چىش پاستىسىنىڭ رولى
1.يۇيۇنغاندا سوپۇننىڭ ئورنىغا چىش پاستىسىنى ئىشلەتسىڭىز، بەدىنىڭىزدىكى كىرلەرنى تازىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنى سالقىن ھېس قىلىسىز .
2.ياز كۈنى بەدەنگە ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدۇ .بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئىسسىقلىق ئۆرلىگەن ئورۇننى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تازلىغاندىن كېيىن شۇ ئورۇنغا چىش پاستىسىنى سۈرۈپ قويسىڭىز ئىسسقلىق يوقاپ كېتىدۇ .
3.مەلۇم ئورۇن كىچىك دائىرىدە سۈركىلىپ يارىلىنىپ ، بەزى جايلار ئىششىپ قالغاندا، يارائېغىزىغا ئازراق چىش پاستىسىنى سۈرۈپ قويسىڭىز ئاغرىق پەسەيتىش ،قان توختىتىش ، ئىششىقنى يېنىكلىتىش رولى بولغاندىن سىرت يەنە يارا ئېغىزىنىڭ يىرىڭداپ قېلىشىنىڭئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4.پاشا ، ھەرە، چايان ، سەكسەنپۇت قاتارلىق ھاشارەتلەر چېقىۋالغاندا ، يارا ئېغىزىغا چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز ، قىچىشىىش ، ئاغرىق توختاتقاندىن سىـــرت يەنــە ئىششىقمۇ تېز يانىدۇ .
5.ئەرلەر ساقال ئالغاندا ، سوپۇننىڭ ئورنىغا چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. چۈنكى چىش پاستىسى تەركىبىدە ئىيونلۇق تۇز بولمىغانلىقتىن ، تېرىنى غىدىقلىمايدۇ، ھـەممازغىپىمۇ مول ، شۇنداقلا ھىدىمۇ ناھايىتى خۇشبۇي بولۇپ ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .
6.ياز كۈنلىرى ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا تەمرەتكە چىقىپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا شۇ ئورۇننى ,پاكىز يۇيۇپ،سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
7.ياز كۈنلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت پۇراش كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاسپىرىننى ئېزىپ ،چىش پاستىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ پۇتقا سۈرۈپ قويسىڭىز ، قىچىشىشنى . توختىتىپ ، مىكروپ ئۆلتۈرىدۇ .
8.ياز كۈنلىرى ئادەم كۆپ تەرلەيدۇ ، كۆڭلەكنىڭ ياقا ، يەڭلىرى ئاسان داغ بولىدۇ . ھەم بۇ تەر داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىش تەسكە توختايدۇ . بۇ ۋاقىتتا شۇ ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇۋەتسىڭىز تەر داغلىرى چىقىپ كېتىدۇ .
مەنبە ؛شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلچۈشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 01:39 PM