يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن
ئۇيغۇن
ھىكايە
مۇئاۋىن رەئىس جەمىيەتتە بولۇپمۇ تور بەتلىرىدە غۇل-غۇلا بولىۋاتقان مائارىپ سېستىمىسىدا مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىش توغرىسىدا بىرەر ئىش قىلمىسا بولمايدىغىنىنى تونۇپ يەتتىدە ،ھەيئەتلەر ۋە مائارىپ نازارىتىدىكىلەرنى يىغىپ يىغىن چاقىرىپ ، مائارىپ سېستىمىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تور بەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنغىنىدەك ئېغىر ياكى ئۇنچە ئەمەسلىكى توغرىلىق پىكىر ئېلىپ مۇزاكىرە قىلىشقاندىن كېيىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەمىلى ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلماقچى بولۇشتى ۋە تۆۋەنگە چۈشىدىغان ئورۇن، كۈننى بېكىتىپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۇ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ قېتىملىق تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىلىق ئويلىنىشقا باشلىدى. تۆۋەندە نۇرغۇن ناھەقچىلىك، ساختىپەزلىك، يالغان مەلۇمات بىرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە مائارىپ ساھەسىدە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر كىشىنى ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى مەسىلىسىدە ئەنسىرىتىدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ «قوش تىل»ئوقۇتۇشىدا مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەنلەر ئاساسى جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلە بارلىقىنى بايقىمايدۇ. ياكى بايقالسىمۇ ئايرىم ئەھۋال دەپ قارىلىپ ئېتىبارغا ئىلىنمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە ؟ يۇقۇرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەنلەر كېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تەكشۇرۇپ بارىدىغانلىقى توغرىلىق ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ. نەتىجىدە تۇۋەندىكى ئاساسى قاتلام رەھبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنىڭ يوققا چىقىشىدىن ئەنسىرەپ يالغان نەق مەيدان ياساشقا تۇتۇش قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرىدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆرىدىغىنى ئەمىلىيەتتىن يىراق بولغان، قوراشتۇرۇلغان ساقتا نەق مەيدان. نەتىجىدە يۇقۇرىدىن كەلگەنلەر تۇۋەندىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بىرىشىپ، ياخشى تەجرىبە ساۋاقلارغا ئېرىشىپ، ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنىمى بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇشۇپ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش،داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىرلىككە كىلىشىپ قايتىشىدۇ. بۇنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟
يۇقۇرىدىن خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەنلەر ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىن بىكىتكەن ئورۇنلارغا بارغاندىن سىرت، ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ نۇقتا بېكىتىلمىگەن ئورۇنلارنىمۇ تەكشۈرۈپ باقسا ھەممە ئىش مانا مەن دەپ ئاشكارا بولۇپ قالاتتى.لېكىن ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. نىمىشكە؟
1-دىن ئۆزىنى ئۆز ئچىگە ئالغان ھالدا ھازىرقى ھوقۇق تۇتىۋاتقانلار ئىلگىرىكى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشكەنلەر، ئۇلار ئاشۇ بۇرۇنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن يۇقىرى-توۋەن، ئوڭ-سول مۇناسىۋەت تورىنى ساقلاپ قالمىسا بولمايدۇ. چۈنكى ئاشۇ رەھبەرمۇ ئۆز ئارا قوللاشقا موھتاج.
