بوزتاغ مۇنبىرىنىڭ مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش توغرىسىدا بىلدۈرگۈ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر. ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغا رىغبەت بېرىش بىرلە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى بېيىتىش مەقسىدىدە، بوزتاغ ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى (بوزتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى) بىلەن مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ، «مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. پائالىيەتنىڭ كونكېرت ئەھۋالى مۇنداق :
بىرىنچى، ھەر بىر پەسىلنى بىرلىك قىلغان ئاساستا مۇنبەرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر بويىچە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنى تۇنجى قارار پائالىيەت ھەر پەسىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۈچ ۋاقىت، يەنى بىرىنچى قېتىملىق پائالىيەت 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە مۇنبەرنىڭ «مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە شۇ سەھىپىگە خاس يازمىلىلار يوللىنىدۇ. يوللىنىدىغان ئەسەرلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن يوللىغۇغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى(تەرجىمىسى) بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، «مۆتىۋەر» نامىغا ئاتالغان ئەسەرلەرمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئالاھىدە ياخشى ئەسەرلەرمۇ مەلۇم نىسبەتتە قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، مۇكاپاتلاش شەرتى: ھەر بىر ئاپتورنىڭ‹‹تەرجىماننىڭ››مۆتىۋەر ئەدەبىيات مۇكاتى سەھىپىسىگە يوللىغان تېما سانى ئۈچ ئاي ئىچىدە 150 (بىر پارچە رومانغا سۈپىتىگە قاراپ 50-70 پارچە ئەسەر قاتارىدا، پوۋېستقا 7-10 پارچە ئەسەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ) پارچىغا يەتكەن يوللىغۇچى مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر بوپيىچە 1-، 2-، 3- ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى قاتارلىق تۆت دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. ھەر بىر تۈر ئۈچۈن بىر نەپەر 1-دەرىجە، ئىككى نەپەر 2-دەرىجە، ئۈچ نەپەر 3-دەرىجە ۋە ئالتە نەپەر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بۇ پائالىيەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ چىقىرىدۇ. شۇڭا مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ «مۆتىۋەر» كىيىم-كېچەكلىرى مۇكاپات بۇيۇمى قىلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 2000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈررۈش مۆتىۋەر كىيىمى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 1000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش مۆتىۋەر كىيىمى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 500 يۈەن قىممىتىدىكى مۆتىۋەر كىيىمى، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا 200 يۈەن قىممىتىدىكى مۆتىۋەر كىيىمى بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى، ھەر پەسىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە پەسىل ئاخىردىكى ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى رەتلەش، باھالاش باشلىنىدۇ، باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك يازغۇچى، تەرجىمان ۋە ئەدىپلەر تەكلىپ قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بەشىنچى، مۇكاپاتلىق ئەسەر بوزتاغ مۇنبىرىنىڭ مۆتىۋەر مۇكاپاتلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ، سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەر مۇكاپات پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئەسەر دەپ قارىلىدۇ، باشقا سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەر مۇكاپات پائالىيىتىگە قاتناشمايدۇ.
ئالتىنچى، باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر ئاپتورلىرى ھەر پەسىلنىڭ ئاخىرقى ئېيىنىڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتلىق سەھىپىگە يوللىغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى پىرىسلاپ مۇنبەر ھەيئىتىگە يوللاپ بېرىدۇ.
يەتتىنچى، تۇنجى قارارلىق مۇكاپات نەتىجىسى بوزتاغ شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى قارارلارنىڭ نەتىجىسى ئىككىنچى پەسىلنىڭ بىرىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرى مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
‹‹مۆتىۋەر››مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللانغان ۋە مەزكۇر پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ‹‹بوزتاغ›› مۇنبىرى كوللىگىيىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ئورۇنلارغا كۈچۈرۈپ ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئەدىب، تەرجىمان ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ مۆتىۋەر خەلقئارا سۇدا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى بوزتاغ ئەدەبىي تەرجىمە چەكلىك شىركىتى (بوزتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 12:27 AM