ئىناۋەتتە،




مەن :
يازدىم راسىت گاھى ئاخشاملا توك كەتسە، ياندۇرۇپ شامنى ،
كېچىپ بەس ، ئۇيقىدىن ،ئەسلەپ رۇبائى شاھىھەييامنى ،
سورۇندا خوش كەيىپقۇ مەن ئىچسەممۇ گەرچە بەشجامنى ،
يۆلەپ ماڭدىم يىقىلغاننى ، دىمەي كىم سەن ؟دەرەخ ، تامنى ،
خۇيۇم سىزگە ئايان كەلدىم ھامان شوخ ، شاشقىياپەتتە،




ئەھەدى :
سەئىد ئەۋلادى مەن دەيسىز ، بۇ گەپلەر ئېيتىڭا راستمۇ ؟
ئەگەر شۇنداق ئىكەن ، ئەۋلات نەسەپ –نەسلىگە تارتماسمۇ ؟
ھامان ئىزدەپ رېئاللىقتىن ئۆزىنى ، ئويغاپاتماسمۇ ؟
ۋە يا پەرۋانە ئاشىقتەك ئۆزىنى ئوتقائاتماسمۇ ؟
دېمەك ، ھەركىم سىنالغاي ئۆز ئاتاسىغاساداقەتتە ،




مەن :
نەسەپ – بوۋامسەئىد زاتى ئىكەن باغدادى رەببانىدىن ،
ئانام ئەجداتلىرىدىن دەيتتى يىراق شەھرىنامانگاندىن ،
ئۆتتى تاڭ... نەچچە ئەۋلاد- قان كى  ئۇيغۇرمەن يارالغاندىن ،
ئەجداد روھى چىدام ، ئەدلى غېنىدە دەل ئايانئاندىن ،
كى راستچىل ، ئىجتىھات بولدى ئۇدۇم ، يارماڭا ئەلۋەتتە ،




ئەھەدى :
قاچانكى ‹‹جىقتوغۇپ ›› يازغان شېئىر ئالقىش –چاۋاك تاپتى ،
شۇئان بىرسى ‹‹تۇغۇڭئاز ›› دەپ يېقندىن سىزگە دوست تارتتى  ،
مۇشۇنداق يازمىڭىز  بەزى سورۇندا سىزگە ئەسقاتتى ،
ۋەلىكىن بەزىلەر سىزنى ‹‹تۇغۇمچان›› دەپمۇ گەپ تاپتى ،
بۇغۇ چاقچاق ، بىراق ئۆتمەڭ داۋام مۇنداقئاھانەتتە،




مەن :
شېئىرىمدا  ‹‹جىق تۇغۇپ›› دەپ شۇتۇغۇمچان دەردىنى يازدىم ،
تۇغۇپ جىق باشقۇرالماي ئاھ ، بۇزۇلغانپەدىنى يازدىم ،
كۆڭۈلسىزلىك ، ئوسال پەيلى ، يېتىشمەسخەجىنى يازدىم ،
قاۋاق ھەم دەتتىكام يۇتقان بىساتى ، ۋەجىنىيازدىم ،
ئايانغۇ سىزگىمۇ شۇنداق سورۇلغانلارپالاكەتتە،




ئەھەدى :
يەنە سەنئەت دېسە تۇغما ھەۋەس –ئىلھامىڭىز بادۇر ،
ئۇسسۇلغا چۈشسىڭىز ھەي –ھەي  ئەجەپ خۇش نازىڭىز باردۇر ،
خۇدايىم سىز گىلا بەرگەن بەلەن ئاۋازىڭىزباردۇر ،
ئېلىپ رول سەھنىدە ‹‹شاۋازۋەزىر ››ئوبرازىڭىز باردۇر ،
تارالدى داڭقىڭىز چولپان كەبى كۆپ خىلماھارەتتە ،




مەن :
مىراس سەنئەت بىناسىغا ئەجداد ،ئەۋلاد قويۇپ جىق خىش ،
دېسە :  سەنئەت ھۇزۇرىدا كۆڭۈلدىنقوغلىنار جۇت- قىش ،
سەپەردە ، ئومىدا ناخشا بىلەن ئاۋۇن ھامانيول ، ئىش ،
ئاتالدى بىر مەھەل ئەپسۇس ، بۇ ئەڭگۈشتەر ‹‹گۇناھقىلمىش››
نىچۈن سۆيمەي بۇ سەنئەتنى ، باھار سۆيگەندەئەلۋەتتە،




ئەھەدى :
بىراۋدىن ئاڭلىسام كېيمەك بولۇپسىزباشقا بىر بۆكنى ،
تۇرامسىز ھېلىمۇ دەملەپ ئىچىپ بابۇنە ، سوك –سوكنى ،
يېزىڭ كۈندۈزلىرى، كەچتە  ئاۋايلاپ قالسىڭىز توكنى ،
گېپىممۇ ئۇزىراپ كەتتى ۋەلىكىن دېمىدىميوقنى ،
ئىلاھم ، تەندۇرۇس – ساغلامئۆتەرسىز ئەمدى راھەتتە ،