2-دىن تۆۋەندىكى ناتوغرا ساختىلىق يوشۇرۇنغان ئىشلار بەلكىم بىرقەدەر ئومۇميۈزلىك بولىشى مۇمكىن . بولۇپمۇ «قوش تىل»مائارىپىدا. ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر مەلۇم ۋىلايەتتىكى مەلۇم ناھىيىگە چۈشۈپ ھەقىقى بولغان ئەمىلى ئەھۋالنى بىلسە قانداق بولىدۇ؟ بەلكىم شۇ ناھىيىنىڭ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ساختىلىق بىلەن ماختىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرى يوققا چىقىپ، ئۇنىڭ تەسىرى ناھىيىلىك ھوكىمەت-پارتكوملارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ ۋىلايەتنىڭ خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن بولىدۇ. نەتىجىدە يۇقىرى توۋەن بولۇپ بىرقاتار كىشىلەر ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق پېشكەللىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئەلۋەتتە خۇشال بولمايدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن باشقا ۋىلايەتنىمۇ تەكشۇرۇپ بېقىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇ ئىش ئاخىرىغا بېرىپ بىر ۋىلايەتنىڭ ئىشى بىلەن تۇگۇمەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى كىم؟ يەنىلا ئۆزنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىگىنىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
3-بۇ ئەسلى ئىلگىرىكى رەھبەرلەرنىڭ سىياسەت خارەكتىرلىك ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بولۇپ، بۇ خىزمەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە بۇ سىياسەتتىن مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ پۈتكۈل سىياسى خىزمەتكە تەسىر يېتەتتى، بۇنداق بولغاندا سىياسى جەھەتتىنلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ئىلگىرىكى رەھبەرلەرنى رەنجىتكەندىن باشقا يۇقىرى تۆۋەن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنى پالاكەتكە يولۇقتۇرۇشى تەبى ئىدى.
ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ زادى قانداق قىلىشنى بىر قارارغا كىلەلمەي، <<بولدىلا يولدا ماڭغاچ ئويلىناي بىر گەپ بولار>> دەپ چارچىغاندا بىردەمدىلا ئۇيقىغا غەرق بولدى.
ناھىيىدىكىلەر ۋىلايەتنىڭ <يۇقۇرىدىن باشلىق كىلىدىكەن، ناھىيەڭلاردىكى ئەڭ چەت يېزىدىكى بىر مەكتەپنى نۇقتا قىلىپ ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويارسىلەر> دېگەن تېلىفون ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ناھىيىدىكى ئەڭ چەت شارائىتى ناچار بولغان يېزىنى تاللىدى-دە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار بىر بولۇگ خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مەكتەپنىڭ توپا بېسىپ كەتكەن مەيدانلىرىنى تۇزلەپ پول خىشلارنى ياتقۇزدى، مەكتەپنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئاقارتىپ تەييار قىلىشتى، ئۈزۈندە ۋىۋىسكىلارنى جاي-جايلىرىغا قويۇشۇپ بىزەپ چىقىشتى. موھىت مەسىلىسىىغۇ ھەل بولدى ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر باشلىقلاردىن بىرەرسى ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سوراپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇلار بۇنىڭمۇ چارىسىنى تاپتى. مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بىركۈن قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەپ ئەكىلىپ، بىر سىنىپنى توشقۇزدى-دە ئۇلارغا قانداق قىلىش توغرىلىق تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ تەييارلىقلار ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ باشلىقنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشۈپلا قالدى.
مۇئاۋىن رەئىس ئەسلى بىكىتىلگەن كۈنى خىزمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ <<س>> ۋىلايىتىگە قاراپ ئاتلاندى. سەپەر ئۇستىدە ئۇنىڭ يان تېلېفونى بىكار قالمىدى.بىردەم كەلگەن تېلېفونلارغا جاۋاب قايتۇراتتى، بىردەم باشقىلارغا تېلېفون قىلىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بولمىدى. ئۇلار ئاخىرى <<س>> ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى شەھىرىگە يىتىپ كەلدى،
ۋالىلار يېتەكچىلىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن چىققانلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى. مۇئاۋىن رەئىس ۋىلايەتتىن ئورۇنلاشتۇرغان مېھمانخانا ياتىقىدا ئارام ئالغاچ ۋالىدىن ئەھۋال ئىگەللىدى.
