بىر گىرامماتكىچى بىلەن كىمىچىنىڭ ھىكايىسى
بۇرۇن بىر ئالىم سەپەرگە چىقىپ ، سەپەر جەريانىدا دېڭىزدىن ئۆتىشكە توغرا كەپتۇ دە كىرا قىلىپ بىر كىمىگە چىقىپتۇ.
بۇ ئالىم كىشى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كىمىچىدىن سوراپتۇ.
-سەن مۇشۇ ئۆمرىڭدە گرامماتىكا ئۆگەندىڭمۇ ،دەپتۇ.
كىمىچى؛ ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۇ ئالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، سېنىڭ ئۆمرىڭ بىھۇدە ئۆتىپ كىتىپتۇ دەپ خېلى پەندى نەسىھەت قىپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان كېمىچىنىڭ كۆڭلى خېلى يېرىم بوپتۇ.ئاچچىقى كەپتۇ،ئۈن چىقارماپتۇ.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتتا قاتتىق شامال چىقىپ كىمىنى باشقا ياققا ھەيدىۋىتىپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن كېمىچى يۇقرى ئاۋاز بىلەن ، ھەي مۇئەللىم، سىز سۇ ئۈزىشنى بىلەمسىز دەپ سوراپتۇ.
ئالىم كىشى- <<ھەي خۇش ئاۋاز ، خۇش چىراي كېمىچى، مەن سۇ ئۈزىشنى بىلمەيتىم >> دەپتۇ.
كېمىچى؛ << ھەي گىرامماتكىچى ئالىم كىمە ھازىر چۆكىپ كېتىدۇ، سىزنىڭ ئۆمرىڭىز بىكار كىتىپتۇ، سۇ ئۈزىشنى ئۈگىنىش كىرەك ئىدى>> دەپتۇ.