كەتمىگىن دىسەڭمۇ ئامال يوق بۈگۈن
خوش دىدىڭ ئاددىيلا كەتتىڭ يىراقلاپ،
ۋەدىگە تۈگىمەس جاۋاپنى بېرىپ.
بىلمىدىم نە ئۈچۈن كەلدىڭ يېنىشلاپ،
ۋۇجۇدۇڭ بىردەملىك كەتتىمۇ ئېرىپ.
ئەسلىسەڭ سۈيۈشكە ئەرزىيدۇ ھەممە،
ياش تۈكۈپ ئازاپتىن يۈرگەنلىرىڭمۇ.
پەيتى بار تېتىشنىڭ ۋىسال تەمىنى،
ئۆتكۈنچە ياشلىقتا كۆرگەنلىرىڭمۇ.
ئالدىراپ چىققاندا ئويلا ئىشىكتىن،
لىڭشىماس دەرەخمۇ چىقمىسا شامال.
قەدىرلەپ يۈرەكتىن بەرمىسەڭ مېھىر،
مەڭگۈلۈك ئۇ مىنىڭ دىيىش خام خىيال.
ئارتۇقچە مەنا يوق سەۋىر دىگەندە،
ياشنايدۇ سۆيگۈدە يىشىلىپ تۈگۈن.
كۆڭۈلنى قەدىرسىز بىلسەڭ ناۋادا،
كەتمىگىن دىسەڭمۇ ئامال يوق بۈگۈن.
شىرئەلى مەمەت