- خەۋەرلىرىدە بار، بۇ قېتىم بىز ئاساسلىق مائارىپ خىزمىتىدىكى، بولۇپمۇ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان «قوش تىل» مۇئارب خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەخسىتىدە كەلدۇق، سىلىچە ئەھۋال قانچىلىك دەرىجىدە-دۇر؟
-مۇئاۋىن رەئىس چىكىپ بېقىش غەرىزىدە بۇ سۇئالنى سورىدى. -راس گەپنى قىلغاندا مەسىلىلەر يوق ئەمەس،- ۋالى مۇئاۋىن رەئىسنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن ئاللىقاچان خەۋەرلىك ئىكەنلىگىنى، يوشۇرۇشنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىگىنى ئوبدانلا بىلەتتى-بۇ ھازىر ئومۇمى ئومۇمىيۈزلىك ئەھۋال بولۇپ قالدى. بىزنىڭ ۋىلايىتىمىزدىلا ئەمەس باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇشۇ ساھەدىكى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل بولىشى، بۇنداق ئەھۋال پەقەت قىسقا مەزگىللىك كىيىنچە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
مۇئاۋىن رەئىس ۋالىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن رازى بولۇپ << ھىم>> دەپلا قويدى-دە باشقا گەپ قىلمىدى. ۋالىمۇ باشلىقنىڭ ئەمدى ئارام ئالغۇسى بالىقىنى بىلىپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى ئۇلار ۋىلايەتتىن بىكىتكەن ناھىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ناھىيىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ناھىيىدە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ قىسقىچە دۇكىلاتىنى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن ھېلىقى ناھىيىنىڭ چېتىگە جايلاشقان يېزا مەكتىۋىگە قاراپ يول ئالدى. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ رەتلىك، پاكىزە،ئەسلىھەلىرىنىڭ تەلەپكە لايىق ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ مۇئاۋىن ۋالىنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنىيەتلىك ئىپادىلەندى.
مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات بەردى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنلۈك ئاۋاز بىلەن دەرسى ئوقۇۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان دەرسخانىغا باشلاپ كىردى. بالىلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىگىدە خەنزۇ تىلىدىن جانلىق خاتاسىز ھالدا ئونلىك ئاۋاز بىلەن دوسكىدىكى خەتلەرنى ئوقۇۋاتاتتى، تەكشۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەرنى كۆرۈپ بالىلار جىم بولۇشتى.
-ھە ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر!...
-شوۋ جاڭ خاۋ...! (رەھبەرلەر ياخشىمۇ سىلەر)
مۇئاۋىن رەئىس ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرقانچە ئاددى سۆزلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئوقۇغۇچىلار ھەممىسىگە لايىغىدا جاۋاب بىرىشتى. مۇئاۋىن رەئىس مەمنۇن بولغان ھالدا بۇ مەكتەپنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش ۋە يەسلى مائارىپى خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇ قېتىملىق تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىشقا سەپەر قىلدى.
قايتىش سەپىرىدە ئۇ << ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە سەپىرىنىڭ يونىلىشىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر يېزا مەكتەپلىرىنىمۇ كۆرۈپ كىلىشنى ئېيتسا ئەھۋال قانداق بولۇپ كىتەر؟ ھەي بولدىلا يېپىق قازان يېپىق پېتى قېلىۋەرسۇن بۇنداق قىلسام ئۆز خىزمىتىمنى ئۆزۈم ئنكار قىلغان بولمامدىمەن ؟ يەنە بىرمۇنچىلىغان ئاۋارىچىلىقنى تاپقىچە مۇشۇ ياخشى نەتىجىنى كەڭ تۇردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بەزى جايلاردىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئايرىم ئەھۋال، ۋاقىتلىق ئىش ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۇش ئارقىلىق ۋاقىتلىق بولسىمۇ قاينىغان قازاننى جىمىقتۇرۇش مەقسىدىگە يەتمەمدىم >> دېگەن خىيال بىلەن ئۆز سەپىرىنى داۋام ئەتتى.
ھەي... <<ئاشۇ ئايرىم ئەھۋال، ۋاقىتلىق ئىش>> قانچىلىغان بالىلىرىمىزنى چالا ساۋات قىلىپ قويار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 10:22 PM