مەن :
قاچانكى دوپپا ، تون كەيدۇق ، شەرەپ قۇچقاندا بىز بىللە ،
چىرا ، بوستاندا بابۇھنە چاي ئوت يىققاندابىز بىللە ،
گويا ئالتۇن تالاشقاندەك سوكۇلداشقاندا بىزبىللە ،
ئېلىپ مەن ئازلا ، سىز جىقنى يانچۇقتولغاندا بىز بىللە ،
شۇ چاي پەيزىنى سۈرگەنسىز بەلكى ئەرلىكلاياقەتتە ،




ئەھەدى :
كى مەندىن مەسلىھەت شۇلكى: بىراۋقىچقارمىسا بارما ڭ،
بولۇڭ سەگەك ،بىراق مىش –مىش پاراڭلارغا قۇلاق سالماڭ ،
كۆرەلمەي بەزىلەر سىزنى قىلاركەن ئاۋۇتۇپداۋراڭ ،
پېيادە ماڭغۇلۇق يولدا ، مۇبادا بولمىساھارۋاڭ ،
دېمەكچى : يۈرسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ چوڭسالاپەتتە ،




مەن :
ئېنىققۇ ھۆرمىتى چاغلىق باغاقسىزتويغا بارغاننىڭ ،
دۇتار بولمىسا نە پەيزى ساپايە ، داپنىچالغاننىڭ ،
بازارى ، ئۆمۈرى چاغلىق شۇ ئۆسەك ، ئېغۋا يۇ– يالغاننىڭ ،
ئاقارمۇ سودىسى دەيمەن توقۇپ گەپ قۇرئىسالغاننىڭ ،
بېيامدۇ بەزىلەر ھەي تاڭ ، ئۆسەك ، يولسىزتىجارەتتىن ،




ئەھەدى :
شارائىت بولمىغاچ ئۆيدە توخۇ –توشقان باقالمايسىز ،
ۋەيا بىر ، ئىككى قوي –ئۆچكە بېقىپ پۇلغا ساتالمايسىز ،
نە چارە ، ئازغىنە ئايلىق مائاشتا جانباقالمايسىز ،
بىراق شۇنداق پېقىر ، نامرات شائىرلىقتىنتانالمايسىز ،
مېنىڭچە ھەممىدىن بايسىز بىلىم –ھېكمەت ، دىيانەتتە ،




مەن :
توخۇ ، توشقان بىقىشقۇ تەس ، بىراقكەم قلىمىدىم گوشنى ،
كى يالغۇزمەن ، تۇتالماي دوسىت ، ‹‹خۇشامەت، تولا خوش - خوش›› نى
بىلىپ دوسىت كەلسىڭىز يول كەڭ قۇياي چاي،چوڭ بېسىپ تۆشنى ،
تاشلار سورۇن دوسىت ئالدىدا تىرناق كۆلار ،بېلى بوشنى ،
غېنى ئادەم بىلەن ئادەم ، كېلىڭ خوش قايسىسائەتتە ،




ئەھەدى :
غېنى دوستۇم ، ئاتاپ سىزگەمۇشائىرە يېزىپ سۇندۇم ،
ۋاھالەنكى ، قەلەم چولتا ، ئۆزەمنى چاغلىمايقويدۇم ،
نەزەرگە ئالسىڭىز دەرمەن : جاھانغا قايتاتۇغۇلدۇم ،
ئەھەدى دوسىت بېلىپ سىزنى دىگۈم بار گەپنىدەپ بولدۇم ،
قاچان چىققاي سادا سىزدىن ، كۈتەرمەن سەۋرى –تاقەتتە ،




مەن :
ئەھەدى چاقچىقىڭىزغا غېنى يازدى جاۋاپچاقچاق ،
بۇ بەلكى باشلىنىش بولغاي ، يېزىلغاي قىزىقىھەرۋاق ،
ئارادا يوق داۋان ، دەريا –دېڭىز ؛ كەتمەس كېمە – قولۋاق ،
ئەزەلدىن ئاق كۆڭۈللەرنىڭ  قايان بارسا يولى كەڭ ، ئاق ، 
ئىجات باغى بىرەر مېۋە ،دوستانە زىكرى –سۆھبەتتە .
                                          2000  -يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلقىننامە دىگەن گەپنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولامدۇ ؟
مەن بۇندىن بۇرۇن ئانچە ئۇچرىتىپ باقماپتىمەن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 12:48:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-28 11:50 PM
تەلقىننامە دىگەن گەپنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ب ...

ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىچە تەلقىن دىگەن بۇ سۆز  تۇلۇق چۈشەندۈرگۈچى بايان قىلىپ بەرگۈچى ، چۈشەنچىسى ... مەنىنى بىلدۈردىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تەلقىننامىنى  چۈشەندۈرمە دەپ چۈشەندىم . توغرىسى شۇ تېما يوللىغۇچى بىلۇر

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85288
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 05:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش