|
ئۇستازىم ماڭا مۇنداق ئىشتىن بىرنى سۆزلەپ بەردى:
مەن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن قوشنامنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن بىر نەرسە ئېلىپ, ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن بۇ ئىشنى كۆرۈپ داڭقېتىپ قالدىم. قوشنامنىڭ خاپىلىقىنى مەن بىلمەي قالدىممۇ, نېمە؟ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى يوقلىغىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە ئۇ مېنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۆيىگە قارىسام ئۇنىڭ پۇلدارلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا كۆرگەن ئىشنى دېدىم. ئۇ: مەن ئەخلەت ساندۇقىدا يېگىلى بولىدىغان تاماق كۆردۈم. ئۇنىڭ تاشلىنىپ كېتىشدىن قورقتۇم. بۇنىڭ بىلەن تاماقنى ئۆيگە ئېلىپ كىردىم, دېدى.
ئۇ: مەن سىلىگە بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق ئىشتىن بىرنى دەپ بېرەي دەپ, سۆزىنى باشلىدى, مەن بېشىمدىن ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئاجلىقنى ئۆتكۈزگەن ئىدىم. مەن شۇنىڭدىن بېرى قانداق تاماق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قەدىرلەشنى, قەتئىي ئىسراپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ئەھدە قىلغان ئىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: مەن مەككىدىكى ۋاقتىمدا مېنى قاتتىق ئېغىر يوقسۇزلۇق بېسىۋالدى. مېنىڭ ئايالىم, قىزىم بار ئىدى. تاڭ يورۇماستا ئىش ئىزدەپ ئۆيدىن چىقاتتىم. مەن قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش تاپالمايتتىم. كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئايالىم بىلەن قىزىم مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. ئۇلار قوللىرىمغا قارايتتى. ئەمما, مەن قۇرۇق قول قايتىپ كېلەتتىم. بۇغدايچىلىك بىر نەرسە يېمەي ئۈچ كۈن ئۆتتى. مەن ئويلىنىپ كۆردۈم. كاللامغا شۇنداق بىر ئىش كەلدى. ئاندىن ئايالىمغا: قاچانغىچە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ ئاجلىق بىزنى تۈگەشتۇرۋاتتى. قىزىمىز بۇنىڭغا چىدىيالمايدۇ, ئۇنى ئوبدان ياساندۇرۇپ قويساڭ, بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ, ئۇنى ساتقان پۇلغا تاماق سېتىۋالساق بوپتىكەن. قىزىمىزنى سېتىۋالغانلارمۇ ئۇنى ئاچ قويماس, بىزمۇ ئاجلىقتىن ئامان قالارمىز, دېدىم. ئايالىم باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى. مەن بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇنىمۇ قايىل قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن قىزىمنى بازارغا ئېلىپ باردىم. بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ, باھا تالىشىپ يۈرۈپ 12 رىيال كۈمۈشكە سېتىۋالدى.
مەن پۇلنى قولۇمغا ئېلىپلا خورما بازىرىغا چاپتىم. ئىككى رىيالغا بىر سېۋەت خورما سېتىۋالدىم. ئاجلىقتىن ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇدەك ھالىم قالمىغان ئىدى. ئۇنى ھاممالغا كۆتەرتتىم. مەن ئالدىراپ مېڭىپتىمەن. ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسام ھاممال يوق تۇرىدۇ. كەينىمگە يېنىپ ئۇنى ئىزدىسەم ھېچ يەردىن تاپالمىدىم. بولدىلا دەپ, بازارغا كىرىپ, بىر سېۋەت خورما ئالاي دەپ يانجۇقۇمنى مالتىلىسام پۇل يوق تۇرىدۇ. بېشىمغا بىر تاغ چۈشكەندەك بولدۇم. بۇنىڭ بىلەن ھەرەمگە كىردىم. تاۋاپقا كىرسەم, قىزىمنى سېتىۋالغان بەدەۋىي تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ھېلى تاۋاپتىن يېنىپ ماڭغاندا كەينىدىن پايلاپ مېڭىپ, ئۇ بىرە جىلغىغا كىرگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىپ قىزىمنى ئېلىۋالاي دېگەن ئويغا كەلدىم. مەن تاۋاپ قىلىۋاتقاندا ئۇ مېنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ تاۋاپنى قىلىپ بولۇپ, ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇدى. مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇدۇم. ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن, ئۇ ماڭا قاراپ, سەن ماڭا سېتىپ بەرگەن قىز نېمەڭ بولىدۇ؟ دېدى.
مەن: ئۆيدىكى چۆرە, دېدىم.
ئۇ: ئۇ سېنىڭ قىزىڭ ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم, دېدى.
مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى, بىز ئۈچ-كېچە كۈندۈز ھېچنېمە يېمىدۇق. بىز ئاجلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقتۇق. قىزىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ, جېنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالايلى دېدۇق, دېدىم. ئاندىن بازاردا بولغان ئىشلارنى دېدىم.
ئۇ: قىزىڭنى قايتۇرۇپ ئالغىن. ئىككىنچى بۇنداق ئىشنى قەتئىي قىلمىغىن, دېدى. يېنىدىن بىر ھەمياننى ئېلىپ, ئۇنىڭدىكى 30 رىيالنى ئالدى ۋە بۇنى تەڭ بۈلىشەيلى دەپ, ماڭا 15 رىيال بەردى. مەن بەك خۇش بوپكەتتىم ۋە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا كۆپ ھەمدۇ ئېيتتىم. قىزىمنى ئېلىپ بازارغا باردىم. ھېلىقى ھاممالنىمۇ كۆردۈم. مەن ئۇنىڭغا: قېنى سەن؟ دېدىم. ئۇ: باياتىن سىلە بەك تېز ماڭدىلا, مەن كەينىلىرىدىن يېتىشەلمەي يولدىن ئېزىقىپ كەتتىم. بازارغا قايتىپ بېرىپ, سىلىنى ئىزدەپ باقاي دەپ, بازارغا كەلدىم. خۇداغا شۇكرى سىلىنى تاپتىم, دېدى. مەن ئۇنىڭغا: يۈر ئۆيگە بارىمىز, دېدىم. ھاممال سېۋەتتىكى خورمىنى بىر قاچىغا تۆكىۋاتقاندا مەن يۈتتۈرۈپ قويغان ئون رىيال پۇلمۇ خورمىنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتىدۇ. مەن قاتتىق خۇش بوپكەتتىم. ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ-سانا ئېيتتىم. بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بارلىقىنى بىلدىم. مانا شۇنىڭدىن بېرى تاماق ئىسراپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ئەھدە قىلدىم, دېدى.
|
|